asat708 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 10:39 PM
كەچۈرىسىز . تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ قويىدىغا ...
دىئالوگ:
مەن :ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى:ئىلىجان.
مەن ئەسلىدە ھازىر دېمەكچى بولغان مەسىلەم ئۈستىدە بىر تىما يازغان لىكىن ئۆچۈرۈلدى. بىراق خىزمەت ۋە ۋاقىت مەسىلىسى تۈپەيلى ياخشى يازالمىدىممۇ ۋە ياكى سىلەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئېچىشقان يېرىڭلەرگە تۇز سېپىپ قويدۇممۇ بىلمىدىم تېما تەستىقلىنىپ نەچچە مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا ئۆچۈرۈلدى.شۇڭا خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي ۋەكىل خاراكتىرلىك قىلىپ سىزگە بۇ ئۇچۇرنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن
ئالدىنقى كۈنى مەن‹توردا بۇزۇلغان ئايال› دېگەن بىر تىمىغا كۆزۈم چۈشۇپ قالغان ئىدى بىراق ۋاقتىم يوق ساقلىۋىلىپ كىيىن ئوقۇي دەپ شۇكۈنى كەچتە ئاچسام كۆرەلمىدىم،ئەسكەرتىشتە ‹بۇتىما ئۆچۈرۈلدى ياكى تەستىقلانمىغان› دەپ كۆرۈندى تەستىقلانمىغان دېگەن گەپكە ساراڭمۇ ئىشەنمەيدۇ، بىرقىتىم يوللۇنۇپ كىيىن ئېچىلمىغان تىما چوقۇم ئۆچۈرۈلگەن بولىدۇ دېمەك سىزدەك باشقۇرغۇچىلار تەرپىدىن ياخشى بىر ئەسەر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچىراشمايلا سىلەر تەرپىڭلاردىن يوقىتىلىپ كېتىپ بارىدۇ(سىزنى دېمەكچى ئەمەس)،بۇ ئەسەرلا ئەمەس يەنە خىلى كۆپ ياخشى ئەسەرلەر مۇشۇنداق قىسمەتكە دۇچ كىلىۋاتىدۇ.ئەگەر بۇندىن كىيىن ئۆچۈرمەكچى بولساڭلار تەستىقلىغاندا بىرنەچچە سائەتتىن كىيىن ئۆچىرىمىز دەپ ئەسكەرتىش بېرىپ قويساڭلا،بىزدەك ئالدىراشلا رئايرىم كۆچۈرۈپ قويۇپ ئاندىن كۆرىلى بولمىسا كۆرەلمەيدىكەنمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يازغۇچىلارنىڭ مىۋىسىگە ھۆرمەت قىلىپ قويشىڭلارنى سورايمەن.
ھېچ بولمىغاندىمۇ نېمە ئۈچۈن ئۆچۈرىلگىنىنى دەپ قويساڭلار!(مېنىڭ تىمام ئەمەس)
باشقۇرغۇچى ئىلىجان:ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام. ئەخمەد. سىزنىڭ قايسى تېمىنى يازغىنىڭىزدىن خەۋىرىم يوق، ئەمما قانداقداقتۇر توردىكى بىرەر ئەزا بىزنىڭ شەخسەن مېنىڭ ئېچىشقان يېرىمگە ‹‹تۇز›› سېپەلمەيدۇ. ھەم ئېچىشىدىغان يېرىممۇ يوق. تىمىڭىزنىڭ چىقىپ بۇلۇپ ئۆچۈپ كېتىشىگە كەلسەك ئارقا بەتتە تېما نۇرمال كۆرۈنمەيدۇ. مەسىلەن رەسىم، فىلىم، مۇزىكا، ماقالىنىڭ بىرقىسمى ... قاتارلىقلار كود شەكلىدە كۆرۈنىدۇ، بىز پەقەت بىر قېتىم تەستىقلىغاندىلا ئاندىن تۇلۇق مەزمۇنىنى نۇرمال كۆرەلەيمىز. تەستىقلاپ بولغاندىن كېيىن تەكرار ياكى مۇنازىرە ئەھمىيتى يوق دەپ قارىغان تېمىلار ئۈچۈرىلىدۇ. ‹توردا بۇزۇلغان ئايال› ناملىق پوۋسىت 2011-12ـ ئايدا مۇنبىرىمىز ئەزاسى ھايات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. ئۇنى يوللىغۇچى ئەزا مۇشۇ مۇنبەردىكى تىمىنى يەنە مۇشۇ مۇنبەرگە چاپلاپتۇ، بەزىلەر ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز تەستىقلىغان چېغى تەكرارلىقىنى بىلگەن باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈرىۋېتىپتۇ.
يەنە بەزىدە تېما ئېلان قىلىنىپ، ئەسلى ئاپتور مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزسە (تەھرىرلىسە) بىرەر تال چىكىت قۇشۇۋەتسىمۇ قايتىدىن ئارقا بەتكە بارىدۇ، بايا كۆرگەن تورداشلار ئىنكاسىنى يېزىپ يوللاش نى باسسا ‹بۇ تىما ئۈچۈرۈلگەن ياكى تەستىقلانمىغان › دەپ كۆرىنىدۇ. تاكى بىرەرسىمىز شۇ تېمىنى كۆرۈپ تەستىقلىمىغۇچە .
بىر ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ‹‹سىز ھارام پىلاستىنكا ئالامسىز›› دېگەن مەزمۇندا بىر تېما يوللىنىپتىكەن، ئەمما ئىملاسى ناھايتى خاتا، بىزنىڭ ئۇنى قايتا بېسىپ چىققۇدەك كۆپ ۋاقتىمىز بولمىغاچقا ئامالسىز ئىگىسىگە ئۇچۇر قىلسام ‹سىز نېمە ئىش قىلىسىز... سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلار يەتمىسە كوررېكتور سېتىۋېلىڭلار›› دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ. ھەتتا مۇشۇ بىر قۇر سۆزىدىمۇ نۇرغۇن ئىملا خاتالىقى ...
ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ تېمسىنى پۈتۈنلەي قايتا ئۇرۇشقا ۋاقتىمىز يەتمەيدۇدە، تىمىنىڭ ئۈچۈرۈلگىنىگە ئۇچۇرئەۋەتمەيدىكەنسىلە دەيدىكەنسىز، بىز ھەر قېتىم ئۇچۇر ئەسكەرتىش بېرىپ ئۈچۈرىمىز، ئەمما سىستىما قوللىماسلىقى سەۋەبلىك سىلەرگە بارمايدۇ، شۇڭا بۇنى باشقۇرغۇچىلاردىن كۆرمەڭ، مەنمۇ ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە ئايرىم ئۇچۇردا ئەسكەرتىش بېرىپ مېڭىۋاتىمەن. ئىشەنمىسىڭىز ماۋۇ كىيۇكىيۇنى قاچىلاڭ،1498068688 رەسىملەرنى ئىسپات سۈپىتىدە ئەۋەتىپ بېرىمەن.
مەنمۇ ئۆزۈم قىزىققان تېما ئۈستىدە مۇشۇ سۇئاللارنى سوراپ باققان باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى يۇقۇردىكىدەك،كۆڭلىڭىزدىكىدەك جاۋابقا ئېرشەلمىگەن بولسىڭىز باشقا باشقۇرغۇچىلاربىلەن ئالاقە قىلىپ بېقىڭ. بۇئېشتا مېنىڭمۇ ئاچچىغىم كەلگەن.