بەلكىم يالقۇنكامنىڭ دېگەنلىرىنىڭمۇ ئاساسىي باردۇر ، ئابدۇرېھىم ئەپەندىممۇ ئايشەم قېيۇمنىڭ ‹‹ئۆچمەس ئىزلار ›› دېگەن قوليازمىسىنى كۆرۋالاي دەپ ئېلۋېلىپ 10يىلدىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىپتىكەن ، ئۇزاق ئۆتمەي‹ ئىز› دېگەن رومانى ئېلان قىلىنىپتۇ، ئەمدى زوردۇن سابىر غا كەلسەك ،ئۇنىڭ ‹ئاتا › رومانىدا كەمتۈكلۈك يوق ئەمەس ، ‹ئانا يۇرت › رومانىمۇ تېخى ،رىئالنى شەخىسلەرنى باش قەھرىمان قىلسىغۇ مەيلىدى ،مەسىلەن سوپاخۇن ،ئەكبەر ،سېيىت.ئونانباي دېگەندەك ، تارىختا ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان نۇرى ئىسىملىك يوق بىر ئادەمنى رومانغا مەجبۇرىي كىرگۈزۈپ .ئۇنداق باتۇر ئىدى .مۇنداق باتۇر ئىدى،قىشتا بېشىدىن بىر چىلەك سۇنى بېشىدىن قۇياتتىلەر دەپ ماختاپ .كۆككە ئۇچۇرۇپ ئاخىردا ئەھمىيەتسىزلا ئۆلتۈرۈپ قۇيۇپتىغۇ ، مۇختەرباي ،شىڭسىەي قاتارلىقلارئۈستىدە يېزىلغان يەرلەر شەھۋەتپەرەس ھاياسىز مەزمۇنلار بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ!
ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندىم ھەققىدىكى سۆز -چۆچەكلەر ھەممىسى ئىغۋا !
زوردۇن سابىر ئەپەندىمنىڭ چىشلەپ تارتسا ئەڭ ئېغىزغا چىقىدىغان ئەسىرى ‹ئاتا › مىكىن دەيمەن ...
‹ئانا يۇرت› دىكى نۇرىغا كەلسەك ، نۇرى ئوبرازى قانداقتۇر بىر ئويدۇرۇلما شەخىس ئەمەس ،بەلكى نۇرىنىڭ ئۆزى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا سىموۋىل قلىنىغان . نۇرى بىلەن تەڭ ئىنقىلاپ ئۇچقۇنلىرى چاچىرايدۇ ، بارا -بارا ئۇلغۇيىدۇ ، مۇكەممەل ئىنقىلاپ دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىدۇ . روماننىڭ ئاخىرىدا ‹نامەلۇم ئىككى پاي ئوق › سەۋەبىدىن نۇرى ئەمەس بەلكى ئىنقىلاپ يوقۇلىدۇ . توردا بىر مەزگىل ھەقىقى نۇرىنى ئىزدەش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن . ئەمىلىيەتتە نۇرى بولسا دەل ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدۇر !
يالىڭاچ مەزمۇنلىغا كەلسەك ، زوردۇن سابىر ئەپەندىم خەنزۇ ئەدىبىياتىنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچىرىغان ، خەنزۇچە ئەسەرلەردىكى ئوچۇق ئىپادىلەش ،ئانا يۇرۇت رومانىدا بەكرەك گەۋدىلەنگەن . 18 ياشقا توشمىغان ئۆسمۈر ئانا يۇرۇت رومانىنى ھەرگىزمۇ ئوقۇپ ھەزىم قىلالمايدۇ . سىز - بىزلەرگە روماندىكى تەسۋىرلەر سىر ئەمەس . مېنىڭچە ئەسەرنىڭ بەدىھلىكى ،چىنلىقىنى ئاشۇرغان !