ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن (بىز چوقۇم ئاللاھنىڭدۇرمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز)
بۇ شائىرىمىزنىڭ شېئىرىنى قايسى كۈنى بىر مۇنبەردە كۆرۈپ شۇنداق ئەسلەپ كەتكەنتىم، ئەپسۇس بۈگۈن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپتىمەن. ھەقىقەتەن قەلىمى ئۆتكۈر يازغۇچىمىز ئىدى.
چالا تەككەن ئوق
مەمتېلى زۇنۇن
ۋادىرىخا، ئوقنى تەگكۈزدۇق چالا،
شۇ سەۋەپتىن باغرىمىز قانلىق يارا.
قامچا-كالتەك ئاستىدا قالدۇق بىز يانا،
قوش بىلەن سۆرەمگە مەھكۇم، مەھكۇم ئۇي-كالا.
قەھرىمىزدىن ئوت چېچىلدى قانچە رەت،
قىپ-قىزىل يالقۇنغا چۆمدى تاغ-دالا.
كۆيمىدى يانغىندا سىرىتماق نە ئۈچۈن؟!
نە ئۈچۈن بىز بۇ بالا، بالاغا مۇپتلا!؟
ئەمدى بىلسەم، ئوقنى تەگكۈزدۇق چالا،
ھەممىدىن يامان ئىكەن سۈلھى-سالا.
ۋادەرىخا! ئوقنى بىز تەگكۈزدۇق چالا،
ھەممىدىن يامان ئىكەن سۈلھى-سالا.
http://bbs.kaxtexi.cn/read.php?tid=19441