|
|
|
|
iPhone 5 ئېلان قىلىنىپ 10 كۈن ئىچىدىكى
سېتىلىشى 10 مىليۇن دانىغا يەتكەن
8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى تېخنىكا تور CNETنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى Piper Jaffrayنىڭ تەھلىلچىسى گېنى مۇنستېر بۈگۈنكى دوكلاتىدا، ئالمنىڭ 9-ئايدا iPhone 5نى رەسمىي بازارغا سالىدىغانلىقى، 10 كۈن ئىچىدىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ 6-10 مىليۇن دانىغا يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
iPhone 5 ئېلان قىلىنىپ ئون كۈن ئىچىدە 10 مىليۇنى سېتىلىدىكەن. كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ مۆلچەرىچە 9-ئاينىڭ 12-كۈنى iPhone 5رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. مۇنستېر ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولسا، ئۇنداقتا 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى پەسلدە، ئالما iPhoneمال چىقىرىش مىقدارىنىڭ 26-28 مىليۇن دانىغا، بۇنىڭ ئىچىدە iPhone 5نىڭ بولسا 6-10 دانىغا يىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇنستېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «iPhone 5نىڭ تۈرتكىسىدە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى پەسىلدە، iPhoneنىڭ ئومۇمىي مال چىقىرىش مىقدارى 26-28 مىليۇن دانىغا يىتىدۇ. بۇ مالىيە پەسلىدە، ئالمىنىڭ كىرىمىنىڭ ۋال سترېت كوچىسىدىكى تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىدىكى 35 مىليار دوللاردىن سەككىز پوئىنت يۇقۇرى بولىدىغانلىقى، ھەربىر پاي پايدىسىنىڭ ۋال سترېت كوچىسىكى تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىدىكى 8.46 دوللاردىن %12 يۇقۇرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ».
مۇنستېرنىڭ قارىشىچە، يىراقنى كۆزلىگەندە، ئالمىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغان مەبلەغ سالغۇچىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، iPhone 5نىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتى ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئەمەسكەن. مۆلچەرلىنىشىچە iPhone 5 يېڭى رىكورت يارىتىپ، «تارىختىكى ئەڭ زور بىر قېتىملىق مەھسۇلات يېڭىلىنىشى» بولۇپ قالىدىكەن.
قوشۇمچە:iPhone نىڭىزنىڭ يۈتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى...
.
مەنبە:www.techweb.com.cn بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-21 03:40 PM
|
|
|
|
|
|