مەنمۇ ماتىماتىما ئوقۇتقۇچىسى......قوشتىلدا دەرس سۆزلەيمەن.....يېقىندا كورلىدا ئېچىلغان يېغىندا كورلىدىكى بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1-يىللىقىدىن 3-يىللىقىغىچە خەنزۇتىلىدىن باشقا دەرسلەرنى ئۇيغۇرچە ئۆتۈشنىڭ گېپى بوپتۇ..شۇ سىياسەت ئەمەلىيلىشىپ قالسا دەپ تىلەپ كېتىۋاتىمەن.....
مەن ئىشلەۋاتقان كۇرستىمۇ جىق ئۇيغۇر بالىلار ئانا تىلىدىن ساۋات چىقارغىلى كەلدى، چوڭى 20نەچچە ياش،كىچىكى 5~6ياش....خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلاركەن....
تۈنۈگۈن بىر خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان سىڭلىمىز كەپتىكەن، تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرىدىكەنتۇق، ئاكىسى ئەمدى ئوقۇماي ئانا تىلىڭنى ئۆگەن دەپ مەكتەپتىن چىقىرۋاپتۇ، ئۇيغۇرتىلى سىنىپى بارمۇ ؟ تىزىملىتاي دىگەن دەپ.....ئەگەر سىنىپ ئاچالمىساق سىزگە ئۆزۈم ئۆگىتىپ قويىمەن، كىيىن ئالاقىلىشاي دەپ قايتۇردۇم....ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بوپ كەتتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Adarqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-12 01:13 PM