izqel يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 09:32 PM
ساقال بىلەن ياغلىقنى چەكلەش قاچان،كىمدىن كەلگەن بۇيرۇ ...
تۈنۈگۈن شىنجاڭدىن مەركەزنىڭ ئالدىمزىدا تەبىركلەيدىغان چوڭ تىپتىكى پائالىيتىنىڭ مۇقىم ،بىخەتەر،تىنىچ ھالدا ئۆتكۈزلىشىىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئىچكىردىكى تارقاق ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چوكۇش ئارقىلىق ، ئىچكىردىكى جۇملىدىن ئومۇمى جەھەتتىن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرنى چۈشىنىششى ،ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلشىدىن ئىبارەت تىنىچ جەمىيئەت يارتىشتىن ئىبارەت شانلىق خىزمەتنىڭ ئىلگىرى سۈرلىشىىگە كاپالەتلىك قىلشى ئۈچۈن ،زور تۈركۇمدىكى يۆتكەپ كەلگەن كوماندىر-ساقچىلار ئىچىدە ، بىز ئولتۇرۋاتقان رايۇنغا مەسئۇل بولغان ساقچىلار، بىيجىڭنىڭ يەرلىك بىر قانچچە ساقچىللىرى بىلەن بىرلىكتە بىز بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى . ئاخىردا سۆھبەت ئاخىرلىشىپ بىزلەر بىلەن خوشلىشىدىغان ۋاقىتتا، بىزلەردىن قانداق قىيىنچىلىقڭلار بولسا ۋە قانداق پىكىرىڭلار بولسا بىزلەرگە دەڭلار بىز چوقۇم ھەل قىلشقا تېگشلىك بولسا ھەل قىلىپ بىرىمىز دىگەن سۇئالىغا ، بىزنىڭ بۇ يەردە قىيىنچىلىقىمىزنىڭ يوقلىغىنى ،بارلىق قىيىنچىلىقىمىزنىڭ شىنجاڭدا قالغانلىقىنى ،شىنجاڭدا قالغان قىيىنچىلىقنىڭ ئاساسى مەسىلە بولسا ، يەرلىك ھۆكۇمەتنىڭ قالايمىقان سىياسەتلەر ئارقىلىق دىنىى ئىتقاتىمزىغا ئىغىر دەرىجىدە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشى ئارقىلىق يەرلىك ئاممىنىڭ مەركەز جۇملىدىن پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا قارتا نارازىلق كەيپىياتى پەيدا قىلىشى كەيپىياتىنى شەككىلەندۇرپ قويۋاتقانلىقىنى مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئىشلار ئۈستىدە ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭدا يىقىندىن بىرى يۈز بىرىۋاتقان ئىغىر دەرىجىدىكى بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرى ئۈستىدە سوغۇققانلىق بىلەن يىڭى باشتىن قاراپ چىقلسا ، دىيارىمزىدىكى كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ بۇ ئىشلارغا نىسپەتەن قاتىق نارازى بولۋاتقانلىقىنى ، يىقندىن بىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۇمەتنىڭ بۇ ئىشلارغا قارتا يەرلىكلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلەرنى مۇۋاپىق ھالدا تەڭشەپ چىقىشىنى زور ئۈمۈتلەرنى كۈتىۋاتقانلىقىنى .... بولسا مەركەزنىڭ بۇ پىكىرلىرىمگە دىققەت قىلىپ قويسا دىگەندەك پىكىرلەرنى بىرىپ قويدۇق .
بىزنىڭ دىگىنىمىزغۇ ئىغىزىمىزدىلا قالىدۇ، شۇنداقتىمۇ مۇشۇنداق يولى كىلىپ قالغاندا ئىككى ئىغىز پىكىرنى بىرىپ قويدۇق . لىكىن قوساقلىىمىز خىلا بوشاپ قالدى .
ئارىدا ئۇيغۇرچىنى سۇدەك راۋان بىلدىغان خەنزۇ ساقچىلاردىن بىر-ئىكىكسى باركەنتۇق ، بۇلار بىلەنمۇ يۇقارقى كۆپ مەسىللەر ئۈستىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرپ چىقتۇق .
مىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى ،ساقچىلار ياتاقنىڭ ئىشكىنى چەككەن ئىدى بىرىپ ئىشىكنى ئاچسام ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم دىگەن سالىمى بىلەن ، قىنى يۇقىرغا ئۆتۇڭلار دىسەم ، ئايىغىمىزنى سىلىۋىتەيلى ( ياتاقنىڭ تىگىدە گىلەم بار ئىدى ، ئاياغ بىلەن چىقىشنى ئەخلاقسىزلىق بىلگەن بولۇشى مۈمكىن ) دەپ شۇنداق كىچىك پىل ئەخلاقلىق بولۇپ كىتىشى ، بىر ئازدىن كىيىن پاراڭ ئارىسىدا ، ۋۇي ! سائەت 1:00 دىن ئىشىپتۇ بۈگۈن جۈمە تۇرسا ،جۇمە نامزىغا بارماپسىلەرغۇ دىگەن سۆزلىرى بولدى .
بۇلار شىنجاڭدا پۇقرالارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلسا ساراڭمۇ پۇقرالار دۆلەتنىڭ يۈزىنى تاتلىغىلى .