مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rubli

ئۇيغۇرلار مەدەنىيتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەنلىرىمنىڭ ئۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8068
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5032
تۆھپە نۇمۇرى: 902
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2012-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:31:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-8-22 11:28 PM
سىزگىمۇ رەھمەت.                                                                       ...

ئاللاھ .. مەن -    مەن  مىسرانىم ئەپەندىنىڭ ھىيىتلىق بەرگىنىنى ئۇنتۇپ تىمەنغۇ ،  دىمەك سىز ئىككىنجىسى بوپسىز .

ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىيىن ئىش پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش .

توغرا يول ھەمىشە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11016
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 02:19:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلگۈندىنىڭ سۇئالىغا مەن جاۋاپ بىرەي : ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بىر مەدەنىيەت ، ئۆزى بىر سەنئەت ، چۈنكى ۋۇجۇدىغا شۇنداق خېمىرتۇرۇچ تۈگۈلگەنلەرنىڭ قىلغان ئىشى ، سىزغان سىزىقى  ، دىگەن گىپى ، ھەرىكىتى ھەتتا ئىزىدىن تارتىپ مەدەنىيەت -سەنئەتنىڭ ھىد-سىماسى تۈكۈلۈپلا تۇرىدۇ  ، مادامىكى بۈگۈنكى كۈنگەكەلگەندە ئۆز مەدەنىيىتىدىن چانغانلارنىڭ قىلغان ئىشى يۈرۈش - تۇرىشىدىن قانچىكى كۈڭۈل بىئارام بولسا ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن سۈيۈنىدىغانلارنىڭ جاھاننى چاڭ كەلتۈرۈپ مەدەنىيىتىمىزنى شاھانە ئۇرۇندا چاقنىتىشى جانلارغا ئارام ، روھلارغا ھۇزۇر بەخىش ئىتىدۇ!  كىم دەيدۇ مەدەنىيىتىمىزنى  ۋەيران بولىدۇ دەپ ؟ كىم دەيدۇ مەدەنىيىتىمىزنى ئارقىدا قالىدۇ دەپ  ؟  يەنە كىم دەيدۇ مەدەنىيىتىمىزنى  يۇغۇرۇلۇپ كىتىدۇ دەپ ؟ بىلگەنلەرگە ئايانكى ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھەرساھە، ھەر زامان ، ھەر ماكانلىرىدىكى رەڭدارمەدەنىيەتلەرنىڭ ئانىسى پارلاق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن سۈت ئەمگەن  ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولمايدىكەن ، دۇنيا مەدەنىيىتى ناكا بولىدۇ  ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولمايدىكەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ يەرلىكىنى  ئۆزى قېزىپ بولىدۇ ، شۇنداق بىر زامانلار كىلىدۇكى ، مەلۈم مەدەنىيەتلىك مىللەت ھەقنىڭ ئىرادىسىدىن ئۆزگە ، يائۇنداق يابۇنداق سەۋەبلەر بىلەن بىمەزگىل دۇنيادىن يوقىلىدىكەن ، شۇ زاماننىڭ كىشىلىرى ئۆزلىرى ئۈچىرىۋەتكەن مەدەنىيەتكە زار بۇلۇپ باشلىرىنى تاملارغا ئۇرىدۇ . ھىچقاچان مەلۇم توپ ياكى قەۋم ئۆز مەدەنىيىتىدىن بىزار بۇلۇپ ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋالغىنى يوق ، شەخسنىڭ ئىدراكىغا كەلسەك ، مەلۇم شەخىس چۇقۇم باشقا تەسىرلەرگە ئۇچراپ سىتخىيلىك ياكى بىئىختىيار ئۆز مەدەنىيەت كاتىگۇرىيىسىدىن چىقىپ كىتىپ قالىدۇ ، مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىش ياكى يۇغۇرىۋېتىش مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ شۇ توپنىڭ ئۆز ئىچىدە ئۇنداق ئوڭاي روياپقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس ، ئەمما تاشقى تەسىر باشقا گەپ ، ئۆز ئىچىدىن مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىدىغان سەۋەبنى ئىزدىسە ، ئۇ بولسىمۇ باشقا نەرسە ئەمەس بەلكى ئۆزىگە تەئەللۇق مەدەنىيەتنىڭ قەدىر قىممىتىنى ھىس قىلماسلىق ، ئۆزىنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ ۋە مەۋجۇت بولغۇزۇپ تۇرىۋاتقان مەدەنىيەت چاقناقلىرىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش -چېنىشلارلا كىشىگە شۇ توپنىڭ مەدەنىيىتنىڭ ۋەيرانلىق يولىغا مېڭىۋاتقاندەك تۇيغۇنى بىرىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ، بۇ ئۇنداق ئۇڭاي ئىش ئەمەس  .
مۇكاپاتلار ماڭا تەئەللۇق بولسۇن- بولمىسۇن ، مەن ماناشۇ كۆز قاراشتا ، مەدەنىيىتىمىزگە ھەمدەم بولمايدىغانلار ئۆز ى تاپقان يولىدا ماڭىۋەرسۇن  ، ئەمما مەدەنىيىتىمىز ئىككى توك-توك چانغاقلاردىن قۇتۇلغىنىغا خۈنۈكلىشىپ - ئاجىزلىشىپ قالمايدۇ ، بەلكى مەدەنىيىتىمىزدىن پەخىرلىنىپ -بەھىرلىنىپ كىلىۋاتقانلارنىڭ سانى بىزياكى بىزئەمەسلەردىن قانچىكى كۆپەيگەنسىرى شۇنچە نۇرلىنىدۇ ، قانداق دىدىم تورداشلار ؟ !

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kaLGundi + 500 ئاپرىن سىزگە

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83553
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3561
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 01:18:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ قالتىس ئۇيغۇر مەدەنىيتىمىز بار شۇڭا ھەممىلەر قىزىقىدۇ؟بىز پەخىرلىنىشىمز كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2908
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 01:46:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنى ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى دېيىش تولىمۇ بىر تەرەپلىمە قاراش. ئەمەلىيەتتە بىناكارلىق،ئەدەبىيات-سەنئەت ،كىيىم-كېچەك،خەتتاتلىق،مۇزىكا،پەلسەپە،تەبىئىي پەن نەتىجىلىرى قاتارلىقلاردىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى قالدۇرۇپ ئۆتكەن.  تاغنىڭ ئارىلىرىدا ياشايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ،سۇ سېپىدىغان،قولدا ياغاچنى سۈركەپ ئوت تۇتاشتۇرىدىغان مىللىي ئادەتلىرى بار،لېكىن ئۆزىنىڭ تىلى،يېزىقى يوق.  بىزنىڭ تىل-يېزىقىمىز بولۇپلا قالماي، دۇنيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئالىملىرىمىز،ئەدىبلىرىمىز،سىياسىئونلىرىمىز ،ئۇدا داۋاملاشقان شانلىق مەدەنىيىتىمىز ،تارىخىمىز بولغان. تېخى سىگانلارنى بىزگە سېلىشتۇرۇپ كېتىدىكەن، ناخشا-ئۇسسۇلدىن باشقا بىز بىلەن سېلىشتۇرغۇدەك ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق.بىز مۇكەممەل بىر مىللەت،ئىلغار قوۋم. بىزنى سان جەھەتتىن ئەمەس، سۈپەت جەھەتتىن دۇنيادىكى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ قاتارىدىن دېيىشكە بولىدۇ.        

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش