شاھلالە يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 10:37 PM
ئەڭ جايىدا چۈشكەن ئىنكاس بولۇپتۇ مانا
بۇ دىمىسىمۇ ...
ئىنتايىن جايىدا گەپ بوپتۇ. جەمئىيەتنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ كېتىشىگە، تويلۇقنىڭ ئېغىر بولۇپ كېتىشىگە يەنىلا ھەممە ئادەم تەڭ سەۋەبچى، چۈنكى دەل مۇشۇ ئىنكاستا ئېيتىلغاندەك كېينكى بەختىنى كۆزلەپ، مال-دۇنيانى چوڭ كۆرمىگەنلەرنى ھالى چاغلىق دەپ كۆزگە ئىلمايدۇ، ئازىراقلا كۆڭۈلسىزلىك بولسا خورلاپ ئاجىرشىشقا تەييارلا تۇرىدۇ. جېق پۇل خەجلىمىگەندىكىن يەنە شۇنچىلىك پۇلغا خوتۇن كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. مۇشۇنداق ئىشلارنى تولا كۆرۈپ كەتكەندىكىن قىزلارمۇ ئېشىۋالماي قانداق قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرىت يەنە ھازىرقى ئىستىمال سەۋىيىسى، مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىمۇ مۇشۇنداق تويلۇقنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارغا نېمە دېگۈلۈك زادى؟