kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 10:52 PM
سىزگە كىم شۇنداق دەيدۇ؟ بولسا تۇلۇق دەلىل ئىسپات بىل ...
توغرا، تۇرك ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئىتنىك مەنبەسى سالجۇق تۈركلەر، لىكىن تەركىۋىدىن تۈركى مىللەرلىرىنىڭ نۇرغۇن ئاساسلىق قاناتلىرى تىپىلىدۇ، بۇ يەردە ئوسمالىنى ئۇيغۇرلار قۇرغانمۇ دەپ تالىشىش ھاجەتسىز ، چۈنكى ئۇيغۇر دىگەن بۇ مىللەت نامىنىڭ بىزنىڭ مىللى كىملىگىمىز پولۇپ ئومۇملىشىشقا باشلىغىنىغا ئەمدى يۈز يىللارچە بولدى، لىكىن بىزنىڭ تۈرك ئاتالغان ئەجداتلىرىمىز يەنى ئۇيغۇر ئەجدادى شۇ چاغلاردا ئوسناملىنىڭ قۇرۇلۇپ چىقىشىغا ھەر جەھەتتىن بولۇپمۇ سىياسى ئارقا كۆرۈنۈش تەرەپتىن ئىنتايىن چوڭ تەسىر قىلغىنى ئىنىق، بۇنى سۆزلىسە گەپ تولا،
گەپنىڭ قىسقىسى ئوسمانلىنىڭ ئاساسلىق ئىتنىك تەركىۋى بىزنىڭ غولىمىزدىن يەنى ئالتاي تاغ تىزمىلىرى ئەتراپلىرىدىن ئايرىلىپ چىققان سالجۇق تۇركلەر، بىز بولساق بۈگۈنكى كۈنگە قىلىپ مۇنبەردە بولسىمۇ ئانچە مۇنچە كاپشىپ قويالايدىغان قالدۇق تۇركلەر.....
ئەسكەرتىش، سالجۇق تۇركلىرىنى ئۇيغۇر بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ تۇرىۋىلىش، ياكى ھازىرقى ئۇيغۇر ئىتنىك تەركىۋىدە سالجۇقلار يوق دەپ قاراش ئىمىلىك ئەمەس، بۇ خۇددى ئۆزبەك بىلەن ئۇيغۇر ئىككى ئايرىم مىللەت، بىر بىرى بىلەن ئالاقىسى يوق دىگەندەك تۈكى يوق پاراڭ.
خۇددى تۇركىيە مائارىپ مىنىستىرى ئىيتقاندەك تۇرك دىگەن ئۇيغۇر دىمەكتۇر، ئۇيغۇر دىگەن تۇرك دىمەكتۇر.
ئەگەر مىللەت قەۋىم قەبىلە قانات دەپ بەك زىل بۆلۈپ كەتسە ئۇيغۇرلارنى ئۇ چاغدا ئىچىدىن نۇرغۇن خىل نەرسە تىپىلىدىغان بىر قاچا زاخۇيتاڭغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaro تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-5 11:32 PM