تۆۋەندىكى رەسىمنى بەلكىم تورداشلارمۇ كۆرگەن بولىشى مۆمكىن.
يەنئەندە يۈز بەرگەن 26- ئاۋغۇسىت ئېغىر قاتناش ۋەقەسىدە، شەنشى ئۆلكىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ دا سەي 36 ئادەم قازا قىلغان نەخ مەيداننى كۆزدىن كۆچۈرۋاتقاندا سەت بىرنى ھېجىيىپ، تورداشلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن، ئارقىدىنلا تورداشلار ئۇنىڭ توردىكى بارلىق رەسىمنى ئاختۇرۇپ تېپىپ، ئۇنىڭ قىممەت باھالىق قول سائىتىگە كۆزى چۈشۈپ قالغان، تورداشلار ئۇنىڭ ھەر خىل سورۇنلاردا ھەر خىل سائەت تاقايدىغانلىقىنى، رەسىم يۈزىدىكى قول سائەتلەرنىڭ قىممىتىلا نەچچە يۈزمىڭ يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.