مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nomu

ئۇيغۇر ئالىملىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 08:57:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىللىقتا ئېسل چىقىپتۇ بۇ شىئىر ، رەھمەت سىزگە

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

بىز كىم؟ كىمنىڭ ئەۋلادى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6483
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 955 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 09:29:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ

گۈل ئۈزسەم قولۇمغا سانجىلدى تىكەن،
تىكەنسىز ئەمەسكەن ئەسلى گۈل دېگەن.
خۇدايىم ئىنسانغا چىراي بەرگەندە ،
تۈگمىدەك ئەقىلنى قۇشۇپ بەرسىكەن.

مەن 365 كۈن ياشايمەن،ھەرگىزمۇ بىر كۈن ياشاپ 365كۈن تەكرارلىمايمەن.

سەھرانى سۆيىمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9915
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 09:33:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئالىملىرى

ئەكرەم ئابدۇمېجىت

ئىلمۇ – ئىرپان ئاسمىنىدىن بالقىغان ئالىملىرىم ،
ئۈشبۇ ئىقلىم سىرلىرىنى بايقىغان ئالىملىرىم.
پىكرى قانچە قەرنىلەردىن ھالقىغان ئالىملىرىم ،
قانچە دەۋران دولقۇنىنى چايقىغان ئالىملىرىم .
ھەر تەرەپكە نام – نىشانە تارقىغان ئالىملىرىم .

بىزمۇ تۆت زاتنى ئاۋۋال بىلگەن ئېقىلنىڭ شامىدا ،
سۇ، ھاۋا، ئوت، يەرنى جەم قىلغان تەپەككۇر جامىدا ،
قانچە مىڭ مۆجىزىلەر تۇرماقتا ئۇيغۇر نامىدا ،
گاھى بۇددا نوملىرى ، گاھى شامان گۇلخانىدا ،
بار گۈزەل سەنئەتكە رىشتىن باغلىغان ئالىملىرىم .

تۇنيۇقۇق يوللۇق تېكىندەك ئەزىمەتلەر بىر زامان ،
چىقتى بىزدىن تارىخىن تاشلارغا ئويغانلار ھامان ،
بىزدىكى مىڭ ئۆي بىلەن كارىزنى كۆرسە گەر جاھان ،
‹قانچە دانىش ئەجرى بۇ›دەپ داڭقېتىپ قالغان شۇئان،
ۋەلىكىن ھەرگىز ئاتاق ، نام ئالمىغان ئالىملىرىم .

تۇغۇلۇپ كۆسەندە ئەسلى يول ئېلىپ چاڭئەن ئارا ،
نەچچە مىڭ تالىپنى جۇپ تىز ئەيلىگەن كومراجىۋا ،
ئەركە چىڭگىزخانغا ئۇستاز بولغىنى تاتاتۇڭا ،
يەرنى يۇپيۇمىلاق قىلىپ بەرگەن سىزىپ مەھمۇت بوۋا ،
شۇ ئۇزاق تارىخ بىتىدە چاقنىغان ئالىملىرىم .

ئەل فارابى قانچە يىل يەشمەككە ئالەم سىرلىرىن ،
شۇنچە تەنھا ئۆتكۈزۈپ كەلگەن كېچە – كۈندۈزلىرىن ،
بىر ئۆمۈر ھىكمەت بىلەن ئايرىپ ئىلىمنىڭ تۈرلىرىن ،
ئۈشبۇ ئالەم لەززىتىگە سالمىغان كۆزنىڭ قىرىن ،
رۇم ، بەدەخشان ، مەككە ، شامدا قاتنىغان ئالىملىرىم .

شۆھرىتىنى قايسى ئەل بىلمەيدۇ خاس ھاجىپ دېسەك ،
ئۇ يېزىپ چىققان ‹بىلىك› بەرگەچ جېمى پەندىن دېرەك ،
قانچە سۇلتانلار ئۇنى بىلگەن ئۇلۇق دەستۈرىدەك ،
ئالمىغان كىملەر ئۇنىڭدىن مەنىۋىي لەززەت دېمەك ،
يازمىلاردا نامى كۈندەك پارلىغان ئالىملىرىم .

قانچە ئەل- يۇرتنى كېزىپ ئېرپان ئۈچۈن قىلغان سەپەر ،
شۇ ئۇلۇق زاتلار ئارا بار ھەم تەجەللى مۆتىۋەر ،
ئەل جامائەت ساقلىغىچۈن ئەجرى قىپ شامۇ ـ سەھەر ،
خېمىيە ، مېدىتسىنانىڭ كانىدىن قازغان گۈھەر ،
بولسىمۇ دىندار ، ئىلىمدىن تايمىغان ئالىملىرىم .


بىر زامان تەتۈر قۇيۇنلار توختىماي چىققاندىمۇ ،
نەسلى ئالۋاستى خاقانلار ئەلنى چىڭ سىققاندىمۇ ،
قانچە دەستۈر يازمىلارنى ئۆيمۇ – ئۆي يىققاندىمۇ ،
شۇ مىراسلارنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈپ ، چاققاندىمۇ ،
ئىلىم – ھېكمەت مەنزىلىدىن يانمىغان ئالىملىرىم .

قانچە تارىخ بەتلىرىنى ئەجرىدە كەلگەن يۈدۈپ ،
ئا . مۇھەممەت ھەمدە ئۆتكۈر ئاكىلار كەتتى ئۆتۈپ ،
مۇندا ھېكمەت ئىزلىرى قالغان ئەمەس ھەرگىز ئۆچۈپ ،
دەۋرىمىزدە خالمۇرات ھەمدە زەپەركاملارمۇ كۆپ ،
ئۈزۈلۈپ ھېچ بىر زاماندا قالمىغان ئالىملىرىم .  
   
تۈركىيە ، ئىستانبۇل
2012.2.19


1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

ھايات سۆيگۈدىن باشلانغۇسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17844
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6349
تۆھپە نۇمۇرى: 427
توردا: 338 سائەت
تىزىم: 2010-11-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 11:02:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر قىتىم ماختاي چۇ ! راسلا قەلىمىڭىز ئۆتكۈركەن!

مۇھەببەت بىرخىل تاتلىق ھەسەلدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81460
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 10:24:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچە بىر رەپ ناخشىدا ئىشلىتىلگەن بۇ تېكىستلەر، ھەقىقەتەن جانلىق يېزىلغانكەن!ئاپتورى توغرىسىدا ئۇچۇر بىلگىلى بولارمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17575
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7095
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2010-11-14
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 05:25:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شەمشەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84161
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 47
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 06:46:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شېئىر مەزمون جەھەتتە ئالى.بىز ئويلىشىمىز لازىمكى ھازىر نىمىشقا چىقمايدۇ؟ مۇشۇنداق ئوقيالار..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75313
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3287
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2012-2-10
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 12:23:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئالىملىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەك.

خام_خىيالچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83553
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3569
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 12:27:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلق قەلبىدە ئۆچمەس ئۇرۇن ئالغان،ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزغا ھەر ۋاقىت ھۆرمەت بۈلدۈرۈپ، تەشەككۇر ئىيتىمىز،ئالامچە مەدىھيە ئۇقۇشقا ئەرزىيدۇ،بۇ تىمىنى يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83553
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3569
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 12:27:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلق قەلبىدە ئۆچمەس ئۇرۇن ئالغان،ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزغا ھەر ۋاقىت ھۆرمەت بۈلدۈرۈپ، تەشەككۇر ئىيتىمىز،ئالامچە مەدىھيە ئۇقۇشقا ئەرزىيدۇ،بۇ تىمىنى يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش