داۋامى
ھاياتىمدا خۇشال ئۆتكەن چاغلىرىم بار دىيىلسە دەل شۇ خىزمەت قىلغان ۋاقىتلىرىم ئىكەن ،گۈل گىياھلار ئىچىدە ،ھەرخىل خۇشبۇي ھىدلارئىچىدە يۈرگەن چاغلىرىم ئىكەن .خىزمەتتە تۇلىمۇ ئەستايىدىل ئىدىم ھەم بۇمۇ خىزمىتىمنىڭ تەلىۋى ئىدى.
بىلەمسەن رەيھان،، گۈللەرمۇ،دەل دەرەخلەردىمۇ ھاياتلىق بار ئۇلارمۇ سۆزلىيەلەيدۇ دىگىنى راسىت ئىكەن .ئانامدىن ئاغرىنغان چاغلىرىمدا غايىۋى دادامنى سېغىنغان چاغلىرىمدا ئۆزۈم پەرۋىش قىلىپ ئوستۇرگەن گۈللىرىمنىڭ كۆچەتلىرىمنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ قانغۇدەك يىغلاپ دەردىمنى تۈكۈپ بىرەتتىم ،ئۇلار مىنىڭ دوستلىرىم ئىدى،
بەزىدە ئۇلار بىلەن شىرىن خىياللارغا غەرىقمۇ بۇلاتتىم ،جىممىدە ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى تىڭشاش ئۈچۈن تىرىشاتتىم ،خىيالىمدا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايتتىم ،مۇڭ ئەسرا بۇلاتتىم .نىمە دىگەن راھەتچىلىك ئىدى ماڭا شۇلار ...
22 ياشقا كىرگەن يىلىم تۇيۇقسىز مەن زارىقىپ كۈتكەن دادامنىڭ خەۋرى كەلدى.
ئۇ ئىچكىرىدە ئويلۇك ئۇچاقلىق بۇلۇپ،چوڭ بىر ئاشخانىغا خۇجايىنمۇ بۇلۇپ بالىلىرىمۇ بۇلۇپ كىتىپتۇ،مەندەك بىر قىزىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇقۇپتۇ.
بۇ خەۋەرنى قانداق ئاڭلىغان بولسام ،شۇنداق ئۇنتۇپ كىتىش ئۈچۈن تىرىشتىم ،چۈنكى ئۇ مەندەك بىر قىزىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ مىنى ئىزلەپمۇ قويمىدى،ھەتتا تېلىفۇنمۇ ئۇرمىدى..شىرىن خىياللىرىم ،سېغىنىشلىرىمنىڭ ھەممىسى قۇرۇق،قۇپقۇرۇقلا ھالەتتە قېلىپ قالدى،ھاياتىمدا دەل شۇكۈنلەردە قاتتىن ئازاپلاندىم ،ئىچ -ئىچىمدىن ئۆكسۈپ-ئۆسۈپ يىغلىدىم.پۈتۈن بەدىنىم پارچە-پارچە بۇلۇپ كىتىدىغاندەك جالاق -جالاق تىترەك كەتكىنىم ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ،ھەممە سۇغۇقلۇق مىنى چىرماپ قاپقاراڭغۇلۇق ئىچىدە ھوجرامغا سولىنىپ نەچچە كۈنگىچە سىرىتقىمۇ چىقمىدىم .ئانامغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئالغان بىر پارچە سۈرىتىگە تىكىلگىنىمچە ئۇزاقتى-ئۇزاق ئولتۇردۇم،
ئەسلى ئۇ مەن ئۈچۈن ئاجايىپ مۇقەددەس،ئۇلۇغ بىر ئىنسان ئىدى،يىغلىغان ئازاپلانغان چاغلىرىمدا خىيالمدا پەيدا بۇلۇپمىنى باغرىغا باساتتى،چاچلىرىمنى سىيلايتتى،چەكسىز مىھرى-مۇھەببىتى بىلەن قۇلىغىمغا شىۋىرلاپ تۈن كىچىلەردە ماڭا ھەمرا بۇلاتتى.
لېكىن مەن شۇنچىلىك ئارزۇ قىلغان شۇ دادا مىھرى ماڭا چۈشتەكلا يوق بولدى.مەن يەنىلا بىرخىل سۇغۇقلۇق ئىچىدە قالدىم.خىياللىرىم غېرىپسىنغانسىرى مەندىكى ئىنتىلىش سېغىنىش كۈچىيىپ كەتتى ....
بىريىلنى مانا شۇنداق ئازاپ ئىچىدە ئوتكۈزۈپ ياندۇرقى يىلى ئىدارىدىن بىر ئايلىق رۇخسەت ئېلىپ ئانامغا ئىككىلىكلا خەت قالدۇرۇپ دادامنى ئىزلەپ كۈرۈشۈپ كىلىش، كۆڭلۈمدىكى تۈگۈنلەرنى يىشىش مەخسىتىدە خۇنەنگە قاراپ يول ئالدىم .
يولبۇيى خىياللىرىم مىنى بەزىدە گۈزەل كەلگۈسىلەرگە ئاپارسا بەزىدە ئازاپلىق يىغىلارنىڭ قوينىغا سورەپ ئەپ ماڭدى .
نەچچە كۈنلۈك سەپەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سۈرۈشتۇرۇپ يۈرۈپ دادام ئاچقان ئاشخانىنى ئاخىرى تاپتىم .ئاشخانا رەستە كوچىنىڭ بېشىغىلا جايلاشقان بۇلۇپ،قارىماققا سودىسى ئالاھىدە ياخشىدەك قىلاتتى.قەدەملىرىم يېقىنلاشقانسىرىي يۈرىگىم ئەنسىز دۈپۈلدەپ سۇقۇپ ،پۈتلىرىم كالۋالىشىپ ،ئۆزۈمنى سەزمەيلا كىتىپ باراتتىم .دوقمۇشتىن ئۈتۈپ ئاشخانا ئالدىغا كەلگىنىمدە ئاشخانا ئالدىدىكى كاۋاپداندا كاۋاپ يەلپۇپ تۇرغان 40 ياشلار چاممىسىدىكى ئاق سېرىق يۈزلۈك ،بېشىغا ئاق دوپپا كىيىۋالغان بىر ئۇيغۇر داداشنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىم تېخىمۇ سېلىپ كەتتى سەپسېلىپ قاراپ ئۇ كىشىنىڭ دادام ئەمەسلىكىنى بىلدىم دە ،-ئۇف ،دەپ يىنىككىنە نەپەس ئېلىۋالدىم
-كەسلە ،خېنىم بالام ئىچكىرىگە كىرسىلە ھېلىمكامنىڭ ئاشخانىسىنى تەستە تاپتىلا ھەقاچان ،داڭلىق ئاشپۇزۇل بۇ ،بۇياققا كەلگەن ھەر قانداق ئۇيغۇر كىشى بىرەر ئۇيغۇر تاماقخانىغا ئاپىرىپ قۇيۇڭ دىسە مۇشۇ ئاشپۇزۇلغا ئەپكەلمەي قالمايدۇ ،مەرھەمەت كىېرسىلە ئىچكىرىگە.....
ئۇ ئادەمنىڭ مىنى كۆرۈپلا توختىماستىن سۆزلەپ كىتىشىگە قاراپ ،بۇ لارنىڭ ھەربىر ئۇيغۇر مىھمانلارنى كۈتىۋېلىش سۆزلىرى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلدىمدە ،كۈلۈپ قۇيۇپ ئىچكىرىگە كىردىم .
ئۇ ئادەمنىڭ گەپلىرى ھېچ بولمىسا خىياللىرىمنى ھۇدۇقۇشلىرىمنى كىچىككىنە بولسىمۇ بىر ياقلارغا قايرىپ قۇيىشىمغا ،ئۆزۈمنى تەمكىن تۇتىشىمغا ياردەم بەرگەن ئىدى .
ئاشخانىغا كىرىپلا پۇل ئالىدىغان يەردە ئولتۇرغان سىمىزراق كەلگەن چىرايلىق بىر چوكاننى كۆرۈپ لەسسىدە بۇلۇپ قالدىم .« ئەجىبا ئۇ ئايالىمىدۇ؟ ياكى بۇئاشخانىنى ئۆتكۈزۈپ باشقا يەرگە كەتكەنمىدۇ" دىگەندەك خىياللار مىنى بىردەم قىينىدى ....
كۈتكۈچى گە تاماق بۇيرۇتۇپ قانچىلىق ئۇزاق ئولتۇرغىنىمنى ھېچ بىلمەيمەن .ئەمما ئۆزۈم كۈتكەن سېغىنغان شۇ كىشىنى بىرەسىدىن سورىغۇم كەلمەيتتى.خىيالىمدا تۇيۇقسىز ئىشىكتىن كىرسىكەن ئۇنى قۇچاقلاپ قانغۇدەك بىر يىغلىسامكەن دەپلا ئويلايتتىم .بىرە سائەتلەردىن كىيىن بەك ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتكىنىمنى سېزىپ ئىشىكتىن ئاستاغىنە چىقتىم دە ھېلىقى كاۋاپ پۇشۇرىدىغان ئادەمگە ئىككىلىك خەت يېزىپ قالدۇرۇپ مەنزىلسىز كىتىپ قالدىم .
يېقىنلا يەردىن بىر ياتاق ئېلىپ ئۇرۇنلاشتىم كەچ كىرگىچە خىيالىم شۇ كىشى بىلەن بولغان پاراڭدا ئىدى .
-تاغا ھېلىم ئۇستام يوقمۇ؟
-بىرە ئىشىڭىز بارمىدى قىزىم ؟ ئۇياق ئەتتىگەندە سىرىتقا ماڭغانىدى قىزىنى مەكتەپكە ئۇزىتىپ كەتتىغۇ دەيمەن؟
-قىزى؟....ئۇياقنىڭ قىزىمۇ؟
-شۇنداق كىچىك قىزى بۇيىل ئالى مەكتەپكە ئوتتى .بېيجىڭغا دەمدۇ ئىشقىلىپ...بەك ئوبدان مەكتەپمىش دىسلە قىزىم ..
-مەن شىنجاڭدىن كىلىۋىدىم تاغا بىر ئىش بىلەن ئۇياقنى ئىزلەيتتىم بۇتىلفۇن نۇمرىغا بىر تىلفۇن قىلسا ،بەكمۇ جىددى ئىش ئىدى .
-ماقۇل قىزىم
مەن تىزلاقەغەز پارچىسىغا «مەن ئامىنە ،گۈلبانۇمنىڭ قىزى . مۇشۇ نۇمۇرغا تىلفۇن قىلسىڭىز .سىزنى ساقلايمەن »دەپ تاققا تۇققىلا ئىككىلىك خەت قالدۇرۇپ كەلگەندىم .
ئەممە كەچ قارايغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ سادا بولمىدى ،ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ،كۆزلىرىم ئۇيقۇغا ئەمدىلا ئىلىنىۋىدى تىلىفۇنۇم ئەنسىز سايراپ كەتتى.
-ۋەي؟
-ئەسسلامۇ-ئەلەيكۇم ؟مەن ھېلىم
.........
-ۋەي سىز نەدە ؟ كۆرۈشەي دىۋىدىم قىزىم .....
،،،،،،
مەن تۇرۇپكىنى تۇتۇپ يىغلاۋاتاتتىم .دىمەك قارشى تەرەپتى ئاۋاز چىققان كىشى مىنىڭ دادام ئىدى .
بىز كۆرۈشتۇق ،ئۇ ياتىغىمغا كەلدى ،ئەمما قۇچاقلىشىپمۇ يىغلاشمىدۇق،مېنىمۇ باغرىغا باسمىدى .چۈنكى ئۇ ئايالى بىلەن كەلگەنىدى،ئۇلار ئىشىكتىن كىرىپ ھېچ ئەھۋال سوراشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا ھېلىقى ئايال سۆزلەپلا كەتتى .
-ماڭ قارىسىلا خېنىم ،سىلى نېمە ۋەجىدىن كەلدىلە بۇ يەرگە؟ باققۇدەك ئادەم قالماي بىچارە دادىلىرىنى بوزەك قىلىپ كەلدىلىما ؟ نەدە قاپلىكەن ئۆز ۋاختىدا .مىنىڭ قىزم دىدى بۇياق بولمىسا سىلىنى ساقچىغا ئاپىرىپ بىرەتتىم .گۈلبانۇ دىگەن ئەركەك زەدەك خۇتۇن ھېلىمنىڭ بار پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئۆز ۋاختىدا يالىڭاچ تالاغا چىقىرىپ قۇيۇپتىكەن قايلىسىلا ،مەن بۇياقنى نامراتكەن دىمەي تىگىپ مۇشنچىلىك كۈنگە ئاران ئۇلاشتۇق .ئەمدىلىكتە ئۇ پاسكىنا سىلىنى يەنە نىمىگە ئىۋەرتىدۇ ؟ تېخى ئوتكەن يىلىلا بىرمۇنچە پۇل ئەۋەتتىغۇ بۇ ئادەم سىلىگە؟ قىزىڭنى ئۇقۇتتۇم پۇك بە دەپ بىزنى ئارامىمىزدا قويماي ئۇ خۇتۇن ؟
دادام جىممىدە تۇراتتى .كۆزىنى يەردىنمۇ ئالمايتتى،ماڭىمۇ قارىمايتتى...يۈرىگىم پۇچۇلىنىپ كەتكەن شۇ تەرەققىدە ياتاقتى ئېتىلىپ چىقىپ كەتتىم .
مەن قانداق بارغان بولسام يەنە شۇنداق غېرىپلىق ئىچىدە بىرمۇنچە دەرت ئەلەمنى يۈدۈپ قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم .
پويىزدا ئۇنىڭ بىچارە تۇرقى ،ياتاق ئىچىدە چالۋاقاپ قوللىرىنى شىلتىپ سۆزلەۋاتقان خۇتۇنىنىڭ قىياپىتى كۆز ئالدىم ھېچ كەتمەيتتى.
قايتىپ كىلىپ تېخىمۇ جخمغۇر بۇلۇپ كەتتىم .ئانامنىڭ تىل ئاھانىتى تېخىمۇ ئەدەپ كەتكەنسىرى ماڭا بولغان بېسىم تېخىمۇ ئېشىپ كىتىپ باراتتى .دادامنىڭ سۈرىتىنى خاتىرەمنىڭ چوڭقۇر قېتىگە سېلىپ قۇيۇپ ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىمنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى خىزمەتكە تېخىمۇ بېسىپ ئىشلەپ كىتىپ باراتتىم . يىللار ئۆتكەنچە بارا - بارا بۇخىل سېغىنىش ۋە نەپرەت ئارلاشقان ھىس تۇيغۇلىرىممۇ غۇۋالىشىپ بارماقتا ئىدى .
ئەتتىگەنلىرى تۇرۇپ ئەينەككە قارىسام ئەينەكتە كۆرۈنگەن چىرايى قامتۇل كەلگەن،يۇمىلاق يۈزلۈك كىچىكىنە مەسۇملۇق چىقىپ تۇردىغان كۆزلەرنىڭ ئورنىغا ھارغىنلىق سۇغۇقلۇق ئارلاشقان كۆزلەر ئالماشقان ، مۇزدەك تەلەتلىك مۇشۇ قىزنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىگە ئىشەنىچمۇ قىلالمايتتىم .مەن ئانچە چىرايلىق ئەمەسلىكىمنى باشقىلارنى ھېچبىر جەلىپمۇ قىلالغۇدەك نازاكىتىمنىڭ يوقلىقىنى مۇشۇنداق ئانا-ئانا مىھرىمۇھەببىتىگە بولغان سېغىنىش ئىچىدە ئۈتۈپ كەتكەن 27يىللىق ياشلىق باھارىمنىڭ ئاخىرلىشىپ بارا-بارا قېرى قىز بۇلۇپ كىتىپ بارغان كۈنلىرىرىمنىڭ بىرىدە ھىس قىلدىم .شۇ ۋاقىتلارغىچە مەندە نە سۆيگۈمۇ بولماپتۇ،يات جىنىسلارغا بولغان قىزغىنلىقلارمۇ ھەم بۇلۇپ باقماپتۇ....ئەمما باللىرىنى يىتلەپ كىتىۋاتقان دوستلىرىمغا قارىغىنىمدا مەندىمۇ بارا-بارا بىرخىل ئىللىق سېزىملارنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم .
لېكىن ئويلىغانسىرى كىتاپلاردىكى ئاشىق مەشۇقلۇق ھايات ماڭا نىمىشقا باقمايدۇ دەپ قىزغىنىدىغان بۇلۇپ قالدىم .
ئويلاپ باقسام ماڭا تىكىلىپ قارىغان ئۇغۇللار بولغىنىنىمۇ ئويلاپ تاپالمايمەن ،يۈرىگىمدىكى مۇزدەك تۇرغان بۇ ئازاپ ۋە يالغۇزلۇققا بولغان نەپرىتىم،مىھىر-مۇھەببەتكە بولغان تەلپۈنۈشلىرىم شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدى .
شۇھالەتتە ئالدىمغا كىمكى ئۇچرىسا، كىمكى ئۈيۈمگە ئەلچىلىككە كىرسە شۇنىڭغا تىگىدىغاندكلا قىلاتتىم .گەرچە بۇلار شۇ ۋاقىتلاردا روھى ھالىتىمدە يۈز بىرىۋاتقان تۇيغۇلار بولسىمۇ لېكىن ماڭا بەكمۇ چوڭ تەسىرى بۇلىۋاتاتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانامنىڭ بارغانسىرى ئەزۋەيلەپ كىتىشلىرىدىن جاق تويغانىدىم .
-ۋاي شور پىشانە بىر قىز بولدۇڭغۇ سەن ،قىز بالا دىگەندە ئاز تۇلا نازاكەت بۇلىشى كىرەققۇ زادى؟ مۇئاشىڭمۇ بار سىنىڭ ئۆزۈڭنى تۈزەپرەك يۈرسەڭ بولمامدۇ يابىر ماي سۈرۈشنى ،يابىر چىرايلىق ياسىنىشنى بىلمەيسەن ،تېرەكمۇ كۈيۈپ يىللار ئوتكەنچە قارىداپ سەتلىشىپلا كىتىپ بارىسەن ....
-ۋاي شورى قۇرغۇر،يېشڭمۇ بىر يەرگە باردى قاچانغىچە ئەرگە تەگمەي ئولتۇرىسەنەي سەن؟
مۇشۇنداق زەھەردەك ئاچچىق تىل-ئاھانەتلەرئىچىدە ھېلىمۇ بېشىمنى كۈتۈرۈپ يۈرۋاتاتتىم .بىرقانچە نەۋرە سىڭىللىرىمدىن ئۆزگە دوستمۇ تۇتۇپ باقماپتىمەن .نىمە ئىشلارنىڭ تەسىرىدىنكىن ،مانا مۇشۇنداق چوڭ بولغانىدىم .مۇئاشىم شۇنداق يۇقۇرى بولسىمۇ ،ئارتۇق چىقىم قىلىپ باشقا قىزلاردەك ياسىنىپ تارىنىپ يۈرگۈم كەلمەيتتى.ئولتۇرۇش چايلارغامۇ بارمايتتىم ،پەقەت خىزمەتداشلىرىمنىڭ چاقىرغان مەرىكىلىرىگە لايىقىدا بېرىپ قايتاتتىم .
ئەمما كىشىنىڭ ھاياتى شۇنچىلىك تاساددىبىلىق ئىچىدە ئۆزگىرىپ كىتىدىكەنكى.تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن كىچىككىنە بىر ئىشمۇ ھاياتىڭنى شۇنچىلىك تىز باشقا بىر ياققا بۇرىۋىتىدىكەن .
غەيرەت بىلەن قانداق تۇنۇشتۇم،ھاياتىمنىڭ نوختىسى شۇنچىلىك تىز ئۆزگىرىپ كەتتى .
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuzum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-1 06:11 PM