babur99 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 11:15 PM
ياقۇپبەگ يەنى بەدۆۋلەت زادى كىم؟
1864-1865-يىللىرى ئۇيغۇر ...
ياقۇپبەگ ھەققىدە ئۈچ رىۋايەت
1-رىۋايەت
ياقۇپبەگ ئەنجاندىن قەشقەرگە ئاتلىنىپ شەھەر دەرۋازىسىدىن (دەرۋازا ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئەنجاندىن كېلىشتە قەشقەرگە قايسى دەرۋازىدىن كىرەتتى ئۇ زامانلاردا؟) كىرگىچە شاھزادىمىزنىڭ كەينىدىن ئاتلىق كۆرۈكتىن ئۆتۈشكە باشلاپتۇمىش. كۆرۈكنىڭ ئۇ بېشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان قەشقەرنىڭ داڭلىق تىلەمچىسى (بىر نىمە شېيخ) شاھزادىمىزغا قاراپمۇ قويماي ئولتۇرغىدەكمىش. ئەمما ياقۇپبەگنىڭ ئېتى يېنىغا كېلىشى بىلەن تەڭ، دەرھال چاچىراپ قوپۇپ بېرىپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىسىدىن يىتىلەپ شەھەر دەرۋازىسىغىچە ئۇزۇتۇپ بېرىپتۇمىش. ھېچكىمنى كۆز قىرىغا سالمايدىغان بۇ ئاشقنىڭ قىلىقىغا رازى بولمىغان شاھزادە ئۇنىڭدىن سورىتىپتۇدەك: پادىشاھنىڭ نۆۋكىرى ياقۇپبەگكە سالام قىلىپ ئېتىنى شۇنچە ئۇزۇن يەرگىچە يىتىلىشىپ بەردىڭ-يۇ، نېمە ئۈچۈن شاھزادىمىزگە قاراپمۇ قويمىدىڭ؟ مەن ئۇنداق ياقۇپ-ماقۇپ دېگەن ئەنجانلىقنى تونىمايمەن. مەن ئۇنىڭ ئېتىنى يىتىلەپ كېتىۋاتقان پەرىشتىمىزگە سالام قىلىپ ئاتنى يىتىلىشىپ بەردىم دەپ جاۋاپ بېرىپتۇمىش قەلەندەر. ئاشقنىڭ بۇ جاۋابى بىر دەمدىلا قەشقەرنىڭ ھەرقايسى رەستىلىرىدە پاراڭ بولۇپ تارقىلىشقا باشلاپتۇدەك. شۇندىن كېيىن پۈتۈن خەلق ياقۇپبەگكە قاتتىق ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەسكەر بولۇش دولقىنى قوزغالغانمىش. ئەسلىدە، ياقۇپبەك تا قوقاندىكى ئەمىرنىڭ تۈرمىسىدە ياتقان ۋاقتىدىلا قەشقەر خانىنىڭ ئۆزىنى ئەسكەر قۇماندانى قىلىپ ئالغۇزىۋېلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى تۇيغان ھامان قەشقەرگە نوكەرلىرىدىن بىرنى يولغا سېلىپ بايىقى داڭلىق قەشقەر تىلەمچىسىنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ بولغانمىشكەن.
2-رىۋايەت
ياقۇپبەگ قوشۇنلىرى توڭگانلار قولغا چۈشىرىۋالغان تۇرپاننى ئېلىش تەييارلىقى ئۈچۈن تۇرپان يەمشىنىڭ تاختا كۆۋرۈك دېگەن يېرىگە كېلىپ چۈشكۈن قىلىپتىمىش. ئىۋەرتكەن تىلچىلىرى تۇرپاننى بىزگە ئوخشاش خۇدانى تونۇيدىغان، ئەمما خىتايچە سۆزلىشىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك ئەسكىرى بار بىر كىشىلەر سوراۋېتىپتۇ، قەلئە-سېپىللىرىمۇ بەكلا چىداملىق ئىكەن دەپ خەۋەر ئېلىپ كەپتۇمىش. دەل شۇ پەيتتە تاختا كۆرۋۈك مەھەلىسىدىكى يەمشىنىڭ چوڭ بايلىرىدىن بىرىنىڭ ئۆيىگە تام تىشىپ كىرگەن ئوغرى ئۇنىڭ غەزىنە ساندۇقىدىكى يەتتە سەر ئالتۇنىنى ئوغۇرلاپ كېتىپتۇدەك. بۇ خەۋەر دەرھال ئەتىراپقا يېيىلىپ خەلق ئارىسىدا بۇ ئالتىشەلىك ياقۇپبەگ ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئوغرى ئىكەن دەپ ئات-ئۇلاغلىرىغا قۇرۇق سامان بېرىشتىنمۇ باش تارتىپ يۈرىدىغان بولىۋاپتىدەك. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بەدەۋلەت، دەرھال يۈز بېشىلىرىنى چاقىرىپ ئەسكەرلىرىنى سوراق قىلدۇرۇشقا بويرۇغانمىش. تاڭ سەھەرگىچە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوغرىلىق قىلغانلىق ئالامىتىنى تاپالمىغان ياقۇپبەگ، كۆڭلىگە بىر پىلاننى تۈگۈپ مەسچىتتە بامداتنى ئۆتەپ بولۇپ دەرھال يەمشىنىڭ ئاقساقىلىنى يېنىغا چاقىرتقانمىش: بۈگۈن پىشىنغىچە ماڭا نەدىن بولمىسۇن تۇغۇلغىنىغا ئۈچ كۈن بولغان بىر ئاق موزاي تېپىپ بېرىسەن دەپ بويرۇق قىپتۇدەك. ئاق موزاي، يەنە كېلىپ تۇغۇلغىنىغا ئۈچ كۈن بولغان، دەرھال تاپقىدەكمىشمەن دەپ بېشى غەمگە پاتقان يېزا ئاقساقىلى دەرھال يېزا-يېزىغا چاپارمەنلىرىنى يولغا ساپتۇدەك. ئۇنىڭ بەختىگە دېگەندەك بىر ئاق موزاي، ھەتتا ئۈچكۈنلۈك بىر موزاي تېپىلىپ قاپتۇدەك. جېنىمدىن جۇدا بولۇشتىن خۇدا ساقلىدى دەپ دۇ’ئا-تەسۋىدىن كېيىن موزاينى دەرھال ياقۇپبەگنىڭ يېنىغا ئاپارغانمىش. ياقۇپبەك ئاقساقالغا يېزىنىڭ يەتتىدىن يەتمىش ياشقىچە بولغان بارلىق ئەركەك پۇخرالىرىنى يىغىپ تاختا كۆۋرۈك ئالدىدىكى يولنىڭ بىر تەرىپىگە قاتار تىزىشنى بويرۇپتۇدەك. ئاندىن يۈز بېشىدىن بىرسىگە ئەسكەرلەرنىڭ قازان كۈيىسىنى قىرىپ توپلاپ ياغدا مەلھەم قىلىپ بايىقى ئاق موزاينى تولۇق بوياپ چىقىشنى بويرۇپتۇمىش. نامازدىن كېيىن ھەممە ئىش تەل بولغىنىدا ياقۇپبەگ نوكەرلىرىدىن بىرسىگە بايىقى ياغلىق قارا قۇرۇمغا بويالغان موزاينى يىتىلىتىپ تاختا كۆۋرۈك يولىغا پىشىن نامىزىدىن يېنىپ قاتار تىزىلغان يېزا جاما’ئىتىگە قاراپ خىتاپ قىپتۇدەك: مۇھتەرەم جاما’ئەت، ماڭا پەرىشتىلەردىن خەۋەر كەلدى. بۇ موزاي بىر سىھىرلىك موزايغا ئايلاندى. ئەگەر ئۇ يەتتە سەر ئالتۇننى ئوغرىلىغان ئوغرى ئوڭ قولى بىلەن بۇ موزاينى سىيلىسا، موزاي دەرھال مۆرەيدۇ. شۇنداق قىلىپ بىز ئالتۇن ئوغرىسىنى تۇتىۋالىمىز. ئەمما شەرت شۇ، چوقۇم ئوڭ قولۇڭلاردا سىلىشىڭلار كېرەك. بولمىسا بۇ موزاينىڭ سىھرى ئىشلىمەي قالىدۇ دەپ خىتاپ قىپتۇمىش. نوكەرلىرى بايىقى موزاينى يىتىلەپ بارلىق خالايىقنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپ سىيلىتىپ چىقىپتۇ-يۇ، ئەمما موزا مۆرىپەپتىمىش. موزاي تولا سىلىنىشتىن قايتىدىن ئاقىرىپمۇ بولغانمىش. ياقۇپبەگ خالايىققا يەنە خىتاپ قىپتىمىش: ھەممە موزاي سىلىغان قولىنى كۆتەرسۇن! چوڭ-كىچىك جاما’ئەتنىڭ قوللىرى ئۇزۇن كەتكەن ئەگرى-دوناي بىر قارا سىزىق بولۇپ كۆرۈنگىدەكمىش. بەدەۋلەت يېنىدىكى يۈز بېشىدىن بىرسىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ: ماڭ بېرىپ تەكشۈرۈپ باق، جاما’ئەت ئارىسىدا سول قولىنى كۆتەرگەنلەر بارمىكىن تۇتۇپ كەل دەپ بويرۇغانمىش. يۈز بېشى دەرھال قارا سىزىق بولۇپ كۆتۈرۈلگەن قوللارنى بىلىندۈرمەي كۈزىتىشكە باشلىغانمىش. بىر يەرگە كەلگىنىدە بىرسى قاتارغا يانچە قىسىلىپ سول قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرغىدەك، دەرھال ئۇنى تارتىپ چىقىرىپ ياقۇپبەگنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇمىش. قورقۇپ ئوڭ-سولى قالمىغان بايىقى كىشىمۇ كىلەر-كەلمەيلا: بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچكەيلا، مەن ئىقرا بولاي، ئالتۇننى مەن ئوغرىلىغان، شۇڭا موزاي مۆرەپ سالمىسۇن دەپ سول قۇلۇم بىلەن سىلىغانتىم، ئىشەنمىسىلە قايتىدىن ئوڭ قولۇم بىلەن سىلاشقا ۋە ئالتۇنلارنىمۇ ئۆز پىتى قايتۇرۇپ بېرىشكە تەييارمەن دەپ يالۋۇرۇپ تىزلىنىشقا باشلاپتۇمىش. ئەسلىدە ئۈچ كۈنلۈك موزاي مۆرەشنى بىلمەيمىشكەن! ئاق موزاينى قارا قىلىپ بوياشتىكى مەقسەت، بەزىلەرنىڭ موزاينى راس سىلىغان-سىلىيمىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنمىشكەن. ياقۇپبەك تۇرۇپ كېتىپ جاما’ئەتكە قارىغىدەكمىش، جاما’ئەتمۇ بەدەۋلەتكە تىكىلگەنمىش: خەيرىيەت، بۇ قېتىملىق كېچىرىم قىلىندىڭ، ئاللاھ ئىسلاھ قىلغاي سېنى دەپ ئۇنى قويىۋەتكەنمىش. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن باشقا ئۇششاق ئوغرىلارمۇ گۇناھىدىن تازىلىنىش ئۈچۈن ئىقرار بولۇشقا سەپ تۇتۇپ بەدەۋلەت ئالدىدا تىزلانغانمىش. … شۇندىن ئىتىبارەن تۇرپان خەلقى ياقۇپبەگنى ئەۋلىيا بىلىپ ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىپ تۇرپاننى تېزلا تارتىپ ئېلىشقانمىش.
3-رىۋايەت
بەدەۋلەت تۇرپاننى ئالغاندىن كېيىن جىرغىغان تۇمۇز ئىسسىقتا يەنە شۇ توڭگانلار قولغا ئېلىۋالغان ئۈرۈمچىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ بېرىپ ئىلى سۇلتانلىقىنى قۇتقۇزۇش سەپىرىگە ئاتلانغانمىش. داۋانچىڭدا شۇنچە قەلئەلەرنى ياسىتىپمۇ توڭگانلارنى يېڭەلمەي تۇرغىنىدا، جەڭ ئارىسى بىر دېھقان ئايال كېلىپ ياقۇببەگ ئەسكەرلىرىگە قېتىق ساتارمىشكەن. بىر چاغدا قېتىقى تۈگەنچىسىگە كەلگندە بىر ئونبېشى كېلىپ بىر كاس قېتىپ سوراپ ئىچىپ بولۇپ: قېتىقىڭنىڭ دۇغى قاپتىكەن، پۇل بەرمىسەممۇ بولار دەپ كېتىپ قالغانمىش. بۇنىڭدىن رەنجىگەن ئايال: خەپ شۇ، دىسە ئىشەنمەپتىكەنمەن، بەدەۋلەتنىڭ ئەسكەرلىرى بۇلاڭچى كېلىدۇ دەپ. … بۇ غۇدرىشىنى يېنىدا ئۆتۈپ كىتىۋاتقان يەنە بىر ئون بېشى ئاڭلاپ قېلىپ بېرىپ يۈز بېشى ئارقىلىق ياقۇپبەگكە: بىر پۇخرا بىزنى بۇلاڭچى دەۋاتىدۇ دەپ خەۋەر قىلىپتۇمىش. ياقۇپبەگ نوكەرلىرى بايىقى ئايالنى تېخى يول ئۈسىتىدىلا قوغلاپ بېرىپ تۇتۇپ كېلىشىپتۇمىش. ئەگەر قېتىقىڭنى ئېچىپ پۇلىنى بەرمىگەن ئەسكىرىمنى تونۇپ بېرەلىسەڭ بىر سەر ئالتۇن مۇكاپات بېرىمەن، بولمىسا سېنى تۆھمەتتىن ئۆلتۈرىمەن دەپتۇمىش ياقۇپبەگ. قورقۇپ غالىلداپ تىتىرىگەن بايىقى قېتىقچى ئايال تىزىلغان ئەسكەرلەر ئارىسىدا سىنچىلاپ يۈرۈپ بايىقى قېتىقىنى ئىچىپ پۇلىنى تۆلىمەي كېتىپ قالغان ئون بېشىنى تونۇپ بېرىپتىمىش. ياقۇپبەگ يېنىدىكى جاللىتىغا ئىما قىلار-قىلماي جاللات كېلىپ قېلىچىنى قېنىدىن سۇغۇرۇپ ئون بېشىنىڭ قۇرسىقىنى تۆكىۋېتىپتۇمىش. ئۇنىڭ قارنىدىن تېخى يېڭىراقتىلا ئىچكەن قېتىقى قان بىلەن ئارىلىشىپ ئېقىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بەدەۋلەت، ئەسكەرلىرىگە ئىبرەت بولسۇن دېگەندىن كېيىن بايىقى قېتىقچى ئايالغا بىر سەر ئالتۇننى بەرگۈزىۋېتىپ دەپتۇمىش: راس گەپ قىلغان پۇخرالىرىمنى ھەر دا’ئىم مۇكاپاتلاش مېنىڭ ئادىتىم! شۇنداق قىلىپ بۇ گەپمۇ تېزلىكتە تا ئۈرۈمچىگىچە يېتىپ بېرىپ ياقۇپبەگنىڭ ئادىللىقىدىن ھەممە پۇخرا سۈيۈنۈپ ئاپرىن ئوقۇپتىمىش. نەتىجىدە خەلقتىن يېتىم قالغان توڭگان قوشۇنلىرى پاتلا جەڭدە يېڭىلىپ ئۈرۈمچىنىمۇ بوشىتىپ سانجىغا تىكىۋېتىپتۇمىش.
بالىلىق چۆچەك قاتارىدا مەھەلىمىزنىڭ بىر بولۇڭىدىكى تونۇر بېشىدا پۇتىمىزنى تونۇر ئىچىگە ساڭگىلىتىپ يۇلتۇزلۇق ئاخشاملىرى ئىسىنىپ ئولتۇرۇپ چوڭلاردىن ئاڭلىغان بۇ رېۋايەتلەرنىڭ سۆزلىنىشى، ھەرھالدا تورداشلىرىمىزغا زىيان قىلماس دەپ ئۈمىد قىلىمەن.
(ئاپتۇرى موزدوز)