رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
ناخشا تېكىستى
بەخىت تىلەيمەن
تەغدىرنىڭ بۇيرىقى ،بولسا يار كېرەك،
كۆيۈشكەن يۈرەكلەر ئايرىلدى بۈگۈن.
مەن ئەمەس يار بولدى ساڭا يات بۈلەك،
قەلبىمنى چېرمىدى مىڭ چىگىش تۈگۈن.
تۇيۇڭغا مۇبارەك تىلەيمەن بەخىت،
قالساممۇ يېگانە سەندىن ئايرىلىپ.
ئەقىدەم ئەجرىمگە دىمەيمەن ئىسىت،
ئاشىقتىن دۈشمەنگە بىردىن ئايلىنىپ.
ئەسلىمە ئۆتمۈشنى سادىق بول يارغا،
چىدايمەن ھەممىگە بەختىڭ كۆلسىلا.
ئېسىلسا ئىسىلسۇن سۆيگۈمىز دارغا،
قالمايلى تۆھمەتكە دۆشمەنلەر تولا.
ئاشىق بايانى
ھەرتاڭ ئاتسا ئۈمۈدلىك بولۇپ،
مەھەللەڭگە بارىمەن سېنڭ.
يۈرۈكۈڭگە سېلىنغان قولۇپ،
ئېچىلغاندا بايرىمىم مېنىڭ.
ھەر ئاخشىمى دەردىڭدە غىڭشىپ،
دەرىت ئەلەملىك ناخشا ئېيتىمەن.
دەرىت ئەلەمگە يۈرەك ئەگىشىپ،
ئۈزۈم بىلمەي يىغلاپ كېتىمەن.
ئۈتۈپ كەتتى ياشلىق سېنى دەپ،
چۆشەنمىدىڭ قەلبىمنى پەقەت.
ئۇتالمىدىم كۆڭلۈڭنى ئەجەپ،
كۈتەرمەنمۇ سېنى تا-ئەبەت.
رۇستەم قاراسۇ..ئاتۇش
ئەمگەككە ھۆرمەت قېلىڭ