oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 10:57 AM
تور بانكىسىدىكى ھىساۋاتتىن باشقا بانكا ھىساۋاتىغا پ ...
ئەمدى ئالاھىدە تور بانكىسىنى ئىشلىتىڭ
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭگو خەلق بانكسى باش بولۇپ شېنجېن،تىيەنجىن،بېيجىڭ،گۇاڭجو قاتارلىق شەھەرلەردە 2-ئەۋلات تور بانكىسى «ئالاھىدە تور بانكا» 超级网银 نى سىناق تەرەققىسىدە يولغا قويدى.11-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە يولغا قۇيۇلۇپ ،توردا بانكىلار ئارا شۇ ۋاقىىتا پۇل يۆتكەش ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.بىر بانكىنىڭ تور بانكىسى ئارقىلىق باشقا بانكا ھىساۋاتلىرىنى تەكشۈرگىلى ،پۇل يوللىغىلى بۇلىدۇ.ھەممە بانكىنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئىچىش ھاجەتسىز.بانكىلار ئارا پۇل يۆتكىگەندە رەسمىيەت ھەققى ئەرزان بۇلۇش،مەشغۇلات ئاسان بۇلۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن رايۇنىمىزدىكى تور بانكا كەسپى ئىشلەتكۈچىلەرگە مىسىلسىز قۇلايلىقلارنى يەتكۈزىدۇ.
ئۇقۇم: كەسپى ئاتالغۇسى توردا بانكا ئاتلىغان چىقىمنىڭ ھىساپلىشىش سېستىمىسى 网上支付跨行清算系统 . بۇ تور بانكا سېستىمىس ئالدىنقى 1-ئەۋلات تور بانكا سىستىمىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ زور ئەۋزەللىك ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولغاچقا خەلق ئىچىدە «ئالاھىدە تور بانكا» دەپ ئاتالدى.
ئىشلەتكۇچىلەر: بانكىدا ھىساۋات ئاچقان ۋە تور بانكا كەسپىنى بىجىرگەن شىركەت (ئىدارە –ئورگان) ۋە شەخىسلەر. (توۋەندە شەخسلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ چۇشەنچە بېرىلىدۇ).
ئىقتىدارى: بانكا ئاتلاپ ھىساپ سۈرۈشتۈرۈش، بانكا ئاتلاپ پۇل يوتكەش، بانكا ئاتلاپ ھىساۋات باشقۇرۇش، بانكا ئاتلاپ چىقىم قىلىنغان پۇل نەق شۇ ۋاقىتتا ھىساۋاتقا كىرىپ بولۇش، كىرەلمىسە سەۋەبىنى نەق شۇ ۋاقىتتا بىلگىلى بولۇش قاتارلىقلار.
قاتناشقۇچىلار: خەلق بانكىسى باش بولىدۇ، ھەرقايسى بانكىلار قاتنىشىدۇ. نوۋەتتە دولەت ئىگىلىدىكى 5 چوڭ بانكا، 9 پاي چەكلىك بانكىسى، 5 شەھەر بانكىسى، 5 يىزا بانكسى ۋە 3 چەتئەل بانكىسى بولۇپ جەمئى 27 بانكا قاتنىشىپ بولدى. 3-تەرەپ چىقىم قىلىش شىركەتلىرى (مەسىلەن جىفۇباۋ دىگەندەك) كەلگۇسى 1 يىل ئىچدە شىركەت ئىلتىماس قىلىش، خەلق بانكسى تەستىقلاپ، ئىجازەتنامە تارقىتىپ بىرىش شەكلى بىلەن قاتناشسا بولىدۇ.
قاتناشقان بانكىلار (ئوزلۇكىسز كوپىيىپ تۇرىدۇ)
ھەق ئېلىش: مۇلازىمەت بولغان ئىكەن ھەق ئېلىشمۇ بولىدۇ. نوۋەتتە خەلق بانكسى يىتەكچى باھانى ئېلان قىلدى.
ھىساۋات سۇرۇشتۇرۇش تۇرىگە ھەق ئېلىنمايدۇ.
پۇل يوتكەش 转账 تۇرىگە ئېلىنىلىدىغان ھەق ئىككى تۇرلۇك، 1- مۇقىم ھەق، بىر قېتىملىق مۇئامىلىگە 0.5 يۇەن ئېلىنىلىدۇ. 2-يوتكىگەن پۇل سوممىسىغا قاراپ ئېلىنىلىدىغان ھەق. ئولچىمى توۋەندىكىدەك:
1 تۈمەندىن توۋەن بولسا بىر قېتىملىق مۇئامىلىگە 5 يۇەن
1 تۈمەندىن 10 تۈمەنگىچە بولسا بىر قېتىملىق مۇئامىلىگە 10 يۇەن
10 تۈمەندىن 50 تۈمەنگىچە بولسا بىر قېتىملىق مۇئامىلىگە 15 يۇەن
50 تۈمەندىن 100 تۈمەنگىچە بولسا بىر قېتىملىق مۇئامىلىگە 20 يۇەن
100 تۈمەندىن يۇقىرى بولسا %0.02 بويىچە ئېلىنىلىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 يۇەن ئېلىنىلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بىر قېتىمدا 1 تۈمەندىن توۋەن پۇل يوتكىسىڭىز (مەسىلەن 4500يۇەن) 5.5 يۇەن ھەق تولەيسىز. قىممەت ئەمەستۇ؟
لېكىن ھەرقايسى بانكىلارنىڭ بۇ باھانى ئىجرا قىلىش بىردەك ئەمەس، بەزىلەر نىڭ بۇنىڭدىن توۋەن، بەزىلەرنىڭ سەل-پەل يۇقىرى. كونكىرىت باھانى كونكىرىت بانكىدىن سۈرۈشتۇرۈڭ.
ئىشلىتىش: ھەرقانچە ياخشى، ئىقتىدارلىق بولسىمۇ ئىشلەتمىسە يەنە بىكار. توۋەندە قانداق ئىشلتىمىز؟ دىگەننى قويۇپ ئىشلەتسەك قانداق قولايلىقلار بولىدۇ؟ دىگەننى دىيىشىلى.
1. بىر تال بانكا قالقىنى بىلەن ھەر قايسى بانكىلاردىكى ھىساۋاتىڭىزنى باشقۇرالايسىز.
بۇ دىگەنلىك سىز ئاۋۇ «ئالاھىدە تور بانكا» غا قاتناشقان بانكىنىڭ خالىغان بىرسىدىن تور بانكا كەسپىنى ئاچقۇزۇپ، بانكا قالقىنى بىجىرگەن بولسىڭىز، شۇ بىر تال بانكا قالقىنى بىلەن باشقا بانكىلاردا ئاچقان ھىساۋاتىڭىزنى باشقۇرالايسىز، يەنى ھىساپنىڭ قالدۇقىنى، تەپسىلاتىنى تەكشۈرەلەيسىز، ھىساۋاتىڭىزدىكى پۇلنى باشقا ھىساپقا (ئوزىڭىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ، شۇ بانكىدىكى ياكى باشقا بانكىدىكى) يوتكىيەلەيسىز، پۇل چىقىم قىلالايسىز ( تېلفون ھەققى، ئىمتاھان ھەققى دىگەندەكلەر تولىيەلەيسىز )
كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا: سىز قۇرۇلۇش بانكىسىدا تور بانكا كەسپىنى بىجىرگەن. سىزنىڭ يەنە سودا – سانائەت بانكىسىدا بىر بانكا كارتىڭىز، يېزا ئىگىلىك بانكىسىدا بىر بانكا كارتىڭىز بار، لېكىن سىزنىڭ بۇ ئىككى بانكىدا تور بانكا كەسپى يوق. ھەرقايسى بانكا كارتىدىكى پۇل سانى توۋەندىكىدەك:
قۇرۇلۇش بانكا: 30.00
سودا – سانائەت بانكا: 512
يېزا ئىگىلىك بانكا: 211
ئەمدى سىز تورئارقىلىق 200 يۇەن تېلفون ھەققى تولىمەكچى،ھەم سىرتتا ئوقۇۋاتقان بالىڭىزغا(بالىڭىزنىڭ كارتىسى قاتناش بانكىسىنىڭ) 500 يۇەن تۇرمۇش پۇلى سالماقچى دەيلى. قانداق قىلىسىز؟
بۇرۇنقى ئۇسۇلدا: ئالدى بىلەن سودا – سانائەت بانكىسىغا بىرىپ 500 پۇل ئالىسىز، ئاندىن يېزا ئېگىلىك بانكىسىغا بېرىپ 200 يۇەن پۇل ئالىسىز، ( بۇ جەرياندا ناۋادا بانكا تاقاق بولسا، ATM كارتىنى يۇتۇۋالسا، پۇلىڭىز ياكى كارتىنى ئوغرى ئالسا، چۇشۇپ قالسا، ياكى ..... بولسا ئىشنىڭ ئوخشىغىنى شۇ) ئاندىن قۇرۇلۇش بانكىسىغا بېرىپ، 700 يۇەن پۇلنى بانكا كارتىسىغا سالىسىز. ئاندىن ئويگە بېرىپ تورغا چىقىپ، قۇرۇلۇش بانكىسنىڭ بانكا قالقىنى ئارقىلىق 200 يۇەننى تېلفون ھەققىگە تولەيسىز، 500 يۇەننى بالىڭىزنىڭ قاتناش بانكىسىدىكى كارتىسىغا يوتكەپ بېرىسىز. ئاندىن بالىڭىزغا تېلفون قىلىپ پۇلنى سالغانلىقىڭىزنى ئېيتىسز، بالىڭىز قاتناش بانكىسىغا بېرىپ ( بەلكىم ATM ، تېلفون ياكى تور ئارقىلىق) پۇلنىڭ كەلگەن – كەلىمىگەنلىگىنى سۇرۇشتۇرىدۇ، ئاندىن سىزگە تېلفون قىلىپ، كەپتۇ يا كەلمەپتۇ دەيدۇ، كەلسە خۇداغا شۇكرى، كەلمىسە توختىماي قاراپ باقىدىغان، توختىماي تېلفون قىلىدىغان ساقلايدىغان گەپ شۇ.
ئەمدى ھازىرقى ئۇسۇلدا: سىز ئويىڭىزدىن چىقمايلا قۇرۇلۇش بانكىسنىڭ تور بانكىسىغا چىقىپ، يىزا ئىگىلىك بانكا كارتىدىكى پۇلدىن 200 يۇەننى تېلفون ھەققىگە تولەيسىز، ئاندىن سودا – سانائەت بانكا كارتىڭىزدىكى 500 يۇەن پۇلنى بالىڭىزنىڭ قاتناش بانكىسىدىكى كارتىسىغا يوتكەپ بېرىسىز. 20 سكونت ئىچىدە پۇل بالىڭىزنىڭ قاتناش بانكىسىدىكى كارتىسىغا يىتىپ بارىدۇ. يىتىپ بارغانلىغىنى قۇرۇلۇش بانكىسنىڭ تور بانكسى سىزگە دەپ بىرىدۇ.( ئەگەر مۇئامىلە مەغلۇپ بولسىمۇ ئوخشاشلا 20 سكونت ئىچىدە نىمە سەۋەپتىن مەغلۇپ بولغانلىغىنى قۇرۇلۇش بانكىسنىڭ تور بانكسى سىزگە دەپ بىرىدۇ) قانداق، قولايمىكەن؟ يۇقاردىكى بانكا مىسال ئۇچۇن ئېلىندى، ئەمىلىيەتتە ئۇ بانكىلارنىڭ ئورنى ئالماشسىمۇ ئوخشاشلا قىلغىلى بولىدۇ.
http://www.izchila.com/a/banks/banks-2/2011/0219/111.html