مىلادىنىڭ 1865-يىلى
قوزغۇلاڭ نەتىجىسىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ ، بىر -بىرىگە بىقىنمايدىغان بەش ھاكىميەت شەكىللەندى . ئۈرۈمچىدە خۇيزۇ تودىلىن ھاكىمىيتى ، كۇچاردا راشىدىن خوجا ھاكىميىتى ، قەشقەردە سىدىق بەگ ھەكىميىتى ، جىڭ شاڭيىڭ خۇيزۇ ھاكىميىتى ، ئىلىدا مىزامزات ھاكىميىتى مەيدىنغا كەلدى .
قەشقەردىكى سىدىق بەگ بىلەن شاڭيىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن قوقەند خاندانلىقىدىن ياردەم سورىدى . قوقەند خاندانلىقى جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇك خوجا بىلەن قوقەندنىڭ قۇربىشى ياقۇپ بەگنى لەشكەر بىلەن جەنۇبى شىنجاڭغا ئەۋەتتى .
مىلادىنىڭ 1865-1867-يىللىرى
ياقۇپ بەگ قەشقەر ، يەكەن ،خوتەن ، ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپان ، كۇچار ، كورلا ، قاتارلىق جايلارنى ئشغال قىلىپ ، ئۆزىنى « بەدۆلەت» دەپ ئاتاپ قەشقەردە يەتتە شەھەر خانلىقىنى قۇردى .
مىلادىنىڭ 1870-يىلى
ياقۇپ بەگ نىڭ ئەسكەرلىرى تۇرپان ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى ئشغال قىلدى . شىمالىي شىنجاڭدا ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى ماناسقىچە كېڭەيدى . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىرقىسىم رايونلىرى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى .
مىلادىنىڭ 1875-يىلى
چىڭ سۇلالىسى ياقۇپ بەگ ھاكىميىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ، زوزۇڭتاڭنى چىنچەي داجىن ھەم شىنجاڭنىڭ ھەربىي دوبەنى قىلىپ تەيىنلىدى .
مىلادىنىڭ1876-يىلى
زوزۇڭتاڭ قوماندانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ، ياقۇپ بەگكە ھۇجۇم قىلدى . فۇكاڭ ، كومودى، ئۈرۈمچى ، قاتارلىق جايلانى قايتۇرۋىلىپ ، داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلىدى .
مىلادىنىڭ1877-يىلى
چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى تۇرپان ، توقسۇن ، داۋانچىڭ قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى . ياقۇپ بەگ كورلىدا باشقىلار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى .
چىڭ ئەسكەرلىرى داۋاملىق ئىلگىرلەپ كورلا ، كۇچار ، باي ، ئاقسۇ لارغا كىردى . ياقۇپ بەگ 14 يىل ئىشغال قىلغان قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەن ، خوتەنلەرنىمۇ ئىشغال قىلدى . ياقۇپ بەگكە قارشى تۇرۇش بىر يېرىم يىل داۋامقىلىپ 1878 - يىلى 1- ئايدا غالىبە بىلەن ئاخىرلاشتى .
مەنبەسى — “
ئۇيغۇرلار تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر“— ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى.
-ئاپتۇرى ( x x x x )
_ئەقىللىق تور كۈزەتكۈچىلىرىمىز يۇقارقى قىسقىچە تارىخى خاتىرلەردىن، ياقۇپبەگنىڭ كىملىكىنى، نىمە سەۋەپتىن يۇرتىمىزغا كەلگەنلىكىنى، نىمە ئۆزگىرىشلەرنى قىلغانلىقىنى، كىمگە قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنى ئازراق بولسىمۇ ھىسقىلار دىگەن ئۈمىتتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا möljarli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-6 02:11 PM