مىنىڭ بىر ئىشىكىم بىلەن، بىر تەۋەرۇك كالام بار ئىدى، خۇش بولاي ماڭا ياردەم قىلىپ، پىراۋا ئىلىشىپ بىرىڭلارچۇ..
قايسى كۈنى، شەھەرگە قوناق ئىلىپ كىرسەم ئىشىكىم بىلەن. قىزىل چىراققا قارىماپتۇق.
\ئىشىكىم قارىمىدىمۇ، ياكى مەن قارىمىدىممۇ، ئىشقىلىپ، قىزىل چىراقتىن بىسىپ ئوتۇپتۇق،يولنىڭ دەل ئوتتىرىغا كەلگەندە، قاتناش ساقچىسى توسۇۋالدى. ھەم چەتكە تارتىشىمىنى بۇيرىدى.
ئامال يوق چەتكە تارتىپ، ئىشەك ھارۋىسىنى چەتكە تارتتىم.
قاتناش ساقچىسى يولداش، قاتناش سالىمىنى بىرىۋىتىپ، ماڭا ،‹‹ پىراۋا›› دەيدۇ.
مەن سورىدىمغۇ:
-ئۇكام مەن بىر ساھرالىق دىھقان.قاتناش قائىدىسىنى ئۇقۇپمۇ كەتمەيمەن.. پىراۋا دىگەن نىمە ئۇ -دىدىم.
_پىراۋا دىگىنىمىز، قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ يوليۇرۇش كىنىشكىسى دەيدۇ..
_ئۇكام شەلىكلەرنىڭ ئۇنداق كىنىشكىسى بارلىقىنى ئۇقمايمايمەن..
ئاغزىمغا چىش چىقىپ، ئىشەك ھارۋىسى شۇپىرىدىن پىراۋا سورىغىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان،، ئامما بۇگۇن كۆرۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.
خاپا بولماي قويۋاتسەڭ، بولارمۇ_ دىدىم مەن بىچارە دىھقان.
_ ئاكامۇي، ماڭا قارا، سەن مۇ پىراۋىسىز، يولغا كىرسەڭ، قاتناش قائىدىسىز يولدىن كىسىپ ئوتسەڭ، ئالىمادەم بىر ۋەقە چىقىپ قالسا، ئوزەڭدىن قويەمسەن، ياكى، ئىشىكىڭدىنمۇ؟
بىز قاتناش يولىنى باشقۇرمىساق ، يولىنىڭ ئوتتىرىغا قۇيۇپ قويغان ئىستىلبۇمۇ... دەپ سۆز لەپلا كەتتى.
دىمىسىمۇ توغرا.. ئارتۇق گەپ قىلماي، ئىشەك ھارۋىسىنى بىرىۋىتىشنى يالۋۇردۇم.
ئۇ ھىچ بىر گەپ ئاڭلايدىغان ئەمەس.
ئۇيەنە :
_بوپتۇ ئاكامۇي، سەم قاتناش قائىدىسىنى خىلاپلىق قىلدىڭ، يا پىراۋا، يا، ئوڭغا، سولغا ئەگىنىدىغان يول كۆرسەتكۈچ چىرىقىڭ يۇقكەن
.
يا چوڭ چىراق يوقكەن... شۇڭا، ئىشەكنى قويۇپ قويۇپ، ھارۋىنى ئىلىپ كەتكىن _ 10 كۈندىن ، ھەممە نەرسەڭ تەل بولغاندا، ئاندىن ئىدارىدىن ئىشەكنى ئىلىپ كەتسەڭ بولىدۇ... دەپ، بىر ۋاراق قەغەزنى قولۇمغا تاپشۇردى.
مەن بىچارە ئامالسىز، ئىشەكنى قويۇپ قويۇپ ئىشەك ھارۋىسىدىكى يۇكنى ، ھارۋا بىلەن سورەپ، بازىرىمغا ئاپىرىپ، قونىغىمنى سىتىپ بولۇپ، ھارۋىنى 3 چاقلىق توكسىلىتقا سورىتىپ ، ئويۇمگە ئاپىرىۋالدىم.
ساقچى يولداشنىڭ دىگىنى بويىچە، ئىشەك ھارۋامغا ،ئاكمۇلىياتۇر بىكىتتىم. ئوڭ سول چىراق بىكىتتىم. چوڭ چىراقنى، تانا باغلايدىغان ئورۇنغىمۇ بىكىتتىم.
بىراق شۇ، ‹‹ پىراۋا›› ‹‹ يول يۇرۇش كىنىشكىسىنىڭ›› ئىشى قالدى.
شۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، ئىلىشىپ بەرسەڭلار بالىلىرىم.
ساقچى يولداشنىڭ دىگىنى توغرا بولغانلىقى ئۇچۇن، ئالىمازا قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى ئۇچۇن، قاتناش ساقچىسىنڭ دىگىنى بويىچە ئىش كۆردۇم..
ھەم قاتناش بىخەتەرلىكنىي قوللىغان ئاساستا، بىشىمغا بىخەتەرلىك قالپىقى، بىخەتەرلىك بەلبىغىنى ئىلىپمۇ بولدۇم..
ئەڭ موھىمى قاتناش بىخەتەرلىكى.
بۇ ئىش مىنىڭ بىشىمدىن ئوتكەنلىكى ئۇچۇن، ھەم چالا ساۋات بولغانلىقىم ئۇچۇن، نەۋرەمگە دەپ، ھەرقايسى يورتلاردىكى، قارام شۇپۇر باللىرىمغا،قىزلىرىمغا، بۇ ئىش ئىزلىرىمنى يەتكۈزش ئاساستا، مسرانىم دىگەن سورۇنىڭلاردا تۇرۇپ يەتكۇزىۋاتىمەن.
شۇڭا، قاتناش بىخەتەرلىكنى قوغدىساڭلار ئوماق قوزىلىرىم.
دەپ.قاتاناش قائىدىلىرىگە بۇنىڭدىن كىيىن رىئايە قىلىشنى دىلىغا پۇككەن داداڭلاردىن.
بۇنى نەۋرەم يازدى. مەن ئىيتىپ بەردىم.
1711394416.ئالاقىلاشماقچى بولساڭلار، نەۋرەمنىڭ نۇمۇرى ئىكەن.