|
|
|
|
2 -دۇنيا ئۇرۇشى 1939-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق پاشىسىتىك ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى ۋە بۇلغارىيە، پورتىگالىيە، رۇمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىر تەرەپ، پاشىستلارغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى پاشىزىمغا قارشى كۈچلەر يەنە بىر تەرەپ بولۇپ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. 2-قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بۇ دۇنياۋى ئۇرۇشقا ياۋوپادىن ئاسىيا قىتئەسىگىچە، ئاتلانتىك ئوكياندىن تىنچ ئوكيانغىچە بولغان 61 دۆلەت ۋە رايۇن، 2 مىليارددىن كۆپرەك ئادەم ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ سۆرەپ كىرىلدى، ئۇرۇش دائىرىسىنىڭ كۆلىمى 22 مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىرغا يەتتى. تولۇق بولمىغان سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا 90 مىليۇندىن كۆپرەك ئارمىيە ۋە خەلق بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان.جەمئى 4 تىرليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك بايلىق سەرپ قىلىنغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئەڭ ئاخىرى ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، جۇڭگو، ئەنگىلىيە قاتارلىق پاشىزىمغا قارشى دۆلەتلەر ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى پاشىزىمغا قارشى كۈچلەرنىڭ غەلبىسى بىلەن ئايغلاشتى.
بۇ يىل 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانىغا 67 يىل بولىدۇ. بۇ 67 يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەر تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئاساسى تىمىسىدا نۇرغۇن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. شۇنداقلا شۇنىڭدىن بېرىمۇ ئۇرۇش، توقۇنۇشلار ئۈزۈلمەي بولۇۋاتقان رايۇنلار ھېلىمۇ مەۋجۇت، نىمىلىكى بولمىسۇن ئاللاھ ئىگەم تىنچسىزلىقتىن، ئۇرۇش جىدەللەردىن ساقلىسۇن.
تۆۋەندە ئاق بۈركۈت گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان 6 قسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم «2-دۇنيا ئۇرۇشى» نى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. بۇ فىلىم گەرچە ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىسىمۇ ئەمما سىز ۋە بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن مەسلىلەرنى يېشىپ بېرەلەيدىكەن...
تۆۋەندىكىسى «چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم» دېگەن 1-قىسىمى بولۇپ، قالغان قىسىملىرى داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ...پۈتكەندىن كېيىن بۇ مۇنبەرگە يوللىنىدۇ.
قالغان قىسىملىرىنى كۆرمەكچى ۋە سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرمەكچى بولساڭلار بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭلار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زامانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-25 11:05 PM
|
|
|
|
|
|