مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Mr.Forever

ئۇيغۇر يېزىقىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈنسە ...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5332
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 309 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 07:28:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Dervishi يوللىغان ۋاقتى  2012-8-21 12:41 AM
تىل يېزىقنى مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ۋەياكى كو ...

ئۇلاردا ساۋاتسىز لىق ئىغىر ،بەزىلىرى مىيىپ بىچارىلەر، بۇ ئىشلارنى پەقەتلا كۆرمەيدۇ....

«كىمىكى ئىلىم ئىلىش يولىغا قەدەم قويسا،ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتكە ماڭىدىغان يولنى ئىچىپ بەرگەن بولىدۇ!»

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5332
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 309 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 07:29:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاز قالدى بىزمۇ ئۆچۈرلىدىغانغا!

«كىمىكى ئىلىم ئىلىش يولىغا قەدەم قويسا،ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتكە ماڭىدىغان يولنى ئىچىپ بەرگەن بولىدۇ!»

http://www.dolanlik.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7539
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11034
تۆھپە نۇمۇرى: 1085
توردا: 11192 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 08:27:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق خاتاخەتلەرنى تۈزىتىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيتى.

كۈزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 08:53:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل- يېزىق خىزمىتى نىزامى



- يىل 9- ئاينىڭ 25- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 -نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002- يىل 9- ئاينىڭ 20- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 -يىغىنىنىڭ «<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل- يېزىق خىزمىتى نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار» ىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى


1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ


1-ماددا بۇ نىزام مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەن- مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى »، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇنى» ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن -نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى .
2- ماددا تىل- يېزىق خىزمىتىدە مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقى باراۋەر بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل- يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۆز ئارا ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، تىل- يېزىقنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت .
3- ماددا مىللەتلەرنىڭ تىل -يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى، قۇرۇلۇشى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتى كۈچەيتىلىدۇ، مىللەتلەر تىل- يېزىقىنىڭ قېلىپلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزىقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، تىلنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، شۇ مىللەتتىكى كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق، سالماقلىق بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەك .
4- ماددا يېزىقى ياكى ئورتاق قوللىنىدىغان يېزىقى يوق مىللەتنىڭ يېزىق مەسىلىسىنى شى مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولۇش، ئىختىيارىي تاللاش پرىنسىپى بويىچە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. باشقا مىللەتنىڭ يېزىقىنى قوللانغان مىللەتنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىم.
5- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىق خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاپتونوم رايوننىڭ تىل- يېزىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست (ۋىلايەت)، شەھەرنىڭ تىل- يېزىق باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تىل- يېزىق باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تىل- يېزىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ .
6- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى تىل- يېزىق باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تىل - يېزىق خىزمىتىدە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ .




2- باب تىل - يېزىقنى قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش


7- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئۇيغۇر تىل - يېزىقى بىلەن خەنزۇ تىل- يېزىقىنى تەڭ قوللىنىدۇ؛ باشقا مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىنى ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ؛ ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئاپتونوم رايوندا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇر تىل- يېزىق بىلەن خەنزۇ تىل- يېزىقىنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىنى قوللىنىدۇ، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان باشقا مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىنى ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ؛ بىر نەچچە خىل تىل- يېزىقنى تەڭ قوللىنىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل- يېزىقى ئاساس قىلىنسا بولىدۇ.
8- ماددا ئورگان، تەشكىلات ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تامغىسى، ۋىۋىسكىسى، كېنىشكىسىدە ۋە ئورۇن نامى بېسىلغان كونۋېرتتا، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يۇقىرىغا يوللىنىلىدىغان، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدىغان ھۆججەت- ئالاقىلەردە قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك. تارقىتىلىدىغان ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ۋە تەشۋىقات بۇيۇملىرىدا شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل يېزىق ياكى ياكى بىر قانچە خىل يېزىقنى ئېھتىياجغا قاراپ قوللىنىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشتا، خەتنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ماسلاشقان بولۇشى، رەت تەرتىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولۇشى كېرەك .
9- ماددا جامائەت سورۇنى، جامائەت ئەسلىھەسى ۋە جامائەت مۇلازىملىقىدا يېزىق قوللىنىلىدىغانلىكى نام تاختىسى، جامائەت پاراۋانلىق ئېلانى، چېگرا تاختىسى، يول بەلگىسى، قاتناش بەلگىسى ۋە ئاپتوموبىللارغا يېزىلىدىغان ئورۇن نامى، بىخەتەرلىك شوئارى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن ھەمدە سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ نامى، چۈشەندۈرمىسى قاتارلىقلاردا قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك .
10- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار يىغىن ئاچقاندا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل- يېزىق قوللىنىلىدۇ. مۇھىم يىغىنلارنىڭ پلاكاتىدا ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك.
11- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئوقۇغۇچى، ئىشچى، كادىر ئېلىش ۋە تېخنىكا ئىمتىھانى ئېلىش، كەسپىي ئۇنۋان باھالاش، دەرىجە ئۆستۈرۈشتە، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى بىلەن خەنزۇ تىل- يېزىقىنى تەڭ ياكى ئايرىم قوللىنىشى شەرت، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ياكى ئىمتىھان ئالغۇچىلار ئۆزى خالىغان بىر خىل تىل- يېزىقنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
12- ماددا ھەر مىللەت پۇقرالىرى دەۋا ئىشلىرىدا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا دېلونى سوت قىلىش ۋە تەپتىش قىلىشتا، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل- يېزىقنى قوللىنىشى، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل- يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى لازىم. قانۇن ھۆججەتلىرىدە شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل يېزىقنى ئېھتىياجىغا قاراپ قوللىنىش كېرەك .
13- ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى ھەر مىللەت پۇقرالىرىدىن كەلگەن خەت- چەكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ياكى ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىشتا، ئەرزىيەتچىلەر پىششىق بىلىدىغان تىل- يېزىقتا جاۋاب بېرىشى ۋە مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشى ياكى تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى لازىم. ئۇلارنىڭ خادىملىرى ئۆزى پىششىق بىلمەيدىغان يېزىقتىكى خەت، ئالاقە، تەستىق ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، بېسىپ قويماسلىقى ياكى كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم .
14- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدىكى مائارىپ، نەشرىيات، رادىئو، كىنو- تېلېۋىزىيە ئىشلىرى، قەدىمىي كىتابلارنى رەتلەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى لازىم. ئوقۇتۇش، رادىئو، سەنئەت نومۇرلىرى، دەرسلىك، گېزىت- ژۇرنال، كىتاب، كىنو- تېلېۋىزىيىدە قېلىپلاشقان تىل- يېزىقنى قوللىنىش شەرت .
15- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت پەن- تېخنىكا خادىملىرى، ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات، كەشپىيات- ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىلمىي ماقالە، ئەسەر يېزىش، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئويۇن قويۇشتا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى قوللىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك .
16- ماددا پوچتا، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى پوچتا يوللانمىلىرىنى قوبۇل قىلىش، يوللاش ۋە كرېدىت، پۇل ئامانىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى لازىم .




3- باب تىل- يېزىق ئۆگىنىش ۋە تەرجىمە خىزمىتى


17- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەرگە تىل- يېزىقنى ئۆز ئارا ئۆگىنىش ھەققىدە تەربىيە ۋە ئىلھام بېرىشى كېرەك. خەنزۇ كادىرلار شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشى كېرەك، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك.
18- ماددا ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقى ھەققىدىكى ئاساسىي مائارىپىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىپ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى ئوبدان يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە تەدرىجىي ھالدا ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنىمۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان قىلىشى كېرەك. شارائىتى بار جايلار بۇرۇنراق تەسىس قىلسىمۇ بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملار ئاز سانلىق مىللەت تىلى بىلەن خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، قوش تىللىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك .
19- ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدىكى دەرس مۇۋاپىق تەسىس قىلىنسا بولىدۇ .
20- ماددا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇسا بولىدۇ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دەرس ئوقۇسا بولىدۇ. مەكتەپلەر ئۇلارنى قوللىشى ۋە قوبۇل قىلىشى كېرەك.
21- ماددا سودا، پوچتا- تېلېگراف، قاتناش، سەھىيە، پۇل مۇئامىلە، باج، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى خادىملارغا ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنى شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىلنى ئىگىلەپ ۋە قوللىنىپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىغا خىزمەت قىلىدىغان قىلىشى كېرەك .
22- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى تەرجىمە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشى شەرت.
23- ماددا ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى كىتابلار ۋە خەنزۇ يېزىقى، چەت ئەل يېزىقىدىكى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .
24- ماددا ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى خىزمەت تىلى قىلىدىغان دىكتور، رىياسەتچى، كىنو، تېلېۋىزىيە، تىياتىر ئارتىسى، ئوقۇتقۇچى، مۇھەررىر، تەرجىمان قاتارلىق ئالاقىدار خادىملار ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن تىل دەرىجە ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك، ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىرىنى تەربىيىلەش كېرەك.
25- ماددا تىل- يېزىق مەسئۇل تارمىقى ۋە مائارىپ تارمىقى ھەرخىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى تەرجىمانلىرى، مۇھەررىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، پەن تەتقىقاتچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈشى كېرەك.
26- ماددا ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى تەرجىمانلىرى كەسپىي تېخنىكا خادىم ھېسابلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى بېرىلىدۇ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ .




4- باب تىل - يېزىقنى ئىلمىي تەتقىق قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش


27- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ تىل- يېزىق مەسئۇل تارمىقى ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى توغرىسىدىكى ئاساسىي نەزەرىيە، ئەمەلىي نەزەرىيە ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە تىل- يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىلمىي تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشى، ئاز سانلىق مىللەت تىلىنىڭ ئەدەبىي تىل ئۆلچىمى، ئىملا قائىدىسى ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى قاتارلىقلارغا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش، بېكىتىش كومىتېتى ھەرخىل تىل، پەن، كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، كەسپىي گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى تەتقىق قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ .
28- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئاپتونوم رايوننىڭ تىل- يېزىق مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەم ئېلان قىلغان ئىملا قائىدىسى، تەلەپپۇز قائىدىسى، ئاتالغۇ، ئادەم ئىسمى ۋە يەر نامى قاتارلىقلارنى قوللىنىشى، تىل- يېزىققا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشى شەرت. ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئادەم ئىسمى، يەر نامىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
29- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇانى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىشتا، دۆلەت ئېلان قىلغان ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەت، ئورتاق قوللىنىلىدىغان خەت جەدۋىلىنى ۋە رەتلەنگەن باشقىچە خەت، ۋارىيانت سۆز جەدۋىلىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك .مۇرەككەپ خەتلەرنى كەلسە- كەلمەس قوللىنىشقا ۋە ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەتنى قالايمىقان ياساشقا بولمايدۇ .




5- باب قانۇن جاۋابكارلىقى


30- ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورگان، تەشكىلات، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تامغىسى، ۋىۋىسكىسى كىنىشكىسىدە ۋە ئورۇن نامى بېسىلغان كونۋېرتتا قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى، خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللانمىغان ياكى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى، خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشتا خەتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ماسلاشتۇرمىغان، خەتنى قېلىپلاشتۇرمىغان، شۇنىڭدەك رەت تەرتىپىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى، تىل- يېزىق خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ .
31- ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جامائەت سورۇنى، جامائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ نام تاختىسى، يېزىق قوللىنىلىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئېلانى، چېگرا تاختىسى، يول بەلگىسى، قاتناش بەلگىلىرىدە قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىق بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللانمىغانلارنى تىل -يېزىق خىزمىتى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاگاھلاندۇرىدۇ ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ .
32- ماددا ئالاقىدارلاردىن مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ .

- باب قوشۇمچە پرىنسىپ

33- ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغاندىن كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ




http://www.uyghurology.com/a/qan ... m/2012/0314/45.html

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-21 08:55 AM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4009
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 09:03:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلار ھەممە يەردە بار  ھەي قانداق قىلسا بولاركىن بۇ ئىشلارنى .شۇڭا ئۇزمىزدىن باشلىساق دىگەن ئۇمۇتتە.

ئادىل ئابابەكرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38507
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4611
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 2980 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 09:09:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ..............
تېخى  كىملىكتىكى ئسىمنىنمۇ  خاتا يىزىپ قۇيىدىغان ئىشمۇ كۆپ.........مىنىڭ  كىملىكتىكى ئىسممۇ خاتا يىزىلىپ قاپتىكەن پولات دىگەن ئىسىمىنى پەرات دەپ يىزىپ قۇيۇپتۇ ئۇ گۇي .....
ئىشقىلىپ خۇداغا شۈكۈر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىكىەن دەپ يۈردۇم  ئۇنىڭدىن باشقا ئەرنىڭ كىملىكدە ئايالنىڭ ئىسمى يىزلىپ قالغان ئىشلامۇ بەك كۆپ

ئۆز مىللىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىللايدىغان مەرت باھادىرلار چىقمىسا بۇنداق مىللەت تىزلا ھالەك بۇلىدۇ .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84103
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3212
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 09:33:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4504
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 233 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 10:26:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Dervishi يوللىغان ۋاقتى  2012-8-21 12:41 AM
تىل يېزىقنى مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ۋەياكى كو ...

لىكىن ئالغان مۇئاشىغا ، يېزىقىغا يۈز كىلەلمەيۋاتىدۇ شۇنداقما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39005
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3866
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1165 سائەت
تىزىم: 2011-4-28
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 10:27:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل- يېزىق خىزمىتى نىزامى دىكى جەرىمانە بەكلا ئاز ئىكەن . بىرەر تۈمەندىن يازغان بولسا ئۈنۈمى بولاتتى .
ساقچى ساتمىللىرىنىڭ ئىسىمى ئۇيغۇرچە يىزىلغىنى يوق . پەقەت خەنچە بىلەن ئېنگىلىزچىلا بار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4504
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 233 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 10:33:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ ھازىر دىيارىمىزدا كۆپلەپ تەشۋىق،ئىددىيە سىياسىي خىزمەت ئىشلىنىۋاتقان مۇقۇملىق خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزدىغان ئامىللارنىڭ بىرسى. ھۆكىمەت خادىملىرى قۇرۇق گەپنى سېتىۋەرمەي مۇشۇنداق ئىشلارغا ئازىراق  كۆڭۈل بۆلۈپ قويسا شۇئىشلەۋاتقان خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ئۈنىمى بولاتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش