ئادەتتىكى ئەزا
شېئىرلار كۆڭۈل ئىزھارى ئىزھار قىلدىم ساڭا كۆڭلۈمنى ، يۇلتۇز چىقىپ ئاي تولغان ئاخشام ، ئاڭلاندىمۇ قۇلاق تۈۋىڭدە ، ساڭا ئاتاپ ئوقۇغان ناخشام . نىمە ئۈچۈن بەرمەيسەن جاۋاپ ، مەندىن باشقا يارىڭ بارمىدى ؟ يارى بارغا كۆيۈپ قالدىممۇ ، ماڭا جاھان شۇنچە تارمىدى ؟ قۇلاق سىلىپ ئاڭلىغىن نىگار ، ساڭا ئاتاپ ئىيتقان ناخشامنى . پاڭ سۆيگۈمنى چۈشەنسەڭ ئەگەر ، ئۇنۇتمايسەن مۇشۇ ئاخشامنى .
ئېزىلگەن يۈرەك
چىن قەلبىمدىن سۆيگەنتىم سىنى ، لېكىن ئەپسۇس بىلمىدىڭ بۇنى . شۇنچە قىلسام پەرۋا قىلمىدىڭ ، كۆڭلۈڭ يوقكەن ھېس قىلدىم شۇنى . مەن ئالدىڭدا قالدىم خارلىنىپ ، پاڭ سۆيگۈڭگە شۇنچە زارلىنىپ . نىگار سەندىن كۈتمەيمەن جاۋاب ، قالدى يۈرەك ئەمدى يارلىنىپ . ئەمدى ساڭا قىلمايمەن ھەۋەس ، يوشۇرۇن سۆيگۈ ئىكەن بىر قەپەس . ئىشىك ئېچىپ چىقاي تالارغا ، ساپ ھاۋادىن ئالاي بىر نەپەس .
قالدى ئىزھار قىلغىن پاك سۆيگۈڭنى دەپ ، شەيتان ماڭا ۋەسۋەسە سالدى . ئاشىق كۆڭلۈم ئەيلىدىم بايان . يۈرەك تىز- تىز سوقۇشتا قالدى يايرىم سىنى سۆيىمەن دىدىم ، كۆڭلۈم جاۋاپ كۈتۈشتە قالدى . شېرىن-شېرىن خىيالدا كۈنۈم، ۋەسلىڭ ئىزدەپ ئۆتۈشتە قالدى . شۇنچە كۈتسەم جاۋاب بولمىغاچ ، پاك سۆيگۈمنى جۇد بوران ئالدى . مۇھەببەتنىڭ ئەجەل شەيتىنى ، يۈرەكىمگە بىر خەنجەر سالدى . سۆيگۈ دىگەن ئەنە شۇنداقكەن ، چىن كۆڭۈللەربىر چەتتە قالدى . پاڭ سۆيگۈگە تەلبۇنگەن يۈرەك، ئازاپ بىلەن ھەسرەتتە تالدى . مەنبە؛ قەلىمىم .
سەممىي ئەسكەرتىش ؛ تېمىنى مەندىن بېسوراق باشقا مۇنبەرگە يوللىماڭ ..
پاش قىلىش
ئاكتىپ ئەزا
ھايات سۆيگۈدىن باشلانغۇسى
بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى !
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ