katran يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 10:36 PM
ئۇنداق دىسىڭىز بولمايدۇ تورداش، بۇ شىئېر بىزنىڭ خاتى ...
قېرىندىشىم، بۇ مۇنبەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى راستىنلا ھەددىدىن ئاشقىلى تۇردى، بىرقىسىم باشقۇرغۇچىلار قىلىۋاتقان ئىشنى ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بالىلىرىمۇ قىلالايدۇ. نېمىگە ئۇنداق قىلىدۇ دەيمەن ئۇلار؟ خالىغانچە تېما ئۆچۈرۈپ، يا ئەسكەرتىش بەرمىگەن؟ تېمىدىكى بىرەر ئىنكاس ئېغىر كەتكەن بولسا شۇ ئىنكاسنى ئۆچۈرۈپ، تېمىنى ساقلاپ قالسا بولمىدىمۇ؟ تېمىنى بىراقلا يوقاتقۇچە؟ «ئۇيغۇرتىلىنى توغرا يازايلى» دەپ شۇئار توۋلاپ، خەتكۈچنىڭ ئۈستىگە يېزىۋالغان بىلەن، ئۆزى يازالمايدىغان نۇرغۇن باشقۇرغۇچى بار، بولمىسا، بەزى تېمىلاردىكى خاتالىقلارنى ئۆزگەرتىپ قويغان، شۇئارىغا ھۆرمەت قىلغان بولاتتى ۋە ئانا تىلىمىزنى ھۆرمەت قىلغان بولاتتى. باشقۇرغۇچى بولىدىغان ۋاقىتتا بەلكىم، «ۋاي ئۇنداق قىلىمەن، ۋاي بۇنداق قىلىمەن»دەپ باشقۇرغۇچى بولغان بولغىيدى؟