روزا ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى
ئانامنىڭ ئۆيى چېچەكلىدى.
بىز بىر توپ ھەرىلەردۇرمىز،
ھەرىلەر شىرنىگە كۆمۈلدى...
ئانامنىڭ ئىسسىق بىر پىيالە چېيى
زەمزەم سۈيىدەك ئۇلۇغ ئىدى.
ئانام سالغان ساڭزا قۇيماقلار
قەلبىمىزگە ئىللىق يېيىلدى...
داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ،
دۇئاغا قوللار كۆتۈرۈلدى.
قىران، بەردەم بالىلىرىنى كۆرۈپ،
ئانام يەنە شۇنداق غەم يېدى:
ئوغلۇم، سوداڭ قانداق كېتىۋاتىدۇ؟
خىزمەتلىرىڭ جاپادۇر قىزىم؟
نەۋرەمنىڭ ئوقۇشىچۇ يەنە؟
قىيىنچىلىق بولسا دەڭلار- ھە!؟
روزا ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى،
چېچەكلىدى ئانامنىڭ ئۆيى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nap~rat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-21 10:49 PM