جۇڭگو خەۋەر تورى 27-ئىيۇل تېلېگراممىسى ، ئاۋسترالىيە كۈندىلىك خەۋەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، سىدنېي ساقچى تەرەپ بىر نەپەر ساختا ئىناۋەتلىك كارتوچكا ۋە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياسىغان جۇڭگو مۇھاجىرنىڭ ئەۋلادىنى قولغا ئالدى ۋە شىكايەت قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ ئەر بىر ساختا بۇيۇم ياساش شايكىسىنىڭ كاتتىبېشى ئىكەن. بۇ شايكىنىڭ يالغاندىن ياسىغان كىنىشكىلەرنىڭ قىممىتى بەش مىليون يۈەندىن ئاشقان.
ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى ساقچىلىرىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، تۈنۈگۈن (26-ئىيۇل) كەچتە ئۇلار 51 ياشلىق جۇڭگولۇق ئەر جاڭ گۇلۈن (Gulun Zhang ئاھاڭ تەرجىمىسى) نىڭ ريدېدىكى (Ryde) ئىككى كورپۇس ئۆي-جايىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. ساقچى تەرەپنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، ئۇلار نەق مەيداندا 2000 دانىدىن ئارتۇق بانكا ئىناۋەتلىك كارتوچكىسىنى مۇسادىرە قىلغان ، ھەربىرسىنىڭ قىممىتى 2500 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 500 دانە يېڭى جەنۇبىي ۋالېس شتاتى ساختا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، 2.5 تۈمەن يۈەن نەق پۇل ، قىممەت باھالىق زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ، داڭلىق ماركىلىق سائەت ۋە ھاراق قاتارلىقلار بار .
ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى ساقچىلىرىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، بۇ ئەر بولسا ئاۋسترالىيە مەملىكەت دائىرسىدىكى بىر پۇل يۇيۇش ۋە ساختا كېنىشكە ياساش شايكىسىنىڭ نۇقتىلىق ئەربابى ئىكەن.
جاڭ گۇلۈن جۈمە كۈنى (27-ئىيۇل) سەھەردە سىدنېي مەركىزى يەرلىك سوتىدا پەيدا بولدى ، لېكىن تەرجىمان يېتىپ كەلمىگەچكە ، بۇ دېلو 2-ئاۋغۇست كۈنى سوتلاشقا كېچىكتۈرۈلدى.
بۇ ئەر 11 تۈرلۈك جىنايەت نامى بىلەن شىكايەت قىلنغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، زاڭ مال سېتىش ، ساختا كىنىشكە ياساش ، ساختا بۇيۇم ياساش ماشىنىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىق جىنايەتلەر بار . ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى ساقچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، فېدېراتسىيە ساقچىلىرى ۋە يېڭى جەنۇبىي ۋالېس شتاتى ساقچىلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى باشلانغان بولۇپ ، تۈنۈگۈن (26-ئىيۇل) بىر دانە ساختا بۇيۇم ياساش ئۇۋىسىنى پىچەتلەپ ، قىممىتى بەش مىليون يۈەنلىك قانۇنسىز سودىنى توسۇپ قالدى.
http://www.ozdiyar.com/news/2012/0727/article_4826.html