خوتەن قاشتېشى
قاشتېشى شىنجاڭنىڭ دۇنياغا داڭلىق كان مەھسۇلاتى بولۇپ، خوتەن ھەممە ئېتىراپ قىلغان قاشتېشى ماكانى ھېساپلىنىدۇ. خوتەن قاشتېشى كۇئىنلۇن (قۇرۇم) تاغلىرىدىن ئالتۇن تاغقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەگرى- بۈگرى تاغ جىلغىلىرى ۋە ئىككى دەريا (يۇرۇڭقاش، قاراقاش دەريالىرى) ۋادىلىرىغا تارقالغان بولۇپ، يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدىكى مىرداي تېغى، يۇرۇڭقاش ۋە قاراقاش دەريا ۋادىلىرى، چىرا رايونى قاتارلىق ئۈچ ئورۇنغا مەركەزلەشكەن. قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ خوتەندىكى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى خوتەننىڭ سىمۋولى بولغان ئىككى دەريا ۋادىسىدىن قاشتېشى سۈزۈپ، ئۇنىڭدىن نەپىس سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسىغان ھەمدە خەلقئارالىق قاشتېشى سودا بازىرىنى شەكىللەندۈرگەن. قاشتېشى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق، ھەمكارلىق ئالاقىلىرىنى كۈچەيتكەن. دۇنياغا مەشھۇر «يىپەك يولى» بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇنلا «قاشتېشى يولى» نى ئېچىپ، خەلقارالىق «قاشتېشى سودىسى» نى قانات يايدۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، خوتەن «ئېسىل تاشلار ماكانى»، «قاشتېشى ماكانى» دېگەن نام بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلغان. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاشتېشىدىن پايدىلىنىش تارىخى يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن بۇرۇن باشلانغانلىقى مەلۇم. بۇنى ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قېزىۋېلىنغان خوتەن قاشتېشىدىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ تارىخىي دەۋرى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.
خوتەن قاشتېشىنىڭ تۈرلىرى كۆپ، رەڭدار ۋە جۇلالىق، سۈپىتى ئېسىل، پارقىراق ۋە پۇختا بولغانلىقى ئۈچۈن قەدىمدىن تارتىپ «ئېسىل گۆھەر» دەپ قارىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خوتەن خەلقى ئارىسىدا قاشتېشىنى ئۇلۇغلاش ۋە مۇقەددەس بىلىش ئەقىدىسى بارلىققا كەلگەن. ئىككى دەريانىڭ نامىنىمۇ قاشتېشى شەرىپى بىلەن ئاتىغان.
دەريا ۋادىلىرىدىن سۈزۈۋېلىنىدىغان قاشتېشى كىچىك، ئەمما ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ، ئۇنى خالىغان كىشى دەريادىن سۈزۈۋالىدۇ. دەريادىن قېزىۋالىدىغان قاشتېشى چوڭ ھەم ئۇيۇل بولۇپ، ئېلاستىكىلىقى ياخشى، ئاسانلىقچە چېقىلمايدۇ. خوتەن قاشتېشىنىڭ رەڭگى ئاق، سېرىق، كۆك، قارا ۋە كۆكۈش بولۇپ، ئاق قاشتېشى بىلەن سېرىق قاشتېشى ئەڭ ئەتىۋار ھېساپلىنىدۇ. قەدىمكى رىۋايەتلەردە خوتەن قاشتېشى ئارخاننىڭ تاش قاتمىسىدىن پەيدا بولغان دەپ قارىلىدۇ.
ئومۇمەن، قاشتېشى خوتەن خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بولۇپ، قاشتېشىدىن نەپىس بۇيۇملارنى ياساش ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر- كەسىپ ئادەتلىرىدىن بىرى. ھازىرمۇ يۇرۇڭقاش دەرياسى بويىغا بارسىڭىز، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ دەريادىن قاشتېشى سۈزۈۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىسىز.
ئەمدى دىققىتىڭلار خوتەن شەھەر خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 9- نۆۋەتلىك قاشتېشى مەدەنىيەت بايرىمىدىن كۆرۈنۈشلەردە بولسۇن...!! خوتەن قول ھۈنەرۋەنچىلىكى: كەشتە خوتەن قول ھۈنەرۋەنچىلىكى: قوشۇق
خوتەن قول ھۈنەرۋەنچىلىكى
قول يازما ئەسەرلەر
خوتەن قوي يۇڭى گىلىمى
خوتەن ئەتلىسى
قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىغا قاتناشتۇرۇلغان چوڭلۇقى 2*2 مىتىر كېلىدىغان كۆممە كۆمەچ، بۇ كۆمەچنىڭ سېتىلىش باھاسى 2000 يۈەن ئىكەن.
خوتەن قوي يۇڭى گىلىمى
مانا بۇ خوتەن دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر كارخانىلىرىنىڭ سەركىسى بولغان ئابىدە شىركىتى كۆرگەزمىگە قويغان ئەڭ چوڭ قۇتىلىق ئابىدە مانگو قۇۋۋەت ئىچىملىكى.
قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىغا ئالاقىدار قالغان رەسىملەر ئىنكاس شەكلىدە تېما ئاستىغا يوللىنىدۇ.
تېما مەنبەسى: چۈشەندۈرۈشلەر تور دۇنياسىدىن ئېلىندى. سۈرەتلەر نەق مەيداندىن تارتىلدى.
|