izdinish يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 11:03 AM
گەپ ـ سۆزنى ئويلاپ قىلىڭ ! ئۇنىڭ ئىسمى خويۈەنجىيا بولغ ...
شۇنداقمۇ؟گەپ-سۆزنى ئويلىماي قىلغان مەنمۇ ياكى باشقىلارمۇ؟سىز مېنىڭ ئىنكاسىمنى چۈشىنەلىدىڭىزمۇ بىلمىدىم.خۇيۈەنجىئانى ئۇيغۇرغا ياخشىلىق قىلمىغان....يەي دەپ ئۇنى مېنىڭ ئاكام قاتارىغا چىقىرىپسىز(كۈلۈپ قوياي)،ئەمما بۇ يەردىكى خۇيۈئەنجىئا ئاتلىق ئىسمى بىلەن جىسمى باشقا-باشقا يارىتىلما خويۈئەنجىئا(بەلكىم بۇ سىزنىڭ ئاكىڭىز بولسا كېرەك)نى تۆۋەن كۆردۈڭ دەپ، بۇ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئوغلى(سىز شۇنداق ئاتاپسىز) ئۈچۈن ماڭا تەنبىھ بېرىپ خېلىلا قايناپ قاپسىز.
ئاغىنە،قارىسام ئوردېنىڭىز يېتىلىۋاتقان ئەزاكەن،دېمەك توردا خېلى قايناپ پىشقان،ھەرخىل ئىنكاسلارنى ئوقۇغان،مەزكۇر مۇنبەردىكى ئاساسلىق ئەزالارنىڭ ئىنكاسلىرىنى تەھلىل قىلغان بولىشىڭىز،ئاق-قارىنى پەرق قىلىپ ئىنكاس يېزىپ كەلگەن بولىشڭىز مۈمكىن.بىر ئادەمنىڭ ئىنكاسىغا باھا بېرىشتە تار مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى سۆرەپ چىقماي،ئەمەلىيەتنى كونكىرتنى ئەھۋالنى تەھلىل قىلايلى.
مەن گەپ-سۆزنى ئويلىماي قىلغان بولسام،مۇشۇ سىز چاپان يېپىۋاتقان خو(سىز دېگەن يۇقارقى ئۇيغۇر ئوغلى)يولداشنىڭ ئىنكاسىدىن مەنلا بىئارام بولۇپتىمەنمۇ ياكى باشقىلارمۇ بارمۇ؟ئۇنىڭ باشقا تېمىلارغا يازغان ئىنكاسلىرىنىمۇ ئانچە-مۇنچە ئۇچرىتىپ قالىمەن،كۆپىنچە سولچىل پىكىر قىلىدۇ،ھەم باشقىلارنىڭ نارازىلىغىنى قوزغايدۇ،بىلمىدىم بۇ تورداشنىڭ مەقسىدى زادى نىمىكىن.بەلكىم شۇنداق ئىنكاسلارنى يېزىپ باشقىلارنىڭ نارازىلىغىنى قوزغاش ئارقىلىق ئويۇن كۆرۈپ،كۆڭلىنى خوش ئېتىپ ئولتۇردىغاندۇ.
ئەمدى خويۈئەنجئىاغا كېلەيلى،بۇ ئادەم سىز دېگەندەك ناچار ئادەم بولسا،نىمشقا بۇ ئىسمنى سىز چاپان يېپىۋاتقان بۇ تورداش ئىسىم قىلىپ قوللىنىدۇ؟سىز دېگەن بۇ ئۇيغۇر ئوغلانى(ئۇيغۇرلىغى شەك شۈبھىسىزكەن تېخى)،مۇشۇ خو پالۋانغا چىن دىلىدىن قول قويمىسا ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويىۋالمىغان بولاتتى.سىز بۇ زىددىيەتلىك مەسىلىنى قانداق چۈشەندۈرسىزكىن.ئەگەر خو پالۋان پەسكەش، توڭگۇز يەيدىغان (سىزنىڭ سۆزىڭىز)بولسا ئۇ نىمىشقا توڭگۇز،ياكى چوشقا دەپ ئىسىم قويمىغاندۇ؟
خويۈئەنجىئا ئۇيغۇرغا ياخشىلىق قىلسا بىز ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،ئۇيغۇر بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسا تىللاپ قارغامدۇق؟مەيلى ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرى قانداق بولسۇن،ئۇ شۇ زاماندىكى ئەلئىچى قەھرىمانى،مەرت-مەردانە ئادەم(ئۇنىڭ قانداق مىللەت،نىمە يەپ،نىمە ئىچكەنلىەىدىن قەتئى نەزەر).
مەن خويۈئەنجىئا ئىسىملىك بۇ تورداشنىڭ(سىز دەۋاتقان شەك شۈبھىسىز ئۇيغۇر ئوغلىنى دەيمەن) قاراماي خەلقىنى ناچار دەپ ھاقارەت قىلغىنىغا چىداپ تۇرالماي،سەل كىنايە ئارىلاشتۇرۇپ يۇقارقى ئىنكاسنى يوللاپ قويغانىدىم.سىز ئارتۇقچە قايناپ قاپسىز.ئىسمىڭىزدىن خېلى ئوڭلۇق ئادەملىگىڭىزنى قىياس قىلىش مۈمكىن،شۇڭا ماڭا مۇنداق قارا چاپلىماسلىغىڭىزنى،باشقىلارغا خالىغانچە تەنبىھ بەرمەسىلىگىڭىزنى سورايمەن!