قەشقەردىكى «ھازىر جاۋاپ» نەسىردىن ئەپەندىملەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 `- X' j1 ~- A2 G9 b. \1 A0 V4 ]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: I* r+ Z( [, O4 z `% X
بۇ خىلدىكى قىزىقچىلار ئانچە يۇقۇرى مەدەنىيەت سەۋيىگە ئىگە بولمىغان كىشىلەر ئارىسىدا كۆپرەك بولۇپ، ئۇلار ئاددى ھۈنەر، ئاددى ئىش-ئوقەت ۋە تىرىكچىلىك قىلىدۇ. ئۇلار ئادەتتە بۇنداق گەپلەرنى قىلغاندا ئۇنچە بەك ئويلىنىپمۇ كەتمەيدۇ ھەم باشقا يۇرتتىكىلەر ئويلىغىنىدەك ئۇلار ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپكە ئۇنچىۋالا ئېغىر زەربە بېرىش خىيالىدىمۇ بولمايدۇ. پەقەت بۇ خىل ھازىرجاۋاپلىقنى خۇددى ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىگە ئوخشاش نەق،يىغىنچاق ۋە تېرىك (ئوبرازلىق) ئىنكاس قايتۇرۇش دەپ بىلىپ ، ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەيلا شۇنداق ئىپادىلەشكە ئىنتىلىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە يەنە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش كېرەككى، ئۇلارنىڭ مانداقلا ئېغىزىدىن چىقىرىپ قويغان بەزى ماقال-تەمسىللەرنى ئاڭلىسىڭىزمۇ بەزىدە كۈلۈپ تېلىقىپ قالىسىز. «ئىش ئوڭغا كەلسە، ئىشتان قوڭغا كەپتۇ!» دىگەندەك بۇ گەپلەر ئاجايىپ كېلىدۇ.
ئابدىكىرىم ئابلىز دەل بۇخىل مۇھىتنىڭ ئچىدە چوڭ بولۇپ ئۇنىڭ مېغىزىنى چېقىپ، ئۇنى سەھنىلەشتۈرگۈچى شۇنداقلا ئۇنى تاشقى مۇھىت بىلەن ئۇچراشتۇرغۇچى مول-ھوسۇللۇق سەنئەتكار.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ J! t+ n9 H- P; f; K
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ^% G6 z* L' @7 C5 w" o6 R قەشقەردىكى «دانىشمەن» نەسىردىن ئەپەندىملەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! w* q) X* U, a& \& ^
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* Y# W t( w0 z& r1 ~) T ئاددى ئىش-ئوقەتچىلەر ۋە يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە كىشىلىرىمىز ئارىسىدا «داۋراڭسىزلا» ئۆزلىگىدىن تىرىشىپ-تىرمىشىپ خېلىلا «دانالىق دەرىجىسى»گە يېتىپ بىر قىسىم «سىياسىئون»، «پەيلاسوپ»،«مۇتەپەككۇر»،«مۇپتى»،« دانىشمەن» ...لەر بار بولۇپ، ئۇلار يۇقارقىلارنىڭ دەل ئەكسىچە، ئوشۇقچە كۈلكە چاخچاققا ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئوشۇق گەپتىن ۋە ئۆتكۈنچى پاراڭلاردىن ئۆزىنى تارتىپ تۇرىدۇ ...نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ يىللىق مەدرىسلەر ئەتراپىدىكى ئاددى دۇكان- ساراي ئالدىدا ئېگىلىپ ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىۋاتقان بوۋايلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھىكمەت دۇردانىلىرىنى، «چوڭ سۈپەت » كىيىنىپ چايخانا ئاشپۇزۇلارغا كىرىۋىلىپ «ئەۋاللىشىپ» ئولتۇرغان ياش بالىلارنىڭ چىگرا،ئۆز يېشى ھەتتا ئۆز كەسپ دائىرىسىدىن ھالقىپ قىلىشقان تەھلىل ۋە مۇنازىرىلىرىنى ... داستخان تۆرىدەسۈركەت بىلەن ئولتۇرۇپ جەميەتتىكى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلغىنىچە ئۇلارغا نەق كەلتۈرگەن ئايەت ۋە ھەدىسلىرىنى ... ئاڭلىسىڭىز «توۋا، بۇلار بۇ گەپلەرنى قايسى كىتاپتىن، قاچان، قەيەردە تۇرۇپ بىلىۋالغاندۇ!؟ » دەپ ئويلانماي تۇرالمايسىز، گەرچە ئۆزىڭىزنى خېلىلا ئالى مەلۇماتلىق ھېساپلىسىڭىزمۇ ! ھەمدە شۇلارنىڭ بۇ خىل تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ،ئىختىيارسىز «ئۇلار يا ماھمۇد كاشىغەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئابدۇقادىر داموللا، سابىت داموللا ... لارنىڭ نەۋرە-چەۋرىلىرىمىدۇ-يا؟! » دەپ ئويلىنىپ قالىسىز ..