FIRDEWIS يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 12:06 AM
قاراڭ سىز شۇنداق ئۇقۇمۇشلۇق تۇرۇپ مەن كۆچمە مەنىدە ئى ...
يەنە دېسەم يەنە شۇ گەپ....
سىز كۆرمىدىڭىزمۇ ياكى چۈشەنمەي قالدىڭىزمۇ؟ مەن چۈشەنمىگەنلەرگە دەسلىپىدىلا خېلىلا ئېنق چۈشەندۈرگەن. ئەمما مەن بىلەن تاكاللاشقان ئاشۇ كىشى چۈشەنمەيلا قالماستن بەلكى ماڭا، ھۆرمەتسىزلىك قىپتۇ. ئەجىبا سىز مېنىڭ رەدىيەمنىلا كۆرۈپ ئۇنىڭ ماڭا دېگەنلىرىنى كۆرمىدىڭىزما؟ سىزنىڭىچە مەن ھەر قانداق مۇئامىلىگە دوستانە مۇئامىلىدە تۇرشۇم شەرتىما؟
باشتىن- ئاخىر خەق قانداق مۇئامىلىدە گەپ قىپتۇ. شۇنى چۈشىنىپ بۇنداق دېيىشڭىز كېرەك. ئەجىبا كىمنىڭ كىمگە بەكرەك ھاقارەت قىلغىنىنى، ئوتتۇرىغا قويغان مەزمۇن پايدىلىقلا ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرۇپ، خەقنىڭ، پاخال يازما، ئاق- كۆك دەپ كاپشىشلىرىنى سىز يەنىلا چۈشەندۈرۈش بىلەن قۇبۇل قىلىڭ دەمسىز؟ توۋا.............
مېنىڭ ئاشۇ كىشىنىڭ قىتغۇرلىقىغا بەرگەن جاۋابىمغا سىز ماڭا شۇنداق باھالارنى بېرىپىسىز. سىزنىڭ ماڭا دېگەنلىرىڭىزگە مەن باھا بېرەلمەسمەنمۇ؟ ھېچبولمىسا مەن ئاللىقاچان چۈشەندۈرۈپ بولغان بولساممۇ، خەقنىڭ دەسلىپىدىلا قوپاللىق بىلەن باشلىغان، مەسخرىگە تولغان ئىنكاسىنى ئەجىبا سىز كۆرەلمەي مېنىڭ جاۋابىمنىلا كۆردىڭىزما؟
تېمىغا قىزىققانتىم ئەمما مۇنۇ ئىنكاسلار...تېما ئېگىسىگە دەيدىغىنىم،باشقىلارنى ئەيىپلەش پوزىتسىيىسىدە گەپ قىلماڭ،سىز ‹ساپالىق › بولغاندىكىن باشقىلارنى نېمىشقا تەكلىپ بەرگىلى قويمايسىز؟ يەنە نېمىشقا باشقىلارنى تىللايسىز؟ بۇ مۇنبەردە ‹تېما يوللىغان نوچى›ئەمەس! ھەق سۆزلىگەن نوچى!
مانا بۇ سىزنىڭ ماڭا يازغان ئىنكاسىڭىز، مەن سىزنىڭ ئاشۇ تىرناق ئىچىگە ئېلىۋالغان سۆزلىرىڭىزنىڭ ئاستىدىكى تەنىنى چۈشەنمەيدىغان يەردە ئەمەس... ئەمما، بوپتۇ دېدىم. سىزگە يەنە بىر قېتىم دەي: سىز باشقىلار ھەق سۆزلىسە تاكالاشتىڭ دىمەكچى. ئەمما، مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ھەق سۆز دەپ قارىمايمەن. شۇڭا، ئۇنىڭغا دەيدىغانلىرىمنى دېدىم. تېما يوللاشنى چوڭ بىلمەيمەن . ئەمما ھەق سۆزلەيمەن. ھەم بۇ قېتىممۇ ناھايىتى ھەق سۆزلىدىم دەپ قارايمەن. . شۇنىمۇ دەپقوياي، باشقىلار تىللىسا مەنمۇ رەدىيە بېرىمەن. باشقىلار بەرگەن تەكلىپ تۈز، يوللۇق بولسا خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن. لىكىن، ئۇ يولسىز، مەسخىرە تۈسىنى ئالغان بولسا مېنىڭمۇ بېرىدىغان لايقىدا جاۋابىم بار.
باھا بەرسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ، تەكلىپنى قۇبۇل قىلىمىز. لېكىن تەكلىپمۇ جايىدا بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتمىگەن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يىتەرسىزلىكىنى تەڭ كۆرەلىگەن ئاساستا بېرىلسە ئاندىن ئورنىنى تاپقان بولىدۇ. ئاشۇ ئادەمنىڭ يولسىزلارچە قىلغان گەپلىرىنى سىزنىڭ كۆرمەي قېلىپ، پەقەت ماڭىلا سۆزلىشىڭىز مېنى ئەمدى سەل بىئارام قىلدى.
بىر نوقتىدا كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمنى تەن ئالىمەن، ئەلۋەتتە، تور يازمىلىرى ئاددى كېلىدۇ. چۈنكى ئاددى كاللىدا چۈشەنمەك ئاسان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاددى، تېزلا تەسىر قوزغاپ، تېزلا ئۇنتۇلىدىغان، ئادەمگە مەنىۋىيىتىگە يۇشۇرۇن تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان يازمىلار بولسا بولاتتى. مەن بۇ نوقتىغا دىققەت قىلماپتىمەن. ئەمما مۇشۇ بىر ئادەمنىڭ ئىشى بىلەن مېنىڭ توختاپ قېلىشىم ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ بۇيرۇسىلا قەلەمنى ئاخىرقى تىنقىمغىچە تاشلاپ قويمايمەن. راسىت گەپ قىلىسام مۇنبەرگە بىر نەرسە چىقىرىپ بېقىشىم مۇشۇ بىر ئىككى قېتىم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدىم. مۇنبەرداشلارنىڭ چۈشىنىش دائىرىسنى خېلى دەڭسەپ كۆردۈم.
بولدىلا... بۇ گەپلەر مۇشۇنچىلىك بولسۇن. پىكىر بەرگىنىڭزگە رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tograkmalikisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-29 07:58 PM