izdinish يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 12:18 AM
مەن ئىزدىنىش (كۆپ ئىزدىنىپ ،) بۇ ئىككەيلەننىڭ ئۇرۇشۇپ ق ...
دوسىتانە تەكلىۋىڭىزگە رەھمەت ... بەلكىم ھېچقانداق تۇنۇشلىقىمىز بولمىسىمۇ
مەۋھۇم دۇنيارىمىز بولغان مىسرانىمدا ئۆز ـ ئارا تونۇشۇپ ، تونۇشمىساقمۇ تېما
ئىنكاسلىرىمىز بىلەن بىر ـ بىرىمىزگە ئاز تۇلا قايىللىق ـ ھۆرمەت تۇيغۇسى
ئويغاندى .
بۇ يەردىكى ئۇقۇشماسلىق _ مەن ئۇ مەزلۇمنى پاھىشە دېمىدىم . بۇ پەقەت
بىر مىسال ئېلىش ئىشلىتىلگەن سۆز . مەسىلەن ، بەڭگىگە تاماكا تاشلاڭ دەپ
نەسىھەت قىلسا كار قىلمىغاندەك ... نىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلگەن .
ئانچە ـ مۇنچە ئەدەبىياتتىن خەۋرى باركىشى بۇنىڭ سەلبىي تەسىرنى ئويلىماي
ئانچە ـ مۇنچە ئوخشىتىش ئورنىدا ئىشلىتىلگەن سۆز ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ .
بەلكىم مەن ئاشۇرۋەتكەندىمەن . ئەمما ،كۆپ قىسىم داڭلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ
ئەسەرلىرىدىمۇ بۇ سۆزنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ .
ئۇ ئۆزىنىڭ قانداقتۇر مۇئەللىم ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ ئۆزىنىڭكىنى توغرا
دەپ كۆرسەتسە بولمايدۇ .
چۈنكى بۇ دۇنيادا يېرىمدىن كۆپرەك كىشى ئۆز كەسپىگە ماس كەلمەيدىغان
كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىدۇ . مەسىلەن : قانۇننى كۆزگە ئىلمەيدىغان ئادەم
قانۇن ئىجراچىسى بولۇپ قالىدۇ . خىيانەتچى ، مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەرنىڭ
كۆپلىكى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر . ئەسلىي پىركازچىك بولۇشقا لايىق كىشى
ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ .
پادا بېقىشقا ماس كىلىدىغان كىشى ۋۇجۇدىدا مەسئۇلىيەت ، قىزغىنلىق يوق
ھالدا ئىزىلەڭگۈلۈك بىلەن يەنە بىر خىزمەتنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ كۈن
ئۆتكۈزمەكتە . تۇلۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئەدەبىيات ئوقۇتقىچىمىز
‹‹كىشىلەر بىزنى خەلىق ئوقۇتقۇسى دەپ ھۆرمەتلەيدۇ . ئەمەلىيەتتە
بىزمۇ پۇل ، قۇرساق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز ›› دېگەن ئىدى .
مىنىڭ نەزىرىمدە دۇنيادىكى ھەممە كىشى ئولۇغ ۋە كىشىلەرگە پايدىلىق
خىزمەتلەرنى قىلىدۇ . ناۋايمۇ نان يېقىپ كىشىلەرنىڭ قۇرساق غېمىنى
قىلىپ ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ . مۇھىت ئاسرىغۇچى خادىممۇ ، سەھەر تۇرۇپ
چاڭ ـ تۇزانغا مىلىنىپ بىزگە پاكىز مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ .
قانداقتۇر ئوقۇتقۇچى بولۇشنى شەرەپلىك خىزمەت دەپ بىلىپ ئۆزىنى بىلىملىك
چاغلاش چاكنىلىقتۇر . مەن بۇ يەردە كىمنىڭ نىمە كەسىپ ، قانداقتۇر شەرەپلىك خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىدىغانلىقىغا پەرۋا قىلمايمەن .
ھەممە ئادەمنىڭ مەلۇم جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ . مۇئەللىم بولسا
ئۆزىگە ...
مەن بۇ يەردە ھېچقانداق دىن توغرۇلۇق پەتىۋا سۆزلىمىدىم ، ھەم ئۇنداق
تالانتىممۇ يوق . ئۇنىڭ مىنى ‹‹ تور موللىسى ›› دېيىشى ئۆزىنىڭ دىننى
كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . تور موللىسى ، جەمىيئەت موللىسى
دەپ گەپ يوققۇ ؟
بۇنى قانداقتۇر دىنىي شەيئىلەرگە باغلاپ پىكىر قىلىش ئادىللىق بولمايدۇ .
مەسىلەن : دۇنيا ئىقتىساد ، سىياسىي ساھەسىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا
كەلتۈرگەن يەھۇدىيلار بىزنىڭ دىنغا ئىتىقاد قىلمايدۇ . ئەمما ، ئۆز غورۇرى
مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا دۇنيادا يەھۇدىيلارغا يېتىدىغان مىللەت يوق .
بەزى زىيارەتچى ۋە يەھۇدىي تەتقىقاتچىللىرى ، ئۇلارنى كىتابخۇمار بولغانلىقى
ئۈچۈن شۇنداق نەتىجىگە ئېرىشتى دەپ مەتبۇئاتلارنى توشقۇزىۋەتتى .
ئەمما ، ئۇلارنىڭ نەچچە مىڭ يىل سەرگەردانلىق ، قىرغىن قىلىنىشلاردا
ئاسمىلاتسىيە بولماي ، ئۆز تىلى ، مىللى غورۇرى ئۆرىپ ـ ئادەتلىرىنى قوغداپ
قېلىشتا قاتتىق ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشمىدى .
ئەمدىكى گەپ ئۇ ئايال قىزىقىمەن ، تالانىتى دەپلا ، ئۇيغۇرلار توپلاشقا
سورۇندا يات بىر مىللەتنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇرۇپ ، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە
ئىشەنمەي يۈرسە ئەلۋەتتە رەددىيە بېرىشىم كېرەك . ئەگەر ئۇ مىنىڭ
خۇتونۇم يا ئاچام بولۇپ قالغان بولسا شۇ گەپلەرنى قىلغان ئاغزىغا ئۇراتتىم .
كىچىككىنە بىر تال تۆشۈك چوڭ بىر كېمىنى سۇغا غەرىق قىلۋېتەلەيدۇ .
ئۇ ئايالنىڭ كىچىككىنە گەپلىرىمۇ بۈگۈنكىدەك ئىتىقاد ، مىللىي غۇرۇر
سۇسلىشىۋاتقان ، ئۇيالماي يات مىللەت بىلەن توي قىلىۋاتقان جەمىيئەتتە
زەن سېلىشقا ، رەددىيە بېرىشكە ئەرزىيدۇ . بۈگۈن بوپتۇ دېسىڭىز ، ئەتە
بىرسىنىڭ ئاغزىدىن چىن زىدەنگە ئاشىق بولغانلىقىنى ئاڭلايمىز .
مەن ھەقنى سۆزلەيدىغان قەلەندەر ، يوقسۇل دېھقاننىڭ غۇرۇر ئىتىقادى
بولسا شۇنىڭغا باش ئىگىمەن . ئەمما ، ئۆز كىملىكىنى يۇقاتقان ، ياتلار
ئۈچۈن ۋايىم يەپ يۈرىيدىغان پادىشاھ بولسىمۇ باش ئەگمەيمەن .
ئوتتۇز يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان غۇرۇرسىز ئاقىلدىن ، پەزىلەتلىك ساۋاتسىز
كىشىنى چوڭ بىلىمەن .
مەن تىلىمنىڭ ئۇچىدىلا ئۇ ئايالدىن كەچۈرۈم سوراپ قويسام بولمايدۇ .
چۈنكى ياسالمىلىقنى ياقتۇرمايمەن .
كەچۈرۈمنى چىن نىيەت ـ كۆڭۈلدىن سوراش كېرەكقۇ ؟
يارىشىش ياراشماسلىق مۇھىم ئەمەس ، يامىنى كەلسە يا چەكلىنىپ
مىسرانىم تۈرمىسىگە كىرەرمەن . مۇنبەردە مەن يا ئۇ بولمىغانغا ھېچ
نىمە بولمايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-5 03:53 PM