مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kilyang

ئىشخانا ئەخلاقى توغىرسىدا يۈرەك سۆزلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياۋا ئات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7490
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2221 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 01:03:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشخانىدىكى يەنە ئىككى ئىش ئادەمنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ، كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويىدۇ، شەخسەن مېنىڭ:
1. باشقا ئىشخانىغا ئىش بىجىرگىلى كەلگەندە، باشقا ئىشخانىدا تونۇشلىرىڭىز بولسىمۇ، كۆرۈشۈپلا قايتىڭ، ھەرگىزمۇ ئىشخانىغا بر كىرىۋالغانچە، قۇرۇق گەپ قىلىپ ئولتۇرماڭ. چۈنكى، بۇ دىگەن ئىشخانا، پاراڭ خانا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ ئىشى بار، ھېچ بولمىسا، ئارام ئېلىپ ئولتۇرغاندۇ، كۆڭلى ئادەم خالىماي ئولتۇرغاندۇ. (ئەگەر قارشى تەرەپ سىزنى كۆڭلى تارتىپ پاراڭلاشقۇسى بولسا، ئۇ چاغدا چوقۇم سىزنى قويۇپ بەرمەيدۇ، سىزنى يەنە بىر دەم ئولتۇرۇشقا قايتا قايتا تەكلىپ قىلىدۇ)
2. باشقىلارنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندە كومپىيۇتىرىنى، ئىشخانىنىڭ تېلفۇنىنى ئامال بار ئىشلەتمەڭ، ئىشلەتسىڭىزمۇ، ۋاقىت ئىنتايىن قىسقا بولسۇن، بولمىسا، ئاسانلا خەقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايسىز(ئەگەر يېقىن دوستىڭىز بولوپ، سىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغان بولسا، ئۇنىڭ يولى بۆلەك)

بايا ئىشخانامغا بىر ساۋاقدىشىم كىرىپتۇ، ياندىكى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا كىرىپتىكەن، مېنىڭ ئىشخانامدا بارلىقىمنى كۆرۈپ كىرىپتۇ. تېلفۇننى ئىشلىتىۋالاي دەيدۇ، ماقۇل دېدىم، ساق 24 مىنۇت پاراڭلاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋازى يۇقىرى. مەن بۈگۈن چۈشتىن كىيىن ناھىيەدە ئېچىلىدىغان مۇقىملىق يىغىنى ئۈچۈن جىددىي دوكلات ماتىريالى يېزىۋاتاتتىم. كاللام ۋاراڭشىپ كەتتى، پىكرىم چېچىلدى، شۇنداق بولسىمۇ، بەرداشلىق بېرىپ يېزى ۋەردىم. خۇداغا شۈكرى، تېلفۇن تۈگىدى. ئەمدى نۆۋەت كومپىيۇتىرغا كەپتۇ. ئامال يوق، يەنە بىر كومپىيۇتىرنى قوزغىتىپ بەردىم. جىددىي ماتىريال يازماقتىمەن، پۈتۈن دېققىتىم شۇ ماتىريالدا.
ئۇ نىمىش قىلدى بىلەمسىز؟ توردىكى خەۋەرلەرنى ماڭا ئوقۇپ بېرىشكە باشلىدى:
xxx ماركىلىق ماشىنا 100 كىلومىتىر سۈرئەتكە چىقىش ئۈچۈن 2.5 سىكونت كېتىدىكەن، جىق پۇلىمىز بولسا، ئالساق ھە؟
مەن: ھىم..............
پالانى يەردە ماشىنا ئۆرۈلۈپ كېتىپتۇ قايلا....
مەن: ھىم......
تاغامنىڭ جەمەتىدىن 5 بالا شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئۆتۈپتىكەن قايلا، 2سى قىز، 3 ئوغۇل كەن.......
يا ئاللا، ماكاسكىنىڭ زۇۋانى ئەمدى توختىماي ۋاتىلداشقا باشلىدى، كاللام يەنە ۋاراڭشىشقا باشلىدى......
ئۇنىڭ گېپى قۇلاققا كىرمەيۋاتاتتى، ئەمما پىكىرىم خۇددى تېرىقتەك چېچىلدى. ئۇف، خۇداغا شۈكرى، ماتىريالمۇ پۈتتى. باشلىققا دوكلات قىلدىم، ۋە يەنە يېڭى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم:
رامىزان مەزگىلدە سەھەردە چىرىقى يورتۇلۇپ، تىزىملىككە چۈشكەنلەرنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى يازىدىكەنمەن. بۇ، يەنە بىر زىل ماتىريال، قالايمىقان جۆيلۈپ يېزىشقا بولمايدۇ.
يەنە باشلىدىم، تېلفۇننى قويۇپ، يەنە ماتىريال يېزىشقا باشلىسام، ئۇمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان گېپىنى باشلىدى.
ئۇ بايا ئىشىكتىن كىرىپ مەن بىلەن سالاملاشقاندىن كىيىن، ئەمدىلا ئاغزىنى ئېچىپ ئىككى يۇتۇم ئىچىپ قويۇپ قويغان قىزىل چېيىمنى غورتىلدىتىپ ئىچىپ، ئاشۇرۇپ قويغان ئىدى، ئۇ ئىچىپ قويغاننى ئىچكىم كەلمەي، ئاچچىقىم كېلىپ بىر ئىستاكانغا چاي دەملەپ قويغان ئىدىم، مانا ئەمدى كېلىپ ئىستاكاندىكى دەملىگەن چېيىمنى ئىككى ئوتلىدى دە، «تەمى خىېلى ياخشى چايكەن» دىدى ۋە «سەن ئالدىراش ئىكەنسەن، مەن چىقاي، خوش ئەمىسە» دەپ چىقىپ كەتتى...............
ھەي بالىلار، ئاشۇنداق ئىشنى سىلەر قىلىپ قالماڭلار، بەك دىققەت قىلىڭلار.................

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82600
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3320
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 02:02:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر پەقەت دىققەت قىلمايدۇ. قايسى كۈنى قورغاس ناھىيەلىك سوتقا بىر ئىشنى بىجىرگىلى بارسام دىلۇ تۇرغۇزۇش كوللۇگىيەسىدىكى مىللىچە دىلۇلارغا مەسئۇل ئادەم كەلمەپتۇ. ساقلىدۇق. تىلپوننمۇ قىلدۇق...بىر چاغدا چاچلىرى ئۇششاق يۇڭدەك بۇدرە قىلىنغان بىر قازاق ئايال ئىشخانىدا پەيدا بولدى. ئۇ ھە دەپ چاچالىرىنە ئىككى قولى بىلەن ئۇياق بۇياققا سىلكىيتى. قارىغاندا مونچىغا چۈشۈپلا كەلگەن ئوخشايدۇ. بىزنى ئولتۇرشغۇزۇپ قويۇپ، ئىككى قولىنى ئىگىز كۆتىرىپ ، ھول چىچىغا بىر خىل چاچ مىيىنى سۈرتكىلى تۇرغان ئىدى، قولتۇقىدىكى تۈكلەر ئىنىق كۆرىنىپ قالدى. ھىلىقى چاچ مىيىنىڭ ماركىسى نىمە بولغىيتى بەك سىسىق پۇراق چىقاتتى. بىر چاغدا بىزگە قاراپ گىپىمىزنى باشلا باشلىماي « بولمايدۇ ، بولمايدۇ »دىدىمغۇ دىگەنتى، بۇنداق ساپاسىز ئادەمگە گەپ قىلىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىەىنى بىلىپ، ئۇدۇللا باشلىقىنى ئىزدەش ئۈچۈن چىقىپ كەتتۇق.
يەنە ئىشخانىغا ھىلىقى كۆت بەل ئىشتاننى كىيىپ كىلىدىغانلاردىن جاق تويغان بىر چاغلارد، يەرگە شۇنداق ئىڭىشسىلا كاسسىنىڭ ئىرىقى كۆرىنىپ قالغان. خۇددى باشقا ئادەمدە يوق بولغاچقا كۆز كۆز قىلغاندەك................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82600
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3320
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 02:06:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yawaat0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-20 01:03 PM
ئىشخانىدىكى يەنە ئىككى ئىش ئادەمنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ،  ...

سىزنىڭ ئىشىڭىز چاتاقكەن ئەمسە بىزنىڭ خىزمەت رايۇنىغا  ئارتۇق ئادەم كىرگۈزمەيدۇ. ساپلا خىزمەتچىلەر ئىشخانىسىدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ.
بۇرۇن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىزنىڭمۇ ھەممە تەرەپ ئوچۇقتى. دەۋاگەرلەر بىز ئىشىكنى ئىچىشىمىزغىلا ئىشخانىگە بىللە كىرىپ بىر ئولتۇرۋالسا بىز ئىشتىن چۈشكەن چاغدا بىللە قايتىپ كېتەتتى. ھەي شۇ چاغلاردىكى ئىش ئۈنۈمى قانداق بولغىيتى توۋۋا دەيمەن.

ياۋا ئات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7490
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2221 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 10:26:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gilasmurabbasi يوللىغان ۋاقتى  2012-8-20 02:06 PM
سىزنىڭ ئىشىڭىز چاتاقكەن ئەمسە بىزنىڭ خىزمەت رايۇنىغا ...

مائارىپ ئىدارىسى بولغاچقا كىرىپ چىقىدىغانلارنى توسۇپمۇ توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ئادەم كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش مەزگىلى، شۇڭا ئادەم بەك كۆپ. ئىشخانىنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋالساممۇ ئامال يوق.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3994
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 11:20:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋىلىشكە تىگىشلىك تىما ئىكەنرەىمەتسىزگە.

ئادىل ئابابەكرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13511
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1303 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 01:52:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش