uzumtal يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 07:03 PM
ئاللاھ شىپلا بەرسۇن بۇ ھەدىمزىنىڭ كىسىلىگە .
بۇ تالىشىدىغان مەسىلە ئەمەس ، مېنىڭ ئويلىغىنىم ، مۇشۇنداق قاتتىق ئىسسىقتا ، يەنە كېلىپ چىگرا ئاتلاپ ماڭىدىغان بولغاچقا ، بۇنىڭغا قانچىلىك كۈچ ۋە ئەقىل سىڭدۈرۈلگنلىكى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى .
سىلە دىگەندەك ‹‹ قۇربىتى يەتكەن كىشى ئۆز قىرىندىشىنىڭ جەسىتىنى ئەخلەت تۇڭىغا تاشلپ قويمايدۇ . ››
قۇملۇق مەلىكىسىنىڭ قۇربىتى ، ھەممىمىزنىڭ ئۈگۈنىش ئۈلگۈسى بولۇشقا مۇناسىپ دەپ قارايمەن .
مۇشۇ يەردە توختاپ قالساممۇ بولاتتى ، ئەمما ئۈزۈمتال قېرىندىشىمغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇم كېپ قالدى .
uzumtal قېرىندىشىم ، مەن مىسرانىم مۇنبىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىنكاسىنى كۆپ كۆردۈم ، ئىنكاسلىرىنىڭ ھەممىسىگە قايىلمەن . سىلىنىڭ ماڭا قارىتىپ يازغان تۇنجى ئىنكاسلىرىنى بۈگۈن كۈرۈپتىمەن .
مېنىڭ بۇ تېمىغان يازغان ئىنكاسىم ، ئۆزەمنىڭ ئويلىغىنى ئىدى ، شۇ ئويۇمنى تۇلۇق ئىپادىلىمىگەنلىكىمنى ئۈزۈمتالنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن ئىنكاسىدىن ھىس قىلدىم .
بۇندىن كېيىن ئىنكاس يېزىشتا ، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىشقا تىرىشىمەن .