akbar0997 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 10:24 PM
دۇنيادىكى تۇنجى يېزىق مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردا م ...
سىز دېگەندەك مىسىرنىڭ تەسىۋىرى يېزىقى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3000 يىل بۇرۇن پەيدا بولغان،لېكىن سۇمېرلارنىڭ مىق يېزىقى بولسا كام دېگەندە مىلادىيە بۇرۇنقى3600يىل بۇرۇن پەيدا بولغان،سىزنىچە قايسىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇندۇ؟
مېسوپوتامىيەدىن بايقالغان مىق يېزىقىدىن ئاۋالقى يېزىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشتاختا بۈگۈندىن تەخمىنەن 56 ئەسىر بۇرۇن دەپ بېكىتىلدى.ئىشەنمىسىڭىز توردىن ئىزدەپ بېقىڭ(http://zh.wikipedia.org/wiki/%E8%8B%8F%E7%BE%8E%E5%B0%94)
سۇمېر مەدەنىيىتى تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4000-يىللىرىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2000-يىللىرىغا داۋاملاشقان ئىنسانلار تارىخدىكى ئەڭ قەدىمى مەدەنىيەت ،ئۇ قەدىمىقى مىسىر مەدەنيىتىدىن تەخمىنەن 1000 يىل بۇرۇن پەيدا بولغان.
بۇنداق دېيشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى يەھۇدىلار ۋە يۇنانلىقلارنىڭ تارىخ ۋە باشقا ئەسەرلىردە قەدىمقى مىسىر مەدەنيىتى توغرىسىدا مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ،لېكىن سۇمېر مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق مەزمۇننى تاپالمايسىز،بۈگۈنكى سۇمېر تارىخى-مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى يېقىنقى زاماندىكى ئارخېلوگىيلىك بايقاشلارنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ئەگەر سۇمېر مەدەنيىتى قەدىمقى مىسر مەدەنيىتىدىن كېيىن پەيدا بولغان بولسا ئۇنداقتا يەھۇدىلار ۋە يۇنانلىقلارنىڭ تارىخى ماتېرىياللىرىدا قەدىمقى مىسىر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ يۇ نېمىشقا سۇمېرلار توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ئۇچىرىمايدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-25 10:57 PM