ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار،روزا ھېيىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ھېيىتلىق سۈپىتىدە ئۈزۈم توپلىغان پەندى -نەسھەتلەرنى سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم،ياقتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن!
1.ھەركىمنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىغا ئۈزىنىڭ پېئىل-ئىتىبارى سەۋەپچى بولىدۇ.
2.ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى مەيلى ئۇ ئىنسان ياخشى ئەمەلنى ئاز قىلسۇن ياكى كۆپ قىلسۇن، گۈزەل ئەمەلىيتىگە باغلىق! كىشلەرنى ھۆرمەت قىل، سەن باشقىلارغا ھۆرمەت قىلساڭلا ئاندىن باشقىلاردىن ھۆرمەت كۈرەلەيسەن!
3.زاماننىڭ ھاتەملىرى سانىلىدىغان ئەرلەر_ مۇھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان، دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن، بىناۋالارنىڭ كۆڭلىنى ئالغان، ھەق سۆزنى ئېيتقان كىشلەرنى ھىمايە قىلالىغان ئەرلەردۇر.
4. كىشىدىن تەمە قىلماق گويا ئۈكۈزدىن سۈت، مۇزدىن ئوت تەمە قىلغان بىلەن باراۋەردۇر، خۇدا بىزنى قانائەتلىك قىلغىن!
5. ئەگەر ئادەم ئۈزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۈزى ئاشكارىلاپ بولۇپ، ئۇنى <يېيىۋەتتى> دەپ باشقىلارنى ئەيىبلىسە، ئۇ ئەخمەقتۇر، چۈنكى ئۈزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆز قەلبى سىغدۇرالمىسا، باشقىلارنىڭ قەلبى قانداقمۇ سىغدۇرالىسۇن؟!
6. ئىلىم تەلەپ قىلماق_ خاھ ئەركىشى، خاھ ئايال كىشىگە پەرزدۇر، ئىلىم دۇنيا ۋە ئاخىرەتتكى سائادەتكە سەۋەپچىدۇر.
7. نەپىس شۇنداق بالادۇركى، ئەگەر ئەقىل ئۇنىڭغا شاھلىق قىلالمىسا، ئادەمنى ئىتتىنمۇ پەسلەشتۈرىۋىتىدۇ، خۇدا، نەپسى بالاسىدىن ساقلىغايسەن!
8.ياخشىلىققا يات، مال-دۇنياغا مايىل بولۇپ، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۈزىگە سۈرتۈپ ئۆتكەن غېنىلەر ـ ياخشى يولغا مېڭىشتىن باش تارتقان جىنايەتكارلاردۇر، ئۆز مېلىدىن ئۆشرە-زاكات ئايرىمىغان بايلار-خىيانەتكارلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ قولىدىكى مال-ئامانەتدارنىڭ قولىدىكى مالغا ئوخشاش ئۈزىگە ئەسقاتمايدۇ-ئۇلار ئۈلىدۇ، مېلى قالىدۇ.
9.سۆز زىننەتدۇر، سۈكۈت بولسا خاتىرجەملىكتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ سۆزلىمە، مەن سۈكۈت قىلغىنىمغا بىر قېتىممۇ پۇشايمان يېمىدىم، ئەمما، سۆزلىگىنىمگە كۆپ قېتىم پۇشايمان يىدىم.
10. نادان ئانىنىڭ تەربىيسىدە بالا يامان خۇلۇق-نادانلىق كەسپ قىلۇر، كىچىكلىكتە ئورناشقان يامان خۇلق ۋە نادانلىقنى تۈگەتمەك مۇشەققەتتۇر، ئەگەر ئانىسى ئوقۇغان، بىلگەن بولسا، بالىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيە قىلۇر، كىچىكىدە تەربىيە كۆرگەن بالا چوڭ بولغاندا كامالەت ھاسىل قىلمىقى ئاسان بولۇر.
11.گۈل شۇنچە باراقسان ھەم خۇشپۇراق ئېچىلغان بولسىمۇ، ئاخىرى توزۇپ چېچىلىشتىن خالى قالمىدى، ئادەمنىڭ ئۆمرى شۇن گۈلنىڭ ئېچىلىشىدىن توزۇغانچىلىك ۋاقىتتۇر، مۇشۇنچىلىك ۋاقىتنى غەنىمەت بىلمەي، كۈڭۈللەرنى ئورۇنسىز رەشك-ھەسەت زەردابلىرى بىلەن ئۇپرىتىشتىن بىزگە نىمە پايدا بار؟
12.ھەرقانداق بىر ئىش ياخشى نىيەت بىلەن بولمىسا، ئۇ قىلچە پايدا بەرمەيلا قالماستىن، بەلكى يامان ئاقىۋەتكە گىرىپتار قىلىدۇ.
13. نىيەت قانچە ياخشى بولسىمۇ، پايدىلىق ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، كامالەتكە يىتەلمەيدۇ.
14. ئەقىل، بىلىم، ئەخلاق خارلانغان جايدا، نەپس ۋە نادانلىقنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى مۇقەررەر.
15.دۈشمىنىڭدىن بىر قېتىم ئىھتىيات قىلساڭ، دوستۇڭدىن يۈز قېتىم ئىھتىيات قىل، كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوستۇڭ دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالسا، زىيان سېلىشتا دۈشمەندىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ.
16.مۇھەببەت-ۋاپادارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، مۇھەببەت ئەھلىگە گۈزەل ئەخلاقلىق، ئېسىل تەبىئەتلىك كىشلەردىن باشقىسى كىرەك ئەمەس.
17.كۆڭلىدە باشقىلارغا قارا ساناپ ھىلە-مىكىردە ياشىغان كىشى، كىچە-كۈندۈز ئىبادەت قىلىپ، ئاجىزلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ھەقنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي!
18.بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندىكى ئالقىنىنى يۇمۇۋالغانلىغى ھاياتلىقتىكى ھېرىسمەنلىكنىڭ بىشارىتىدۇر، ئۈلەر ۋاقتىدا ئالقىنىنى ئېچىپ قويغانلىغى بولسا ‹ئاگاھ بولۇڭلار، مەن دۇنيادىن ھىچنەرسە ئالماي كەتتىم› دىگىنىنىڭ بىشارىتىدۇر.
19. كىشىنىڭ تېنىدە ئەقىل بىلەن نەپس دائىم ئېلىشىش ئۈستىدىدۇر، نەپس ئادەمنى ھوزۇر-ھالاۋەتلەر، ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپالار قىزىقتۇرۇپ تۇرغان غاپىللىق يولىغا تارتسا، ئەقىل ئادەمنى زاماننىڭ ناشايان ھالاۋەتلىرىگە بىرىلمەسلىككە، ھەرقاچان غاپىللىقتىن ھۇشيار تۇرماققا تارتىدۇ، كىمدە ئەقىل غالىپ بولسا، ئۈمۈر بويى پۇشايمان نادامىتىدىن خالى ھالدا شاد-خۇراملىققا ھەمراھ بولۇپ ئۈتىدۇ، نەپس غالىپ بولغان كىشى بولسا، ئاخىرىغىچە تەمە خارلىغى بىلەن ئۈتىدۇ.
20.ئەقلىڭدىن مەسلىھەت سورا، ئەقىلدىن باشقىسىنى كىرەكسىز ھىساپلا.
21. خارلارنىڭ خار تۇرمۇشقا رازى بولۇشى ئۇلارنى تېخىمۇ خارلاشتۇرىدۇ. دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۇلۇغ كىشى دۇنيادا باشقىلارغا تايانمايدىغان كىشىدۇر.
22.شۇنداقمۇ ئاياللار باركى، بىھايا ۋە بىنامازلىقتا ئالدىدا تۇرىدۇ، زۇۋاندارلىقتا ھىچكىم ئۇلارغا يېتىشەلمەيدۇ، بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ كۆڭلى ھەرقاچان پاراكەندە تۇرىدۇ، مۇنداق ئاياللار ئەرلەر ئۈچۈن ئاپەت بولۇپ، ھەرقاچان ھەزەر قىلماق لازىمدۇر.
23.كىتاپ ئوقۇغان كىشى تەپەككۇرنى ھەمراھ قىلماي، كىتاپنىڭ شەرھى-ئىزاھىغىلا ئېسىۋالسا، گويا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
24.ياخشى نىيەت، ياخشى ئەمەللەر:ئىخلاسقا ، پاكىزلىققا رىئايە قىلىش، ئىبادەت، ئىتتىپاقلىق، ئۇيۇشقاقلىق، نەسھەت، دوستلۇق ۋە ئىنساپ ئادالەت، كىڭىشىش، دىلنى خىيانەت ۋە ئاداۋەتتىن پاك قىلىش.سېخىيلىق، ئىسلاھ قىلىش روھى بولۇش، چىداملىق ۋە ئېغىر-بېسىق بولۇش، گۈزەل ئەخلاقى-پەىزلەتكە ئىگە بولۇش، ئۆز-ئارا كۈيۈنۈش ۋە ياردەم بىرىش، ياخشى ئىشلارغا ئىنتىلىش، ئىھتىياتچان ۋە ئىشەنچلىك بولۇش، ئىلىم ئۈگىنىش ۋە باشقىلارغا ئۈگىتىش، ئىنسانى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرۈش، باشقىلارغا مەنپەت يەتكۈزۈش، كۈيۈمچانلىق، ساداقەتلىك، كەڭ قوللۇق، ساخاۋەتلىك، ياخشىلىق، تەدبىرلىك، راستچىللىق، ھەر ئىشنى توغرا يوليۇرۇققا بىنائەن قىلىش، ياخشى يولغا مېڭىش، يامان يولدىن قايتىش قاتارلىقلاردۇر.
مەنبە: ‹ئابدۇقادىر داموللامنىڭ نەسھەتلىرى›دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.