شاھزاتنىڭ ئانگىناسى قوزغىلىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا كەپتۇ ، دوختۇر ئۇنىڭغا :
_ ئانگىنايىڭىز ياللۇغلىنىپ قاپتۇ ، كېسىپ ئېلىۋېتەيلى ، دەپتۇ .
* * *
نەچچە ئايدىن كېيىن ئۇ يەنە كەلسە ، دوختۇر ئۇنىڭغا :
_ سوقۇر ئۈچەي ئىكەنسىز ، ۋاقىتىدا كېسىپ ئېلىۋېتەيلى ، دەپتۇ ۋە ئوپراتسىيە قىلىپ كېسىۋېتىپتۇ .
* * *
ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ شاھزات يەنە كەپتۇ . دوختۇر نېمە بولغانلىقنى قايتا قايتا سورىغاندىن كېيىن ئۇ زور غەيرەتكە كېلىپ ، كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا :
_ مەن بۇ قېتىم ئېغىز ئېچىشقا پەقەت جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن ، چۈنكى بۇ قېتىم بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ ، دېگۈدەك .