ئىنكاس يېزىشقىمۇ ئېرىنىدىغان بوپ قالغان مۇشۇ كۈنلەردە بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئىناس يازماي تۇرالمىدىم. ئىچىدىكى ئالتۇنلار قىزىقتۇرۇپ ئەمەس
بەلكى مۇشۇنداق بىر كىشىلىرىمىزنىڭمۇ ئارىمىزدا يەنىلا مەۋجۇدلۇقىنى بىلىپ كۆپ خۇرسەنلىك ھىس قىلدىم. ئىسىت مېنىڭ يۈتۈپ كەتكەن سومكىلىرىممۇ مۇشۇنداق بىر ئىنساننىڭ قولىغا چۈشكەن بولسىچۇ كاشكى، بۇنداق ئىنسان بار يەردە سومكامنى ھەركۈنى ئۇنتۇپ قالساممۇ ئەرزىگۈدەك
ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىقنى مانا مۇشۇ كىشىدىن ئۈگىنەيلى!
سىزگە ئاخىرىدا بىر جۈملە سۆزۈم، بۇ سومكىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسىڭىز شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ئاللاھ سىزگە ئون ھەسسە بەركىتىنى بەرگۈسى! بۇ ئالەمنىڭ قانۇنىيىتى شۇ!
كىمدە كىم كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالسا بىرگە ئوننى بەدەل تۆلىمەي ھەم قالمايدىغان جاھان بۇ!
ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن!