mashrab يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 11:59 PM
بىز خەخ بۇ يەردە كومپىيۇتىرغا قادىلىپ ئولتۇرۇپ كۆزىمى ...
گەپنى ئۇنداق يوغان قىلمايلى مەشرەپجان،بېرمىدىكىلەر بىزنى بىلەمدۇ-بىلمەمدۇ بۇنى سىز ئۇقمايسىز،چۈنكى سىز بېرمىغا بېرىپ باقمىغان،بېرمىدىكى روھىڭيا قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىزگە قارىغاندا خەلقئارا نەزىرنىڭ كەڭلىكى ناھايىتى ئېنىق ،بۇنى ئۇلارنىڭ مىسىر سۈۋەيىش قانىلىنى قايتۇرۋالغان چاغدا كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەنگىليەگە بولغان نارازىلىقنى ئىپادىلگەنلىكتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ،مېنىڭچە سىلى بىز ئۇ چاغلاردا جاھاندا نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىدىن بىخەۋەر يۈرگەن بولغىيدۇق.بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ بىزمۇ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشمىز كېرەك دېگىنىم ئەمەس ،لېكىن ھېچ بولمىسا دۇنيا ئىشلىرغا نەزەر سېلىشىمىز،ھەرگىزمۇ بۇرۇنقىدەك قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك يۈرمەسلىكىمىز كېرەك دېمەكچى.
مۇشۇنچىلىك بىر دۇنيادىكى بىزگە ئوخشاس مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردىغان ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويغانغا ئۇنداق ئېغىر قالپاقنى كەيگۈزۈشىڭىز بىھاجەت ئىدى،دۇنيادىكى باشقا جايلارنىڭ ،باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنگەنلىكنىڭ نەرى خاتا؟