Rujak يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 10:25 PM
ئاز تەۋرەپتۇ ،يەنە سەل پەل كۈچىگەن بولسا ..................
نۇمۇس قىلسىڭىزچۇ بۇ گەپنى دىگىچە؟ قەلبىڭلىنى نەپرەت ئۆچمەنلىك قارا قىلىتىپتۇ، ئەگەر بۇ كۈن سىلىنىڭ، خوتۇن بالاڭلىنىڭ ، ئاتا ئانا ئۇرۇق تۇققانلىرىڭلىنىڭ بىشىغا كەلسە ، باشقا بىراۋلار ئامدان بولاپتۇ دەپ چاۋاك سالسا سىلى قاندا ئويلايسىلە؟
بوپتۇ سىلىنى كاپىرلىغا يولداشلىغا ئۆچ شۇنىڭ ئۈچۈن خوش بولاپ شۇندا دىدى دەيلى، لىكىن سىلى بىر ئىنسانغۇ؟ قۇرئاندىكى بىر ئادەمنى قۇتقۇزغانلىق دۇنيانى قۇتقۇزغانلىق، بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىك دۇنيانى ئۆلتۈرگەنلىك دىگەننى ئوقۇمىغانما؟
سىلىنىڭ بۇ ئىدىيەلىرىنى تار مەنىدىكى رادىكالچە تەپەككۇر دەيدۇ، بىزلا ئەمەس باشقا مىللەتلەرمۇ بۇنىڭ دەىنى ئاز تاتمىدى، سىلى بۇ قاتتىق ئۆتەك ئىدىيەڭلا بىلەن مىنى غالچا، مىللەت خايىنى دەپ تىللىشىڭلا ئىنىق، لىكىن بۇ يەرلەردىمۇ يەر تەۋرەپ سىلى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەملە خارابىلىنىڭ ئارىسىدا قانغا چىلىشىپ ياتقاننى بىر ئويلاڭلا
بىز بوپتۇ كاپىرنىڭ يۇرتىغا يەر تەۋرىگەنگە ئىپادە بىلدۇرمەيلى، ھىسداشلىقمۇ قىلمايلى ، بىر پۇڭ ئىئانىمۇ قىلمايلى، لىكىن مۇسىبەتكە بالا قازاغا بەك ئامدان بوپتۇ دەپ چاۋاك چىلىپ دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئالدىدا چاۋىمىزنى چىتقا يايغىنىمىزنىڭ نىمە پايدىسى؟ سىز ئۇكام بۇ ئىدىيەرىڭىزدىن پەخىرلىنىپ ئۆزىڭىزنى مىللى قەھرىمان سانىغان بولسىڭىز ئاۋۇ قۇلاقچىىزنى ئالدىڭىزغا ئىپ قوياپ ئويلۇنۇپ بىقىڭ .
ياپونىيەدە يەر تەۋرەپ نۇرغۇن ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىغاندا دۆلىتىمىزدىمۇ بىر قىسىم ئىنسان قىلىپىدىن چىققان قاتتىق ئۆتەكلەر پوجاڭزا ئىتىپ شىر ئۇسۇلى ئويناپ تەبرىكلەشكەن، سىز بۇنى ئويلاپ بىقىڭ ئۇكام، سىزچە نەپرەتلىكمۇ ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن دۇ دۆلەت پۇتۇن جاھان خەلقىنىڭ ئەيىپلىشىگە ھەتتا ئۆزىنى قاچۇرىشىغا ئۇچرىدىغۇ؟ سىز ئۇكام بۇنداق رادىكالچە ئىدىيەدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ كىتىڭ ، سىزنىڭ بۇ ئىدىيەرىڭىزنى مىللەتچىلىك ديىشكە بولمايدۇ، پەقەت مىللەتچىلىكە ھاقارەت قىلدى دىيىشكە بولىدۇ، بۇنى 反人类 دەيمىز،
سىز ھۆكۈنەت بىلەن پۇقرانى ئايرىپ ئويلاشنى بىلىۋىلىڭ ، مەسىلەن ، تۈركىيەگە كەلسەك سىز مەنچە چوقۇم تۈركىيەگە ھىرىسمەن، بىز بىلەن يىقىن، بىر دىن بىر ئۇلۇس، قىرىنداش ھەم مۇسۇلمان دۆلەت دەيسىز، لىكىن سىز بىلەن قىرىداش، سىزگە ھىسادشلىق قىلىدىغىنى تۇرك ھۆكىمىتى ئەمەس بەلكى كۆپ قىسىم تۈرك خەلقى. تۈرك ھۆكۈمىتىچۇ؟ تۇرك دۆلىتىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن سىزنى مىنى ۋاقتى كەلچە كۆزىنى چىمچىقلاتماي تۇرۇپ سىتىۋىتىشى مۇمكىن ، شۇنداقمۇ بولغان،
ئۇكام ، مەيلى قايسى تايىپىدىن بولسۇن، مۇسىبەت ئۈچۈن خوش بولۇپ ھەجەپ ئامدان بولاپتۇ دەيدىغان مىجەزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، بۇ ساپا مەسىلىسى ئۇكام، سىزمۇ بەلكىم ئاتا بولغۇچى يا بولمىسا كەلگۈسىدىكى بىر ئاتا ، ئامدام ئويلۇنۇڭ،
ئەگەر سىز مىنى بۇ ئىنكاس ئۇچۇن تىللاپ ھاقارەتلەپ قوپسىڭىز مەن ھەرگىز رەنجىمەيمەن، چۈنكى مەن ئۆزەمنىڭ ئويلىغىنىنى باشقىلارغە تاڭالمايمەن، پەقەت ئۆزەمنىڭ قارىشىنى ئىيتىپ ئۆتتۈم ، بەلكى سىزگە ياقمىغىنى بىلەن 100 مىڭ ئەزانىڭ باشقىلىرىغا يىقىپ قالار ، سىزنى قىرىنداش ئىنىم ئورنىدا كۆرۈپ سۆزلەپ قويدۇم،