مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rahatmakan

ئاجىرىشىش نىمانچە قورقۇنۇشلۇق   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 526
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 11:39:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوت خاتا ھوكۈم چىقارمىغان . ھازىرقى قانۇندا ھەر قانداق مۈلۈك ئەر بىلەن ئايالغا يېرىمدىن تەۋە بۇلىدۇ . مەيلى ئۇنى ئەر ئەمگەك قىلىپ تاپقان بولسۇن ياكى ئايال تاپقان بولسۇن ،ناۋادا ئاجىرشىش باسقۇچىغا كەلگەندە ھەر ئىككى تەرەپ 50% بويىچە بويرۇيدۇ . بۇ قانۇن تۇرغۇزۇلغىلى خېلى بولدى . ئىلگىرى ئوي مۈلۈك گۇۋانامىڭىزدا كىمنىڭ ئىسمى بولسا شۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ دەيدىغان قاراش بار ئىدى ، ئەمما ھازىرقى قانۇن بۇنى ئىتىراپ قىلمايدۇ . شۇڭا ئاغىنىڭىز قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئادىمىلىك ئېڭىنىمۇ ئۆستەرسە بولغۇدەك .
يېقىندا قەشقەردە مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم . راستمۇ بۇ ئىشلار قېنى بىلىدىغانلار جاۋاپ بېرىپ باقسۇن .
جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئەر -ئاياللارنىڭ ئاجىرشىش نىسپىتى بىرقەدەر يۇقۇرى .نىمىشقا دېگەندە يېشى كىچىكلا تۇرمۇشلۇق بۇلىدۇ . ئەمما ئىككى يىلغا بارماي ئاجىرشىدۇ . سەۋەبى نىمە ؟
بىرسى مۇنداق دىدى :
سەۋەبى ، 1 . نۇرغۇن ئاتا -ئانىلار باللىرىنى ئىش بىلمەستىن تۇرمۇشلۇق قىلىدۇ ، ئۇلار ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى مۇھىتقا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىپ -بىلمەي تۇرغىنىدا كىچىككىنە ئىشلار تۈپەيلى ئاجىرشىدۇ .
2. بەزى ئاتا -ئانىلار تويلۇقنى كوپ سالىدۇ ، يىگىتتىن ئالغان تويلۇق پۇلغا قىزىنى ئالتۇن بىلەن ئوراپ قۇيۇدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنىمە بەرمەيدۇ . ئىككى يىلدىن كېيىن ناۋادا ئۇلار چىقىشالمىسا دەرھال ئاجىراشتۇرۋالىدۇ . ھەم ئالتۇن مېلىنى ھەممىنى سوت قىزغا بويرۇيدۇ . شۇنداق بولغاچقا قىز تەرەپ قىزى بىلەن ئالتۇنغا ئېرىشىپ ئاقىرشىدۇ ، ئىككىنچى قېتىم توي قىلغاندا يەنە يىگىتتىن جىق پۇل تەلەپ قىلىپ ، پۇلنىڭ ھەممىسىگە ئالتۇن ئالىدۇ ، كېيىن ئۇنىڭدىنمۇ ئاجىرشىدۇ . دېمەك مۇشۇنىڭ بىلەن قىز بېشىدىن ئايىغىغىچە ئالتۇنغا ئېرىشىپ بېيىپ كېتىدۇ . شۇڭا بەزىلەر كوپ ئاجىرشىدۇ .

مانا بۇلار باشقىلاردىن ئاڭلىغىنىم . ئىلگىرى كوپ ئاڭلايتتىم ، مەن دېمەتلىك قىزلار جەنۇبى شىنجاڭدا ئىككى ئۈچ نىكاھلىق بۇلىدۇ دەپ ، ئۆزەمچە بەلكىم ئىككى تەرەپ تۇرمۇشتا بىرلىككە كىلەلمەي ئاجىرشىپ كېتىدىغاندۇ دەپ ئويلايدىغان . بۇدا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قۇلۇقىمغا ئىشەنمەي قالدىم . ئەجىبا جەنۇبى شىنجاڭدا جۇڭگو قانۇنى باشقىچەمىدۇ ؟
بىزنىڭ بۇ يەردە مەيلى ئالتۇن مېلى بولسۇن ، ئوي بولسۇن ، پۇل بولسۇن ھەممىنى يېرىمدىن بۇلۇپ بېرىدۇ دەپ ئاڭلىغان تۇرسام . شۇڭا قايمۇقۇپلا قالدىم . بەلكىم بۇ گەپنى ماڭا دەپ بەرگۈچى ئاشۇ جەنۇبى شىنجاڭلىق ئاكامنىڭ قوساق كوپىكى بۇلىشى مۇمكىنمىكىن دەپ قالدىم .


سەۋرەم تاشتى~

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84777
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 12:14:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mehriya يوللىغان ۋاقتى  2012-9-27 11:39 AM
سوت خاتا ھوكۈم چىقارمىغان . ھازىرقى قانۇندا ھەر قانداق  ...

سىز خاتا چۈشىنىپ قاپسىز 1000نىڭ ئىچىدە بىرەرسى شۇنداق قىلامدىكى تاڭ. مەن دەل جەنۇپ يەنى قەشقەردىن، نەدى ئۇنداق ئىش باكىن مەن پەقەتلام ئاڭلىماپتىكەنمەن. توي قىلغان مەھرى ھەققى دەپ تويلۇق بىرىدۇ، ئۇنى قانداق ئىشلىتىش قىز تەرەپنىڭ ئىشى، ئاساسەنغۇ ئالتۇن ئالىدۇ توغرا، لىكىن سىز دىگەندەك ھىچنىمە ئالمايدۇ ئالتۇندىن باشقا دىگىنىڭىز خاتا.
يەنە كىلىپ تويلۇققا بەرگەن پۇلغا ئالغان ئالتۇنغا ھىچكىمنىڭ چىشى پاتمايدۇ ، شۇ توي قىلغان قىزدىن باشقا مەيلى ئەر ياكى ئاتا-ئانا بولسۇن، ئەر تلغا ئالمىغان ئىكەن قانۇنمۇ تويلۇق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتكە ئارلىشىپ بىرنىمە دىمەيدۇ،
سىزنىڭ گىپىڭىزچە جەنۇپنىڭ قىزلىرى تويلۇق پۇلغا ئالتۇن ئىلىپ ئالتۇن يىغىش ئۈچۈنلا توي قىلىدىكەندە؟  توۋا~~~\
توي دىگەن نىڭ ئاساسلىق مەقسىتى پەرزنى ئادا قىلىش تۇ.  ئەجىبا ھازىرقى پەرىز پۇلمىدۇ يا؟

خۇدايىم،
زۇۋانى بار گاچىدىن، ۋىجدانى يوق بەزدىن،تايىنى يوق نامەردتىن،ئۆزىنى بىلمىگەن پەس دىن يىراق قىلالا~ امىن~~~~~~~~~~~~~
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش