axek13999649893 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 05:11 PM
قىنىم مەن
خىزمەت ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن سابا كەچتە قىزىنى مەكتەپتىن ئېلىپ كىلىش ئىشىنى دوستى ئاشىققا ھاۋالە قىپتۇ .
كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا سابا قىزىدىن سوراپتۇ :-
__ قانداق قىزىم ،ئاشىق تاغىڭىزنى خاپا قىلمىغانسىز ؟
__ ياق ، تاغام مەست بولۇپ قاپتۇ .
__ قانداقسىگە ، تاغىڭىز دەلدەڭشىپ ماڭدىمۇ ؟
__ ياق .
__ ئەمىسە ھاراق پۇرىقى بارمىكەن ؟
__ ياق .
__ ئەمىسە نىمىشقا بۇنداق دەيسىز ؟
__ سوغۇقتىن توڭلاپ تىترەپ تۇرسام ، تاغام مەندىن «چوكا مۇز يەمسىز ؟»دەپ سورىدى __دەپتۇ قىزى .
(ئاشىق بۇرادار ، چاقچاق جۇمۇ ، رەنجىپ يۈرمەڭلا ،يەنە )