|
|
|
|
سوخۇ تەنتەربىيە خەۋىرى: بۇ يىل جۇڭگو بىرلەشمىسىدىكى شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبى ئىككى دۇنياۋىي چولپاننى يەنى ئانېلكا بىلەن دېروگبانى ئارقا-ئارقىدىن كوماندىغا قوشىۋالدى، ئەمما شاڭخەي شېنخۇا تەرەپ يەنە قەتئىيلىك بىلەن :«كېيىنكى قېتىم بىز سېتىۋالماقچى بولغان داڭلىق چولپان چوقۇم سىلەرنى قورقىتىۋېتىدۇ، ئۇنداقتا زادى قايسى داڭلىق چولپان جۇڭگو توپ مەستانىلىرىنىڭ قورقىتالايدۇ؟ جاۋابى: كىرىستىيانو رونالدو.
كىرىستىيانو رونالدونىڭ خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى بىلەن داۋاملىق توختام مەسىلىسىدە بىرلىككە كىلەلمەسلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بولغاندا ياۋروپادىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاللىقاچان كىرىستىيانو رونالدو ئۈچۈن يېڭى بىر ئائىلە ئىزدەشكە باشلىدى. ئىتالىيە «ئاسمان تەنتەربىيە» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىدا سوغۇق مۇئامىلە ۋە قەدىرلىمەسلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سامان يولى جەڭ كېمىسى ئۈچۈن ئاللىقاچان ئۈچ يىل توپ تەپكەن كىرىستىيانو رونالدو كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىغا كەلگەن. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئانېلكا ۋە دېروگبادىن ئىبارەت ئىككى چولپاننى سېتىۋالغان شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبىمۇ «ئاسمان تەنتەربىيەسى گېزىتى» باھالاپ چىققان كىرىستىيانو رونالدونى سېتىۋالىدىغان 10 چوڭ كۇلۇب قاتارىغا تېزىلغان.
شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبىنىڭ ھەقىقەتەن كىرىستىيانو رونالدونى سېتىۋېلىش نىيىتى بار بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ يىل يازدا دەسلەپكى قەدەمدىكى ئالاقىنى باشلىغان. يەنى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شېنخۇا كۇلۇبى ئالاقىدار خادىملار ئارقىلىق كىرىستىيانو رونالدو ۋە ئۇنىڭ ۋاستىچىلار ئۆمىكى بىلەن ئالاقىلاشقان. شۇۋاقىتتا شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبى كىرىستىيانو رونالدو ئۈچۈن خېلى يۇقىرى بولغان يىللىق مائاشنى ھەمدە ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بىر لاھىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن خان مادرىد كۇلۇبى ئوتتۇرىسىدا يىرىگىلىشىش يۈز بەرگەنلىكتىن تېخىمۇ ئىشەنچكە تولغان شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبى داڭلىق چولپاننى سېتىۋېلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى چوڭ دەپ قارىغان. ئەگەر پورتىگالىيەلىك چولپاننىڭ داۋاملىق توختام مەسىلىسى ياخشى بولماي قالسا، ئۇنداقتا شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبى بۇ پەسىللىك جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ياۋروپانىڭ قېشلىق يۆتكىلىش بازىرى ئېچىلغاندا كىرىستىيانو رونالدونى سېتىۋېلىش ئىشىنى باشلايدىكەن.
مەنبە:نۇر تورى .http://www.nur.cn/news/2012/09/80841.shtml
|
|
|
|
|
|