Ra.one يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 01:53 AM
4 مېنۇت 50 سېكۇنىتتىن 58 سېكۇنىتقىچە ...
يەنە بىرسى 6 مېنۇت ...
ئەزان نەرسىنىڭ ئەزانلىغى ، قىممەتنىڭ قممەتلىگى بار . گەرچە بىزلەر ئىقتىساتنىڭ كەملىگى تۈپەيلىدىن سېتىۋالالمىساقمۇ. پۇل تاپقانلارغا نىسپەتەن ھەقىقەتەن بولدىغان ماشىنا بۇ .
بۇنداق ماشىنلارنى ياساشتا ھەر بىر زاپچاسنىڭ ماتېرياللىرى ،بىلىم سەۋىيسى يۇقىرى تىخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ بلىەن تاللىنىدۇ ۋە ياسىلىش جەر يانلىرىدكى ھەر بىر ئىش ھالقىللىرىدا نازارەتنى چىڭ تۇتىدۇ .
ئەڭ ئاددىيسى داڭلىق ماشىنلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھىساپلانغان ماتۇرىنى ياسايدىغان ماتىرياللارنىڭ تەركىبىنى ،يەر شارىدىكى ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى پەلقۇۋاددە ئۆزگىرىشچان كۆرۇلىدىغان ھاۋا رايى مۇھىيتىغا ماس كىلىدىغان تەركىبتىكى يۇقىرى سۈپەتلىك ئېلمىنىتلىق ماددىلاردىن تاللاپ . چىقىلغاندىن كىيىن پىشىقلاش جەرياندىكى سۈركۇلۇش جەريانىدىكى كۆرۇلۇلىدىغان يۇقىرى تىمپىراتۇرا قالدۇرغان خمىۋىيلىك خۇسىسىيەتلەرنىڭ . نەچچە يلىدىن كىيىن ماشىنىغا كۆرسىتىدىغان پاسسىپ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۇرۇش ئۈچۇن . دىىڭز-ئوكياننىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولغان سۈيى بىلەن تەجىربەخانلاردا يۇقۇرى تىخنىكا بىلەن ياسالغان ئالاھىيدە تەركىبلىك سۈنئىي دورا سۈيدە سۇغۇرۇپ چىققاندىن كىيىن . ئاندىن قوراشتۇرۇپ ياساپ چىقىدۇ .
مۇنداق يۇقۇرى سەۋيىدە ياساپ چىقىلغان ماتۇر سەپلەنگەن ماشىنا . روسىيەنىڭ سىبىريەدەك قاتتىق سوغۇقلىرىدىمۇ . ئافىرقىنىڭ سەھرايى كەبىردەك ئاتاش ئىسىقلىرىدىمۇ . ئىتتىرىش قۇۋىتى . سائەتلىك مۇساپە تېزلىگى ......قاتارلىق ھەر خىل ئامىللاردا چوڭ پەرىق بولمايدۇ . ماتۇر بىخەتەر ھەر قايسى رامىلىرى پۇختا كىلىدۇ .ماشىنىنى سېتىۋىلىپ ئۆزىڭز ياكى باشقا ئىش سەۋەپلىك بىر نەرسىگە قاتتىق سوقتۇرۋەتمىسىڭىز ، ماتۇرىغا كەم بولغاندا 5-4 يىل ئەتىركە ياكى ئامبۇر سىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .
شەكلىنىڭ لاھىيلىشىمۇ ، گۈزەل سەنئەت كەسپى جەھەتتتە مول سەۋىيگە ئىگە بولغان كەسپى لاھىيلىگۈچىلەر تەرىپىدىن ھەر قايسى قىتئە ھەر قايسى رايۇنلاردىكى كىشىلەرنىڭ رەڭ . شەكىل، خارەكتىر ....قاتارلىق قىممەت قارىشىغا بولغان ئاڭ ئۇقۇمىنى چىقىش قىلىپ ،تولىمۇ ئاممىباپ ئۇسۇلدا لاھيلەپ چىقىدۇ .
مەسىلەن. گىرمانىيە ماشىنا ياساش شىركىتى . كورىيە ماشىنا ياساش شىركىتى . ياپۇنيە ماشىنا ياشاش شىركىتى ......دىگەندەك شىركەتلەرنىڭ ياساپ چىققان ماشىنلارنىڭ شەكلىگە دىققەت قىلىڭ ،شۇ ماشىنلارنڭ شەكلى ھەر قايسى ئەل رايۇن كىشىللىرىنىڭ ئىستىتىك گۈزىللىككە بولغان قىممەت قارشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ لاھىيلەپ چىقىلغان .
داڭلىق ماشىنلارنى سىېبىريەدەك قاتتىق سوغۇق بولىدىغان رايۇنلاردا تۆت-بەش كۈن توختۇتۇپ قويۇپ ئەتسى ئاچقۇچنى سىلىپ بۇرىسىڭىزلا بولدى ماتۇر ئوت ئالىدۇ ، ھەيدەپ كىتىۋىرىسىز .ماشىنلارنىڭ بالۇنلىرى مەيلى قاتتىق سوغۇق .مەيلى زىيادە ئىسسىق رايۇنلاردا بولسۇن شوپۇرنىڭ كۆتى ئولتۇرشقا چىدىسىلا ،توختاتماي 20-15 سائەت چاپتۇرسىمۇ بەرداشلىق بىرەلەيدۇ .
ئادەتتكى ماشنىلارنى بولسا زاۋۇتتىن سېتىۋالغان كۈنى ،بىر چامدان ئەتىركە ،ئامبۇر،كۇلاچنى بىللە سىتىۋالمىسىڭىز بولمايدۇ . بولمىسا ماشىنىنى سېتىۋېلىپ بىر يىلدىن ئۆتسە ،مۇنداق ماشىنلارنىڭ ھىلى ‹‹ ئۆپكىسى ›› كاردىن چىققان ،ھىلى ‹‹ ئايغىنىڭ چەمى ›› تىشىلىپ كەتكەن دىگەندەك ئىشلار بىلەن ‹‹ موزدۇزخانىغا›› قاتىراپ پۇلىڭىز توشىمايدۇ .
مۇنداق ماشىنلارنى ، ھىلىغۇ سىبىريەنىڭ سوغۇقىكەن .ماۋۇ دىيارىمىزنىڭ قىش پەسلىدە ئاخشىمى توختۇپ قويۇپ ، ئەتىسى ماتۇرنى قوزغۇتۇشتىن بۇرۇن قۇچقىڭىزغا ئىلىپ بىرەر سائەت ھورداپ ئىسىتمىسڭىز ياكى ، زۇۋانىغا چايداندا بىر چايدان قايناق چاينى ئىچكۈزمىسىڭىز ماتۇر ھۇشىغا كەلمەي غىڭ-غىڭ -غىڭ سوغۇقتا زۇۋانىم چىڭ دەپلا ياتقىنى ياتقان ...
ھەم بۇنداق ماشىنلارنى ئوبدان توختاتماي 7-6 سائەت چاپتۇرسىڭىز ماشىنىىڭ ئاغىزى-بۇرنىدىن ئىس چىقىپ ھەلى قالمايدۇ .
بالۇنلىرى بولسا شاپەئەتچى جىگۇڭنىڭ كىپىشىدەك ياكى ئايىغىڭىزنىڭ پىتىكىدەك بولۇپ قالدۇ .
لىكىن مۇنداق دەپلا ئىقتىسادى قۇربىتىمزىگە باقماي ئېسىلنى سېتىۋاپ ئىشلىتىپ ،ئۆزىمىزنى تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى چىقىملىرى جەھەتتە قىيناشقا بولمايدۇ . شۇنىڭ ئۇچۇن ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ئۆزىگە ماس كەلگۇدەك ماشىنىنى تاللاپ سېتىۋىلىپ ئىھتىياجىدىن چىقىش ئەڭ ئاقلانلىق ھىساپلىنىدۇ .
دىمەك مەيلى ماشىنا بولسۇن، مەيلى باشقا پەن-تخنىكا مەھسۇلاتلىرى بولسۇن ، شۇ نەرسىنىڭ قىممەت-ئەرزان بولۇشى شۇ مەھسۇلاتنىڭ ياسىلىش جەريانىدىكى تېخنىكىغا كەتكەن ئادەم كۈچى .ماتىريال ھەققى .....قاتارلىق ئامىللارنىڭ كۆپ-ئازلىقىغا قاراپ بەلگۇلىنىدۇ .