minglak0999 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 07:14 PM
پۇتىن ھەربى ھازىرلىقلارنى تەرەققى قىلدۇرسا بىرىنج ...
«مۈشۈك بىلەن چاشقان» كارتون فىلىمىنىڭ بىر قىسمىدا مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار: ئىت، مۈشۈك، چاشقانلار دوست بولىمىز دەپ كىلىشىم تۈزىشىدۇ، بىر مەزگىل ياخشى دوست بولىشىدۇ، بىر كۈنى ئۇلار يولدا بىر پارچە كالا گۆشىنى تېپىۋىلىپ بىللە پىشۇرىدۇ، ئاندىن تەقسىملەيدىغان ۋاقىتتا، ئىت گۆشنىڭ %70 تىنى ئۆزىگە، 20% نى مۈشۈككە، %10 تىنى چاشقانغا بۆلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار جىدەللىشىدۇ، شۇ ۋاقىتتا گۆش قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ، ئەۋرەز يولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھېلىقى كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلاپ، قايتىدىن ئۇرۇش جىدەلنى باشلىۋىتىدۇ.
مەن دۆلەتلەر ئارا تۈزۈشكەن قانداقتۇ دوسلۇق كېلىشىمى دىگەندەكلەرگە ئىشەنمەيمەن. بولوپمۇ، شەرقلىقلەر بىلەن روسيە دەك بەزى دۆلەتلەر تۈزۈشكەن شەرتنامىگە. قېنى كۆرەمىز، ۋاقتى كەلسە، ئۇنداق دوسلۇق شەرتنامىسى دىگەن 2 پۇلغا ئەسقاتمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ.