ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار، بىز بۈگۈن چۈشتىن 56 تورىدا ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ بىر ئىتوتىنى بايقاپ قالدۇق. ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ناخشا ئېيتىپ چىققانلىقى بىزگە ئۆزگىچە بىلىنىپ، بۇ سىننى تور بېكىتىمىزگە يوللىدۇق. ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئىشتىن چۈشۈپ، ئۆيگە قايتىش يولىدا يول بويىدىكى مەلۇم بىر پلاستىنكا دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كەلسەك، ئۇ دۇكاندا ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتىنى قويۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز «ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوت كېچىلىكنىڭ پلاستىنكىسى چىقتىمۇ» دەپ سورىدۇق. دۇكاندىكى 40 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئايال «شۇنداق» دېدى. بىز گەرچە ئالدىنقى قېتىم ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ تەڭرىتاغ تورىدىكى سۆھبەتتە «كېچىلىكنىڭ پلاستىنكىسى چىقمايدۇ» دېگىنىدىن خەۋەردار بولساقمۇ، ئەمما بۇنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ، ئۇ ئايالغا سېتىۋالماقچى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتتۇق. ئۇ ئايال «بىرى دولان شىركىتىگە پلاستىنكا ئالغىلى كەتتى، 15 مىنۇت ساقلاڭلار» دېدى. بىز بىر ئاز ساقلىغاندىن كېيىن، 30 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئەر پلاستىنكىنى ئېلىپ كېلىپ، بىز بىلەن تەڭ ساقلاۋاتقانلارغا تارقاتتى. قارىساق، پلاستىنكىنىڭ ئۈستىگە «2012-يىللىق ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوت كېچىلىكى: 1-قىسىم» دەپ يېزىپ قويۇلۇپتۇ.
بىز پلاستىنكىنى قولىمىزغا ئېلىپ، شۇنى بايقىدۇقكى، بۇ پەقەت جىڭدەك تۇيۇلمايتتى. گەرچە ئالدى-كەينى مۇقاۋىسىغا ئىتوت ئويناپ چىققان تۆتەيلەننىڭ رەسىمى بۇرۇنقى تەشۋىقات رەسىمىدىكىدەك بېرىلگەن بولسىمۇ، قېپىدىن ئۇنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى چىقىپ تۇراتتى. بىز ئۇلاردىن «بۇ پلاستىنكا ساختىدەك قىلدىغۇ» دېسەك، ئۇلار « جىڭ، ساختا پلاستىنكا بۇنداق بولمايدۇ، بىز سىلەرنى ئالدىمايمىز، ساختا بولسا سىلەرمۇ 15 يۈەنگە ئالمايسىلەر» دېدى. بىز «قېنى ئۆيگە بېرىپ كۆرۈپ باقايلى» دېيىشىپ، ئۇ ئايالغا 15 يۈەننى بېرىپ، ئۆيگە كەلدۇق.
ئۆيگە كېلىپ، پلاستىنكىنى كومپيۇتېرغا سېلىپ، كۆرۈشكە باشلىدۇق. بۇ پلاستىنكىنىڭ بېشىدا ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئېيتقان ناخشىسى، «ياتاقتا» ناملىق ئىتوتى ۋە بىرقۇر ئېلاندىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، بىز بىر-بىرىمىزگە قاراپلا قالدۇق. بۇ زادى نېمە ئىش؟ بۇ ھەقىقىي نەشردىكى پلاستىنكا بولسا، مۇشۇنداق ئىككى-ئۈچ تاللا نەرسە بولامدۇ؟ كاللىمىزدىن نۇرغۇن خىيال كەچتى. بىز بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى دولان شىركىتىگە تېلېفون ئۇرۇپ، سۈرۈشتۈرۈپ باقماقچى بولدۇق. پلاستىنكىدىكى تېلېفون نومۇرىغا ئۇرساق قەتئىي ئۇلانمىدى. شۇنىڭ بىلەن، دولان شىركىتىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ، 18999977007 دېگەن نومۇرغا تېلېفون ئۇرۇپ، شۇنى بىلدۇقكى، ئابدۇكېرىم ئابلىز ئېيتقاندەك، كېچىلىكنىڭ پلاستىنكىسى بازارغا سېلىنمىغان، ئۇلار تۇنجى قېتىم بىر ئىتوتنى «ئۇيغۇر تاللا تېلېۋىزىيىسى» گە بەرگەنلىكىنى، ئەگەر بۇ تورنى ئۆيگە تارتسا، 3 يۈەن بىلەن بۇ ئىتوتنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ پلاستىنكىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇشۇ، دېمەك، بىر تال ئىتوتنىڭمۇ ئوغرى نەشردىكى پلاستىنكىسى بازارغا چىقىپ بولغان، باھاسى 15 يۈەن ئىكەن!!! بۇ نېمە دېگەن كاززاپلىق!!!
ئەي، ئەزىز قېرىنداشلار، بۇ پلاستىنكىنىڭ ھەقىقىي نەشرى تېخى بازارغا چىقمىدى، ھەم چىقمايدۇ، ھەرگىزمۇ 15 يۈەن تۆلەپ ئوغرى نەشرىنى سېتىۋالماڭلار، بىز شۇ تاپتا بىزگە پلاستىنكا ساتقان ئايالنى دولان شىركىتىگە ئىنكاس قىلىپ قويايلىمۇ دېيىشتۇق، ئەمما ئۇ ئايالنىڭ ئېلىۋاتقان كۈنىمۇ تايىنلىق، بىكار چوڭ بالاغا قالىدۇ، دەپ بولدى قىلىۋەتتۇق. شۇڭا كەڭ قېرىنداشلار كوچىلاردىكى بۇنداق ئوغرى نەشردىكى پلاستىنكىنى ھەرگىز سېتىۋالماڭلار، خەق قان تەرى بىلەن پلاستىنكا چىقارسا، كۆزى پۇلنىلا كۆرىدىغان بىر قىسىم نەپسانىيەتچى كىشىلىرىمىز ئۇنى تۆكمە قىلىۋاتىدۇ، بىز بولساقمۇ، ئاق بىلەن قارىنى پەرق ئېتەيلى، خەقنىڭ ئەمگىكىنى مۇنداق دەپسەندە قىلمايلى.
مەنبە:نۇر تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەلۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-30 12:36 PM