ئاتۇش خەلقى مۇسىبەتتە
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاتۇش خەلقىگە ئۇنتۇلغۇسىز بىر قايغۇلۇق كۈن بولدى ،ئاتۇشتىكى بارچە خەلق ئۆز قوينىدا ئۆستۈرۈپ يېتىلدۈرگەن ئابدۇقادىر داموللام كەبى بىر دىنى ئالىمدىن ئايرىلدى .
بۇ كۈن ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس ئىتىقادى ، تەقۋادارلىقى ، مول ئىلمى ، گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن ئاتۇش خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان كاتتا دىنى ئالىم ئەيسا داموللام 48 يېشىدا ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولدى .
مەرھۇمنىڭ بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرلىشى پۈتكۈل دىن سۆيەر ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن جۈملىدىن ئاتۇش خەلقى ئۈچۈن زور يوقۈتۈش بولدى .
مەرھۇم ئەيسا داموللام ئاتۇش شەھەر ئازاق يېزا ئوڭئېرىق كەنتىدىن بولۇپ ،كىچىكدىنلا قۇرئان كەرىمنى تولۇق ياد ئېلىپ خەتمە قىلغان. ئاندىن ئاتۇشتىكى دىنى ئالىملاردا بىر قاتار دىنى ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن، كىيىن قاغىلىققا بېرىپ ،قاغلىقىتىكى مەشھۇر ئۆلىما ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمدا ئىلىم تەھسىل قىلغان .
قاغىلىقتىن قايتىپ ئاتۇشتا ئوقۇ -ئۇقۇتۇش ۋە دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ،بۇ جەرياندا كۆپ ئەزىيەتلەرنى چەككەن بولسىمۇ تاكى ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە دەۋەت ئىشلىرىدىن توختاپ قالمىغان.
مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى ئاتۇش يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان جىنازا نامازلاردىن بىرى بولۇپ دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 30 مىڭدىن 40 مىڭغا قەدەر ئادەم قاتناشقانلىقى مۆلچەرلەندى.
مەرھۇمنىڭ جىنازىسى ئاتۇش سۇنتاغ كەنتىدە چۈشۈرۈلدى ،جامائەت مەرھۇمنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈپ،يۇقىرى ئاۋازدا تەكبىر ئېيتىپ ،قولدىن قولغا ئالغان ھالەتتە 10 نەچچە كېلومېتىر يولنى پىيادە يۈرۈپ، ئوڭئېرىق كەنىت تاغ باغرى قەبرىستانلىققا ئېلىپ كەلدى .
قەبرىستانلىققا ئەرلەردىن باشقا يەنە نەچچە مىڭلىغان ئاياللارمۇ ھازىر بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوينىدا يېتىشكەن دىنى ئالىملىرىمىزنىڭ ۋاپات بولۇپ كېتىشى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن ئايدا تېخى قەشقەر ھېيتگاھ جامىنىڭ ئىمامى ئابدۇقادىر ھاجىم ۋاپات بولغان ئىدى.
مانا ئەمدى ئەيسا داموللامدىن ئايرىلدۇق .
جانابى ئاللاھتىن مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشنى، ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلىشىنى ۋە مەرھۇمنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان مەرھۇمدەك ئالىملارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ بېرىشىنى سورايمىز . ھەمدە مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەبرى تىلەيمىز .
مەنبە :
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-86554-1-1.html
(بۇ تېما تۈنۈگۈن مىسرانمدا ئېلان قىلىنغان ،تۈنۈگۈن بىر كۈندىلا بۇ تىمىنىڭ كۆرۈلۈش سانى 11000دىن ئېشىپ كەتكەن .بۈگۈن مىسرانىمدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ نەرىگە تاقاشتىكىن ئۆچۈرىۋېتىپتۇ ئەجىبا ئالىملرىمىزنىڭ مۇسىبەت خەۋرىنى بولسىمۇ ئۇقۇپ قېلىش ھەققىمىز يوقمۇ ؟؟؟؟؟؟؟ بۇتىما كەڭساي مۇنبىرىگىمۇ يوللىنىپتىكەن شۇ يەردىن بۇ يەرگە ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويدۇم . كەڭساي مۇنبىرىدىكى ئادرىسى
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-21375-fpage-0-page-1.html )
دىنى ئالىم مەرھۇم ئەيسا داموللامنىڭ جىنازا نامىزىدىن كۆرۈنۈشلەر