Suchi يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 05:00 PM
بۇغالتىر ئەپەندى،نىمە ۋەجىدىن قەبرىنى باش سۈرەت قىلى ...
ئۇ سۈرەت دادامنىڭ قەبرىسى . مەرھۇم دادامنىڭ نەسىھەتلىرىنى ھەر دائىم ئۇنتۇپ قالماسلىق ، ئۆزەمنىڭ مەجبۇريىتىمنى ئادا قىلىش ، ھەر جايدا دادامنىڭ نەسىھەتلىرى ، مەن ئۈچۈن ھاياتى كۈچ بولىدىغانلىقىنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق كەلگۈسىدە مېنىڭمۇ ئەشۇ قەبرىدە ، قىلمىش - ئەتمىشلىرىمدىن ھىساپ بىرىش ئۈچۈن ، دادامنىڭ قەبرىسىنى باش سۈرەت قىلىپ چىقىرۋالدىم .
مەن خىزمەتكە ماڭىدىغان يول ، دادامنىڭ قەبرىسى بار قەبرىستانلىق يېنىدىكى يول ، مەن بۇ يولدىن كۈندە نەچچە ئۆتىمەن ، ھەر ئۆتكىنىمدە ، دادام ماڭا قاراپ تۇرغاندەك ھىسسىياتقا كېلىمەن .
مېنىڭ يان تېلىفۇنىم ئىكرانىدىمۇ ، مۇشۇ باش سۈرىتىم بار .
دادام 2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 كۈنى ( جۈمە ) تۇيۇقسىز نەپەستىن قالدى . شۇ كۈنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ، خوتەن شەھەر تەيۋىزىم مازىرىغا دەپنە قىلدۇق .
دادامنىڭ قەدىرىنى ، دادامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تۇنۇپ يەتتىم .
ئاللاھ ! دادام ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىمنى ئىجاۋەت قىلغاي .
ئاللاھ!دادامغا مەغفىرەت قىلغىن،دادامغا رەھىم قىلغىن،دادامنى ئامان-ئېسەن قىلغىن ، دادامنى ئەپۇ قىلغىن، ئاخىرەتتىكى جايىنى ئېسىل قىلغىن ، قەبرىسىنى كەڭ قىلغىن، گۇناھلىرىنى سۇ بىلەن يۇغىن،دادامنى خاتالىقلىرىدىن ئاق كىيىمنى كىردىن پاكلىغىنىڭدەك پاكلىغىن، دادامغا ئۆز ئۆيىدىن ياخشى ئۆي، ئۆز ئەھلىدىن ياخشى ئەھىل، ئۆز جۈپتىدىن ياخشى جۈپتە ئاتا قىلغىن،دادامنى جەننەتكە داخىل قىلغىن،دادامنى قەبرە ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن ، ئامىن ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 05:24 PM