oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 11:00 AM
ئاپپاق خوجا قاچانقى شەخس، جۇڭغارلار موغۇلىستاننى قاچ ...
بۇرادەر قالماققا دۇتار چېىلىپ بەرسىىلا خائىن بولامدۇ؟ فىلىمدىمۇ شۇ دۇتارچىغا ئوخشاش كىيم كىيگەن ئامانتاي ئىسىملىك بىرى قازاقلارغا جۇڭغارلارنىڭ ھوجۇمىدىن خەۋەر بەرگىنى چىقىدىكەنغۇ؟
سىز مېنىڭچە تارىختىن خەۋەردار ئادەم، ئافاق خوجا قالماقنىڭ قولى بىلەن ھاكىمىيەتنى ئالغاندىن كېيىن ،ھەريىلى نۇرغۇن قىز-يىگىتلەرنى قالماقلارغا «غالچا يىگىت،غالچا چوكان »نامىدا سوۋغا قىلىپ تۇرغان، بۇ پەسكەشلىك كېيىنىكى ئاق تاغلىق ياكى قاراتاغلىق خوجىلار ھاكىميەت سورىغان ھەممە مەزگىلدە داۋاملاشقان. مېنىڭچىمۇ ھېلىقى دۇتارچى شۇنداق بىچارىلەرنىڭ بىرىمىكىن ؟
جۇڭغارلار سەئىدىيەنى ئاغدۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۈتۈن دەشتى قىپچاققىمۇ باستۇرۇپ كىرگەن. «ئېغىر تىنىقلار»رومانىدا ئىلىدا بارىمتايلىقتا تۇرۋاتقان دانيال خوجىغا قازاق دالالىرىدىن بۇلاپ كېلىنىپ قۇل قىلىنغان ئايالنىڭ قۇتقىۋېزىلىشنى يېلىنىپ قىلغان دىئالوگلار بارغۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-5 04:29 PM