MyCOM ھەقسىز ئوچۇق كودلۇق شېركەت-كارخانا توربېكەت سېستىمىسى بولۇپ UTF-8 كودىنى قوللايدىغان خەنزۇچە، ئېنگلىزچە (ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ بار) كۆپ خىل تىللىق شېركەت سېستىمىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
1.شېركەت ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى تونۇشتۇرۇش
2. خەۋەر سېستىمىسى
3. مەھسۇلات كۆرۈش ۋە زاكاز قىلىش
4. خادىم قوبۇل قىلىش سېستىمىسى
5. تەستىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى
6. ئەزا ئىقتىدارى
7. بەت يۈزىنى خالىغانچە بەلگىلەش
8. قولايلىق رەسىم يوللاش ئىقتىدارى
mycom سېستىمىسى تىنچ بەت ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى ئىشلەتكەن بولۇپ، خەتكۈچ ۋە ئىزاھات ئىقتىدارىنى قوللايدۇ.
بۇ سېستىمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://www.uzdil.com/product/mycom20080902.rar
سېستىمىنى كۆرۈش ئۈلگە ئادرىسى:
http://www.uzdil.com
بۇ تەرجىمە نۇسخىسنىڭ سىناق نۇسخىسى بولۇپ، لازىم بولغان ئەزالارنىڭ تېمىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويۇشىنى، شۇنداقلا ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ساقلانغان مەسىللەرنى مۇشۇ تېمىغا ياكى مۇنبەردە ئېلان قىلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. سىناق قىلىش ۋاقتى 2 ھەپتە. 9.ئاينىڭ 15.كۈنىدىن باشلاپ تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلەيمىز. ئاندىن كېيىن بۇ سېستىمىسنىڭ ئۇسلۇب ھۆججەتلىرىنى تۈزۈش ۋە تەمىنلەش خىزمىتىنى باشلايمىز. ئۇيغۇرچە بىر قەدەر مۇكەممەل شېركەت سېستىمىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېقىندىن قوللاپ بەرگەيسىزلەر.