aptap104 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 10:54 PM
سىزگە كىم قويۇپتۇ كىچىك مۇھەببەتلىشىشنى ، يەنە مۇھەبب ...
كىچىك تۇرۇپلا مۇھەببەت قاينىمىغا سەكرىۋېلىش، ئوتتەك بېرىلىپ ئۆگىنىدىغان چاغدا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ قىممەتلىك ئۆگىنىش پۇرسەتلىرىنى زايە قىلىۋېتىش بىر قىسىم يەڭگىلتەك ياشلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئە.
ئەقلى تولمىغان، مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنىمۇ تېخى تولۇق بىلمىگەن چاغدا بىردەملىك ھېسسىياتقا بېرىلىپ چوڭلارنى،كىنو-تېلىۋىزىيەدىكى پېرسۇناژلارنى دوراپ مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر قوش زىيان تارتىدۇ.بىرسى ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىدۇ. يەنە بىرسى مۇھەببەتتە زىيان تارتىدۇ.
‹‹بالدۇر ئېچىلغان گۈل بالدۇر توزۇيدۇ.››،‹‹پىشمىغان خام نەرسىنى يېسىڭىز پايدا ئەمەس زىيان قىلىدۇ››دېگەن ھىكمەتلەر بىكار چىقمىغان.