رەھمەت ىسزگە مۇسلىنە خانىم . ماڭا بۈككىدە ئورمانلىقنىڭ ئارسىغا سىلىنغان يۇقارقى قورۇ بەكلا ياقتى .
بۇ ئۆينىڭ ماڭا تىخىمۇ ياققان تەرىپى ، بولۇپمۇ ئۆگزە ئۈستىدىكى چىرايلىق بالكۇنى بولدى .
مۇنداق بالكۇندا ياز پەسىلىدىكى يۇلتۇزلار چىمىرلاپ تۇرغان .تولۇن ئاي نۇرىنى چىچىپ تۇرغان سۈتتەك ئايدىڭ كىچلەردە ، ئەھلى ئايالى ۋە پەرزەنتىللىرى بىلەن ئورمانلىقتىكى چىكەتكە ۋە پاقىلارنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاستىدا بىرگە تاماق يىيىش ياكى خۇزۇر-خۇشنىد بىلەن قۇرئاننى تەۋجۇتقا سىلىپ ئوقۇشتىن ئارتۇق راھەت يوقمىكىن دەيمەن .
مۇنداق ئېسىل ئۆيلەرنىڭ جاجىسىنى مانا-مۇشۇنداق ئۇسۇلدا بىرىش كىرەك
ھازىرقى بىنالارنىڭ بالكۇنى بالكۇن بولامدۇ ؟ -ئىسملا بالكۇن خالاس . بىر دانە ئۇستەلنىڭ ئۆزى ئاران پاتىدۇ . ... پايپاق بىلەن لۆڭگە ئىسىپ قويۇشتىن باشقىغا يارمامدىكىن دەيمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-21 09:52 PM