باھادىر يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 04:44 PM
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم تولۇق ئاۋاز ب ...
ئۇنداق ئەمەس.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1993-يىل ئىيۇن كوپېنھاگېندا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئۈچ تۈرلۈك ئاساسى شەرتى بولۇپ ئەزا بولۇپ كىرمەكچى بولغان دۆلەت چوقۇم بۇ ئۈچ ئاساسى شەرتنى ئورۇندىشى كېرەك. بۇ ئۈچ ئاساسى شەرت تۆۋەندىكىدەك:
1.دېموكراتىك مۇقىم ئورگاننى،قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى،ئىنسانى ھوقۇقنى قوغدىشى،ئازسانلىق مىللەتلەرنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە قوغىدىشى كېرەك.
2.ئۈنۈملۈك بازار ئىقتىسادىغا ئىگە بولىشى،ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىىسمىدىكى رىقابەت بېسىمغا ۋە بازار كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بولۇش كېرەك.
3.ئەزالىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك،بۇ سىياسى،ئىقتىسادى ۋە پۇل جەھەتتىكى ئاساسى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھازىر كرودىيە بىلەن تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نامزات دۆلىتى بولۇپ،تۈركىيەنىڭ ئەزا بولۇپ كىرىشىدىكى ئاساسى كاشال تۈركىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىن كەلگەن بولۇپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئارمىيە تەرەپ كامالىزمنى قوغداش ئۈچۈن تولا ئارلىشىۋالدۇ،بۇ ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقنى دېموكراتىك يۈرگۈزىشگە تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئۇندىن باشقا تۈركىيە ھازىرغىچە دۆلەت ئىچىدىكى ئازسانلىق مىللەت كۇردلانىڭ مەسلىسىنى توغرا ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلمىدى،ئۇندىن باشقا ئەرمەنلەر مەسلىسىمۇ بار.ئەزا بولالماسلىقىدىكى تاشقى سەۋەب ئاساسلىقى سىپرۇس ۋە گرىتسىيەدىن كېلىدىغان بولۇپ تۈركىيە بىلەن بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا كېلىشتۈرۈش تەس بولغان مەسلىلەر مەۋجۇد.ئەگەر تۈركىيە مۇشۇ مەسلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلىسە،چوقۇم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمى ئەزاسىغا ئايلىنالايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-31 05:33 PM