xaydajan يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 09:11 AM
شۇ جەڭلەرگە ئات سالغان باتۇرلارنى كىم تۇغقان،
ۋەتەن ئۈ ...
شۇ جەڭلەرگە ئات سالغان باتۇرلارنى كىم تۇغقان،
ۋەتەن ئۈچۈن قان تۆككەن قەھرىماننى كىم تۇغقان.
بىر سۆز ئۈچۈن جان بەرگەن پەھلىۋاننى كىم تۇغقان،
ئانىلارغا ئىلتىماس ئۆلمەس يىگىت تىلەيمەن.
داستانلارنى قالدۇرغان ئوغۇزخاننى كىم تۇغقان،
ئەل – ۋەتەننى كۈلدۈرگەن بۇغراخاننى كىم تۇغقان،
تىرىك ئاستىدا جان بەرگەن شائىرلارنى كىم تۇغقان،
ئانىلارغا ئىلتىماس قورقماس يىگىت تىلەيمەن.
شەھەر قورغان ئالدىدا پوچىلارنى كىم تۇغقان،
نەپسى ئۈچۈن سېتىلغان نامەرتلەرنى كىم تۇغقان.
مەيدانى يوق ھەسەتخور ئەزمىلەرنى كىم تۇغقان،
ئانىلارغا ئىلتىماس يانماس يىگىت تىلەيمەن.
بەك ياخشى.....